6پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ:
_ مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»، يەنى پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدادۇرمەن. ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيمەن، مېھىر-مۇھەببىتىم مول، ۋاپادارمەن.
[داۋامى]
6ئى پەرۋەردىگار، يادىڭغا ئالغايسەن رەھىمىڭنى،
ئەزەلدىن كۆرسەتكەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى.
[داۋامى]
50مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە
ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.
[داۋامى]
78-79چۈنكى، خۇدايىمىز شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر،
ئۇ ئەرشتىن تاڭ شەپىقىنى ئېلىپ كېلەر بىزگە.
ئۇ نۇرىنى چاچار،
قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسى ئىلكىدە ياشاۋاتقانلارغا،
باشلار بىزلەرنى ئامانلىق يولىغا.»
[داۋامى]
1شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.
[داۋامى]
4لېكىن، ئىنتايىن رەھىم-شەپقەتلىك بولغان خۇدا بىزنى شۇ قەدەر سۆيگەچكە، 5گەرچە بىز گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلگەن بولساقمۇ، خۇدا بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ھالدا يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر پەقەت ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار.
[داۋامى]