« زەبۇر »

99

1ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار!

ئۇ كېرۇبلار* ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرار،

ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تىترىسۇن پۈتكۈل قوۋملار،

ھەيۋىسىدىن زىلزىلىگە كەلسۇن ھەممە جايلار.

2ھۆكۈمراندۇر سىئونغا پەرۋەردىگار،

ئۇ بارلىق قوۋملار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرەر.

3مۇقەددەستۇرسەن ئى پەرۋەردىگار،

ھەيۋەتلىك، بۈيۈك نامىڭنى مەدھىيەلىسۇن ئۇلار.

4ئى ئادالەت سۆيگۈچى قۇدرەتلىك شاھىمىز _ خۇدا،

ئادىللىقنى ئورناتقانتىڭ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئارىسىغا،

ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئەمەلگە ئاشقانىدى ئۇلاردا.

5پەرۋەردىگارىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار،

ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلىڭلار.

چۈنكى ئۇ مۇقەددەستۇر!

6مۇسا ۋە ھارۇنلار ئۇنىڭ روھانىيلىرىدىندۇر،*

سامۇئىلمۇ ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغانلاردىندۇر.

ئۇلار دۇئا قىلغاندا پەرۋەردىگارغا،

بەرھەق ئۇ جاۋاب بەرگەنىدى ئۇلارغا.

7پەرۋەردىگار سۆزلىگەنىدى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن* ئۇلارغا،

ئۇلار ئەمەل قىلىشتى خۇدا بەرگەن پەرز-پەرمانلارغا.

8ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، جاۋاب بەردىڭ ئۇلارغا.

ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلدىڭ دائىما،

ئەمما جازالىدىڭ ئۇلارنى توۋا قىلمىغىنىدا.

9پەرۋەردىگارىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار،

مۇقەددەس سىئون تېغىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار،

چۈنكى مۇقەددەستۇر پەرۋەردىگارىمىز!



*1كېرۇب _ پەرىشتىگە ئوخشايدىغان، ئەرشتە ياشايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇق. ئەينى ۋاقىتتا خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە بۇ مەخلۇقنىڭ ئىككى دانە ھەيكىلى ئورنىتىلغان. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يەنە بىر ئىسمى «خۇدانىڭ تەختى»دۇر. شۇ سەۋەبتىن «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرار» دەپ ئېلىنغان.

*6روھانىي _ خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىچىلىككە تەيىنلىنىپ، ئۆزى ۋە ئۆز خەلقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدىغان، دۇئا قىلىدىغان، شۇنداقلا خەلقنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا تەۋرات قانۇنىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان ئادەم.

*7بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن _ مۇسا ئۆز قوۋمىنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، چۆل-باياۋاندا يول باشلاپ كېتىۋاتقىنىدا ئاسماندىن بۇلۇت تۈۋرۈكى چۈشۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى بۇلۇت تۈۋۈكىنىڭ ئىچىدىن ئاڭلانغانىدى. «تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 33-باب 9-ئايەتكە قارالسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى