« زەبۇر »

65

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ھەمدۇسانا ئوقۇماق بولۇپ ساڭا ئى خۇدا،

كىشىلەر كۈتمەكتە سېنى سىئوندا.*

ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرار ئۇلار شۇ جايدا.

2دۇئالارنى ئاڭلىغۇچى ئى خۇدا،

ھەممە ئىنسان كېلىدۇ سېنىڭ ئالدىڭغا.

3گۇناھلار بېسىۋالغان بولسىمۇ بىزنى،

كەچۈرۈم قىلىسەن گۇناھلىرىمىزنى.

4نەقەدەر بەختلىكتۇر

سەن ئۆزۈڭگە يېقىن قىلىپ تاللىغان كىشىلەر،

ياشار ئۇلار مۇقەددەس ھويلىلىرىڭدا،

بولىمىز مەمنۇن ئۆيۈڭنىڭ بەرىكىتىدىن،

ئىبادەتخاناڭنىڭ مۇقەددەسلىكىدىن.

5ئۇلۇغ غەلىبەڭ بىلەن

جاۋاب بېرىسەن بىزگە،

ئى قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا.

ئۈمىدىسەن بارچە ئىنساننىڭ،

تاكى چېتىدىكىلەرگىچە زېمىننىڭ.

6قۇدرەت بىلەن باغلاپ بېلىڭنى،

كۈچۈڭ بىلەن تىكلىدىڭ تاغلارنى.

7تىنچىتىسەن دېڭىزلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى،

ھەم يات ئەللەرنىڭ توپىلاڭلىرىنى.

8ئەيمىنەر كارامەتلىرىڭدىن يىراقتىكى ئەللەر،

شەرقتىن-غەربكىچە كۈي ياڭرىتار خەلقلەر.

9سەن يەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ،

سۇ بىلەن سۇغىرىپ ئۇنى

بەكمۇ مۇنبەتلەشتۈردۈڭ زېمىنىڭنى.

سۇغا تولدۇردۇڭ ئېرىق، ئۆستەڭ، دەريالىرىڭنى،

ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە بەندىلىرىڭنى.

سەن نېسىپ قىلدىڭ شۇنداق بولۇشنى.

10تولدۇرۇپ سۇغا چۆنەكلەرنى،

تاراشلايسەن قىرلىرىنى.

يامغۇر بىلەن يۇمشىتىپ يەرنى،

ئۈندۈرىسەن ئۇندا مول زىرائەتلەرنى.

11مول ھوسۇلنى بېشىغا تاج قىلىپ تاقايسەن يىللارنىڭ،

باي-باياشات، توق بولار يەتكەنلا جايلار قەدىمىڭ.

12قويۇق ۋە ئەلۋەك بولار دالادىكى ئوتلاقلار،

تاغ-داۋانلارمۇ بېلىنى شادلىق كەمىرىدە باغلار.

13ئېكىن كەبى ياراشقان قويلار توپى ئوتلاققا،

زىرائەت ۋە مايسىلار تولۇپ كەتكەن جىلغىغا.

شۇڭا ئۇلار ناخشا ئېيتار ياڭرىتىپ شادلىقتا.



*1سىئون _ يېرۇسالېمدىكى بىر تاغنىڭ ئىسمىدۇر. بۇ تاغ ئۈستىگە مەركىزىي ئىبادەتخانا سېلىنغان. بەزىدە «زەبۇر» مۇناجاتلىرىدا بۇ نام ھەتتا پۈتكۈل يېرۇسالېمنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى