« زەبۇر »

21

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ئى پەرۋەردىگار، شادلىنار پادىشاھ * قۇدرىتىڭدىن،

خۇشالدۇر ئۇ ئېرىشتۈرگەن غەلىبەڭدىن.

2سەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ ئىستەكلىرىنى،

رەت قىلمىدىڭ سورىغان تىلەكلىرىنى. سېلاھ

3مول بەرىكەتلەر ئاتا قىلدىڭ ئۇنىڭغا،

ساپ ئالتۇندىن تاج كىيدۈردۈڭ بېشىغا.

4ئۆمۈر بەردىڭ ئۆمۈر تىلىسە،

ھاياتىنى ئۇزارتتىڭ مەڭگۈگە.

5زور شۆھرەتكە ئېرىشتۈردى سەن ئىنئام قىلغان غەلىبە،

بەھەيۋەت شەرەپ قۇچتى ئۇ سېنىڭ ھىممىتىڭدە.

6مەڭگۈلۈك بەرىكەت ئاتا قىلىپ ئۇنىڭغا،

ھۇزۇرۇڭدا چۆمدۈرىسەن ئۇنى شادلىققا.

7بەرھەق، پادىشاھ ئىشەنچ باغلار پەرۋەردىگارغا،

ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە تەۋرەنمەس ئەسلا.

8ئەسىر ئېلىپ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى،

ئوڭ قولۇڭدا تۇتارسەن ساڭا ئۆچ بولغانلارنى.

9تونۇردىكى چوغلار كەبى كۆيەر ئۇلار،

نامايان قىلغىنىڭدا قەھرىڭنى،

يالماپ كېتەر ئوت يالقۇنى _

غەزەپلىرىڭ يۇتار ئۇلارنى.

10يوقىتارسەن يەر يۈزىدىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى،

قۇرۇتارسەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدىن نەسلىنى.

11يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ ئۇلار ساڭا،

ئويلاپ چىقسىمۇ ھەم ھىيلە-مىكىر،

ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرالماس پەقەتلا.

12چېكىندۈرىسەن ئۇلارنى،

يۈزلىرىگە بەتلىگەندە ئوقيايىڭنى.

13ئى پەرۋەردىگار كۆرسەتكەيسەن قۇدرىتىڭنى،

ناخشا ئېيتىپ مەدھىيەلەيلى غەلىبىلىرىڭنى.



*1بۇ مۇناجاتتا تىلغا ئېلىنغان «پادىشاھ» ئەمەلىيەتتە داۋۇت پادىشاھنىڭ ئۆزى بولۇپ، خۇداغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ۋە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ئۈچىنچى شەخسنىڭ تىلى بىلەن بايان قىلغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى