« زەبۇر »

78

ئاساف يازغان تەربىيەۋى مۇناجات

1ئەي خەلقىم، قۇلاق سالغىن تەلىمىمگە،

زېھنىڭنى بەر مېنىڭ ھەربىر سۆزلىرىمگە.

2ھېكمەت بىلەن ئاچاي مەن ئاغزىمنى،

بايان ئەيلەپ سىلەرگە ئۆتمۈشتىكى ساۋاقلارنى.

3بىزگە ئېيتىپ قالدۇرغان بۇلارنى ئەجدادىمىز،

ئاڭلىغان ۋە بىلگەنتۇق بۇلارنى ئۇلاردىن بىز.

4نەسلىمىزدىن يوشۇرمايمىز شۇڭا ئۇلارنى،

بىز سۆزلەپ بېرىمىز ئەۋلادلارغا،

خۇدانىڭ شەرەپلىك ئىشى ۋە قۇدرىتىنى،

ھەم ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى.

5پەرزلىرىنى چۈشۈردى ئۇ ياقۇپ نەسلىگە،

قانۇنلىرىنى تۇرغۇزدى ئۇ ھەم ئىسرائىللارغا.

«بالاڭلارغا ئۆگىتىڭلار بۇلارنى» دەپ،

ئەمر قىلغانىدى ئۇ ئەجدادىمىزغا.

6ئەۋلادلىرىمىز بۇلارنى چوقۇم بىلگەي،

ھەتتا تۇغۇلماقچى بولغان بالىلارمۇ،

ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بالىلىرىغا ئۆگەتكەي.

7يار-يۆلەك قىلغاي ئۇلار خۇدانى،

رىئايە قىلىپ ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە،

ئەجرىنى پۈكۈپ كۆڭۈللىرىگە.

8دورىمىسۇن ئۇلار ئەجدادلىرىنى _

ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىز، جاھىللىقىنى.

سەمىمىيەتسىزلىك بولمىسۇن دىللىرىدا،

ساداقەتسىزلىك بولمىسۇن ئۇلاردا.

9ئوقيالىق بولسىمۇ ئەفرايىم نەسلى،

جەڭدە ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچتى.

10ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىگە بويسۇنمىدى،

ھەم ئۇنىڭ قانۇنى بويىچە ماڭمىدى.

11ئۇنتۇغاندۇر ئۇلار خۇدانىڭ ئىشلىرىنى،

يەنە ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى.

12مىسىردىكى زوئان دالالىرىدا،

كۆرسىتىلگەنىدى مۆجىزە ئەجدادلىرىمىزغا.

13دېڭىزنى يېرىپ ئۇلارنى ئۆتكۈزگەنىدى،

سۇنى قىيا كەبى تىك تۇرغۇزغانىدى.

14كۈندۈزى يېتەكلىسە ئۇلارنى بۇلۇت بىلەن،

كېچىسى يول باشلىغانىدى ئوتنىڭ نۇرى بىلەن.

15ئۇ چۆلدە تاشنى يېرىپ سۇ چىقارغانىدى،

سۈيىنى دېڭىز كەبى مول قىلغانىدى.

16تاشلاردىن ئېتىلىپ چىقىپ سۇلار،

ئاققانىدى دەريا كەبى ئۇلار.

17ئەمما چۆلدە ئىسيان كۆتۈردى ئۇلۇغ خۇداغا،

شۇنىڭ بىلەن پاتتى ئۇلار يەنە ئېغىر گۇناھقا.

18ئۇلار قەستەن سىناپ خۇدانى،

نەپسى ئۈچۈن تەلەپ قىلدى تائامنى.

19دېگەنىدى ئۇلار ھاقارەت قىلىپ خۇداغا:

«سالالامدۇ داستىخان مۇشۇ چۆل-دالاغا؟»

20دەرۋەقە، ئۇ ئۇرۇۋىدى تاشنى،

سۇلار بۇلاقتەك ئېتىلىپ چىقتى.

«ئەمدى ئۇ بىزگە نان بىلەن

گۆشنى بېرەلەمدۇ؟» دېيىشتى.

21ئاڭلاپ بۇنى پەرۋەردىگار غەزەپلەندى،

ياقۇپ نەسلىگە غەزەپ ئوتى چۈشتى،

قەھرى ئۇنىڭ ئىسرائىل نەسلىگە تەگدى.

22ئىشەنمىدى ئۇلار خۇداغا،

تايانمىدى ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا.

23بىراق خۇدا ئەمر قىلىپ يەنە ئاسمانغا،

بۇيرۇدى ئەرشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشقا.

24يېمەكلىكى ئۈچۈن كۆكتىن ياغدۇردى ماننا،

دېمەك، ئەرش يېمەكلىكىنى بەردى ئۇلارغا.

25ئىنسانلار پەرىشتىلەرنىڭ نېنىنى يېدى،

خۇدا ئاتا قىلغاچ بۇنى، ئۇلار تويدى.

26خۇدا كۆكتە ئۇچۇردى شەرق شامىلىنى،

يېتەكلەپ كەلدى جەنۇب شامىلىنى.

27چاڭ-توزاندەك ياغدۇردى گۆشلەرنى ئۇلارغا _

قۇشلارنى قوندۇردى ساھىلدىكى قۇملار كەبى ئەتراپىغا.

28ئۇ ياغدۇردى بۇلارنى بارگاھلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا،

چۈشۈردى چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا.

29ئۇلار يېدى خالىغانچە، تويدى قورساقلىرى،

بولدى ئىجابەت ئۇلارنىڭ خۇدادىن تىلىگەنلىرى.

30لېكىن نەپسى ئۇلارنىڭ تېخى تويماي تۇرۇپلا،

چايناۋاتقان گۆشلىرى ئېغىزلىرىدا تۇرغاندىلا،

31غەزىپى كېلىپ خۇدانىڭ ئۇلارغا،

قىرىۋەتتى ئۇلارنىڭ ئەڭ جەسۇر پالۋانلىرىنى،

ئىسرائىللارنىڭ ياراملىق ياش يىگىتلىرىنى.

32كۆردى شۇنچە كۆپ كۆرگۈلۈكنى، لېكىن توۋا قىلمىدى،

كۆردى شۇنچە كۆپ مۆجىزىلەرنى، لېكىن ئاڭا ئىشەنمىدى.

33شۇڭا خۇدا ھاياتىنى ئۇلارنىڭ

ئاخىرلاشتۇردى مەنىسىزلىك ئىچىدە،

ئۆتتى يىللىرى دەككە-دۈككىدە.

34ئۆلۈم كەلگەندە ئۇلار ئەسكە ئالدى خۇدانى،

توۋا قىلىپ ئىخلاس بىلەن ئىزدەشكە باشلىدى ئۇنى.

35ئويلىدى ئۇلار «قورام تاشتەك باشپاناھىمىز _

ئۇلۇغ خۇدا _ قۇتقۇزغۇچى، نىجاتكارىمىز.»

36لېكىن ئۇلارنىڭ ماختاشلىرى ئېغىزدا ئىدى،

تىللىرىدا دېگەنلىرى يالغان ئىدى.

37خۇداغا سادىقلىق يوق ئىدى كۆڭۈللىرىدە،

شۇڭا ئەمەل قىلمايتتى تۈزگەن ئەھدىسىگە.

38بىراق خۇدا يەنىلا رەھىمدىل بولغاچ،

گۇناھلىرىنى كەچۈرۈپ، يوقاتمىدى ئۇلارنى،

قايتا-قايتا بېسىۋالدى غەزىپىنى،

ھەم تۆكمىدى قەھرىنىڭ ھەممىسىنى.

39ئەسلىدى ئۇ ئۇلارنىڭ ئىنسانلىقىنى،

نەپەس كەبى كەتسە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى.

40بىراق ئۇلار ئىسيان قىلغاچ چۆلدە تالاي قېتىم،

ئازار يەپ دىلى خۇدانىڭ، بولدى كۆڭلى يېرىم.

41ئۇلار قايتىدىن يولدىن چىقىپ سىناپ خۇدانى،

زېدە قىلدى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن

مۇقەددەس خۇدانىڭ يۈرىكىنى.

42ئۇنتۇدى ئۇلار خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى،

ئەستىن چىقىرىپ ياۋدىن قۇتۇلدۇرغان كۈنىنى.

43ئۇنتۇدى ئۇلار خۇدانىڭ مىسىردىكى مۆجىزىلىرىنى،

زوئان تۈزلەڭلىكىدە كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.

44قانغا ئايلاندۇرۇپ قويغاچ خۇدا دەرياسىنى ئۇلارنىڭ،

ئىچمەك مۇمكىن بولمىدى سۇلىرىنى دەريانىڭ.

45نەشتەرلىك چىۋىن ئاپىتى پەيدا قىلدى ئۇلارغا،

پاقىلارنى ئەۋەتتى زېمىنىنى خاراب قىلارغا.

46ئېتىزلىرى ئۇچرىدى چېكەتكىلەر ھۇجۇمىغا،

ھوسۇللىرىنىڭ ھەممىسى يەم بولدى ئۇلارغا.

47ۋەيران بولدى مۆلدۈردە ئۈزۈمزارلىرى،

ئۈششۈپ قالدى سوغۇقتا ئەنجۈرلىرى.

48مۆلدۈر تېگىپ ۋەيران بولدى قوي-كالىلىرى،

كۆيۈپ كەتتى چاقماق سوقۇپ چارۋا-ماللىرى.

49قەھر-غەزەپ، كۈلپەت، نەپرەت ياغدى خۇدادىن،

كەلدى بۇ بىر تۈركۈم بۇزغۇنچى پەرىشتىلەر ئەرشتىن.

50غەزىپى چەككە يېتىپ خۇدانىڭ،

جېنىنى ئايىماق بولۇپ ئۇلارنىڭ،

ۋابا كېسەل ئەۋەتتى ئۇلارغا.

51پەرۋەردىگار ئۆلتۈرۈۋەتتى مىسىردا بارلىق تۇنجى بالىلارنى،

يەنى ھام* چېدىرىنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇللارنى.

52ئۇ خەلقىنى پادا كەبى باشلاپ ماڭدى چوپان بولۇپ،

چۆل-باياۋان، جەزىرىدە پادىسىغا قويچى بولۇپ.

53ئامان-ئېسەن قىلغاچ خۇدا ئۇلارنى،

قورقۇنچتىن خالىي ماڭدى يولىنى،

غەرق قىلدى دېڭىزغا دۈشمەنلىرىنى.

54خۇدا يېتەكلىدى ئۇلارنى مۇقەددەس زېمىنىغا،

ئېلىپ كەلدى ئوڭ قولىدا ئېرىشكەن تېغىغا.

55خۇدا قوغلىۋېتىپ ئۇ يەردىن يات ئەللەرنى،

ئىسرائىللارغا بۆلۈپ بەردى يەرلىرىنى.

ئىسرائىل قەبىلىسىگە ئېلىپ بەردى ئۆيلىرىنى.

56ئەمما ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ،

سىناپ كۆردى ئۇلۇغ خۇدانى،

تەرك ئەتتى ئۇنىڭ پەرزلىرىنى.

57ئەجدادلىرىدەك يولدىن تېيىپ ۋاپاسىزلىق قىلدى ئۇلار،

ئىشەنچسىزلىكتە خۇددى ئېگىلىپ كەتكەن ياغا ئوخشار.

58ئېگىزلىكتە قۇرۇپ ئىبادەتگاھلار،

ياساپ ئۇنىڭغا ھەرخىل بۇتلار،

كەلتۈردى ئۇلار خۇدانىڭ ئاچچىقىنى،

ئۆرتىدى خۇدانىڭ يۈرىكىنى.

59بۇنى كۆرۈپ غەزەپلەندى پەرۋەردىگار،

رەت قىلىندى شۇ ھامان ئىسرائىللار.

60تەرك ئەتتى ئۇ يەنە شىلودىكى* ماكانىنى،

ئىنسانلار ئارىسىغا تىككەن چېدىرىنى.

61قۇدرىتىنى تاپشۇردى ئۇ ئەسىرلىككە،

شۆھرىتىنى* بەردى ھەم دۈشمەنلەرگە.

62تاشلاپ بەردى ئۆز قوۋمىنى قىلىچ ئاستىغا،

چاچتى ھەم غەزىپىنى ئۇلار بېشىغا.

63ئوتتا كۆيدى ئۇلارنىڭ قىران يىگىتلىرى،

ناخشا-كۈيسىز قالدى بەرنا قىزلىرى.

64يىقىلسىمۇ روھانىيلىرى تىغ ئالدىدا،

تۇل قالغان ئاياللىرى تۇتالمىدى ھازا.

65بۇ چاغ ئىگەم ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەم كەبى،

شارابنىڭ كۈچى بىلەن روھلانغان باتۇر كەبى.

66مەغلۇپ قىلىپ چېكىندۈردى رەقىبلىرىنى،

مەڭگۈگە رەسۋا قىلىپ ئۇلارنى.

67خۇدا رەت قىلىپ يۈسۈپ چېدىرىنى،

تاللىماستىن ئەفرايىم قوۋمىنى،

68بەلكى تاللىدى يەھۇدا قوۋمىنى،

يەنى ئۆزى سۆيگەن سىئون تېغىنى.

69قۇرۇلدى مۇقەددەس ئىبادەتگاھ ئاسمان-پەلەك،

مەزمۇت ۋە ئەبەدىيدۇر ئاسمان-زېمىن يارالغاندەك.

70پەرۋەردىگار تاللاپ داۋۇتنى،

چاقىرىۋالدى قوي قوتىنىدىن ئۇنى.

71يەنى بېقىشتىن ساغلىق قويلارنى،

چاقىردى بېقىشقا ياقۇپ قوۋمىنى _

ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ئىسرائىللارنى.

72باقتى داۋۇت ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ،

يېتەكلىدى شۇنداقلا ماھىر بولۇپ.



*51ھام _ نۇھنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ ئەجدادىدۇر. «ھام چېدىرى» مىسىرنى كۆرسىتىدۇ.

*60شىلو _ ئەفرايىملار ياشىغان بىر شەھەر بولۇپ، يېرۇسالېمدىن 32 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. ئەھدە ساندۇقى دەسلەپكى مەزگىللەردە مۇشۇ يەردە ساقلانغانىدى. «مۇقەددەس كىتاب. بىرىنچى سامۇئىل» 1-بابقا قارالسۇن.

*6161-ئايەتتىكى «قۇدرىتى» ۋە «شۆھرىتى» دېگەن سۆزلەر خۇدا ئۆز قوۋمى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى ساقلانغان ساندۇقنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى