« زەبۇر »

150

1ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا،

مەدھىيەلەڭلار خۇدانى مۇقەددەس جايىدا،

قۇدرىتى ئايان بولغان ئەرشئەلادا.

2مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغلۇقىنى.

3مەدھىيەلەڭلار ئۇنى بۇرغا* ساداسىدا،

مەدھىيەلەڭلار چېلىپ چىلتار، لىرا.

4مەدھىيەلەڭلار ئۇنى داپ چېلىپ، چۈشۈپ ئۇسسۇلغا،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەڭكەش قىلىپ نەي ۋە تارلىق سازغا.

5مەدھىيەلەڭلار ئۇنى جاللىلارنىڭ* ياڭراق ساداسىدا،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنى جاللىلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازىدا.

6مەدھىيەلىگەي پەرۋەردىگارنى جىمىكى تىنىقى بارلار،

پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!



*3بۇرغا _ قوچقار قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان قەدىمىي كاناي.

*5جاللا _ مىستىن ياسالغان بىر خىل چالغۇ ئەسۋاب بولۇپ، ئۇ يەنە «جاڭ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى