11كۆرسىتىپ بېرىسەن ھاياتلىق يولىنى ماڭا،
خۇشاللىق تولۇپ تاشقاندۇر ھۇزۇرۇڭغا،
مەڭگۈلۈك شادلىق باردۇر ئوڭ قولۇڭدا.
[داۋامى]
5ئۆتۈپ كېتەر غەزىپى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە،
ئەمما ئۇنىڭ شاپائىتى ھەمراھدۇر ئاداققىچە.
كېچىچە داۋام ئەتسىمۇ گەر يىغا-زارە،
شاد-خۇراملىق يېتىپ كېلەر سەھەردە.
[داۋامى]
4قۇربانلىق سۇپاڭغا بارىمەن شۇندا،
بىردىنبىر شادلىقىم بولغان خۇدا ئالدىغا.
چېلىپ لىرا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا،
مېنىڭ ئىلاھىم بولغان ئى خۇدا.
[داۋامى]
13ئېتىقاد يولىدا ماڭغىنىڭلاردا، ئۈمىدنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا قەلبىڭلارنى شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-ئامانلىققا تولدۇرغاي! بۇنىڭ بىلەن، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر.
[داۋامى]
22ۋەھالەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشنىڭ بېرىدىغان مېۋىلىرى مېھىر-مۇھەببەت، خۇشال-خۇراملىق، تىنچ-ئامانلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، سادىقلىق، 23مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇلار ھېچقانداق قانۇنغا زىت ئەمەستۇر.
[داۋامى]
24-25ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!
[داۋامى]