« ئايۇپ »

31

ئايۇپنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزىنى ئاقلىشى

1«مەن قىز-ئاياللارغا شەھۋانىيلارچە قارىمايمەن، دەپ

كۆزلىرىم بىلەن ئەھدە تۈزدۈم.

2ئەھدىنى بۇزسام، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ماڭا بېرىدىغان نېسىۋىسى نېمە بولىدۇ؟

ھەممىگە قادىر ئەرشئەلادىكى خۇدانىڭ ماڭا بېرىدىغان ئۈلۈشى نېمە؟

3ئەجەبا ئادالەتسىزلەرگە ئاپەت،

رەزىللەرگە بالا-قازا بەرمەسمۇ؟

4خۇدا ماڭىدىغان يولۇمنى كۆزىتىپ،

پۈتكۈل باسقان قەدەملىرىمنى سانىماسمۇ؟

5مەن قانداقسىگە ساختىلار بىلەن بىرگە سەپەر قىلىپ،

قەدەملىرىم كاززاپلارغا ئەگەشسۇن؟

6خۇدانىڭ مېنى ئادالەتنىڭ ئادىل تارازىسىغا سېلىپ،

مېنىڭ پاك ئىكەنلىكىمنى بىلىشىنى خالايمەن.

7ئەگەر پۇتۇم ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ،

كۆزلىرىم ھەۋەسكە ئىنتىلىپ،

قوللىرىم جىنايەت بىلەن بۇلغانغان بولسا،

8زىرائەتلىرىم باشقىلارغا نېسىپ بولسۇن،

ئېتىزدىكى زىرائەتلىرىمنى يىلتىزى بىلەن يۇلۇپ تاشلانسۇن.

9ئەگەر قەلبىم ئاياللارغا مەستانە بولۇپ،

قوشنامنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پايلاپ تۇرغان بولسام،

10ئايالىم باشقىلارنىڭ بۇغدىيىنى يانجىسۇن،

باشقىلارنىڭ قوينىدا ياتسۇن.

11مەن ئاشۇنداق قىلغان بولسام،

بۇ چوڭ رەزىللىك، سوتقا تارتىلىدىغان جىنايەت بولۇپ،

12كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلىدىغان يالقۇنغا ئايلىنىپ،

پۈتۈن بىساتىمنى يالماپ يۇتىدۇ.

13چاكارلىرىم ئۈستۈمدىن ئەرز قىلسىمۇ،

ئادىل مۇئامىلە قىلىمەن،

14بولمىسا، خۇدا ھېساب ئالغاندا قانداق قىلىمەن؟

سوراق قىلغاندا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟

15مېنى ياراتقان خۇدا ئۇلارنىمۇ ياراتمىدىمۇ؟

ئۇ بىزنى ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا ئاپىرىدە قىلمىدىمۇ؟

16مەن يوقسۇللارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى رەت قىلىپ،

تۇل خوتۇنلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدۇممۇ؟

17ياكى تائاملىرىمنى يالغۇز ئۆزۈملا يەپ،

يېتىملارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىدىممۇ؟

18مەن ياشلىقىمدىنلا يېتىملارغا ئاتا بولدۇم،

ئۆمرۈم بويى تۇل خوتۇنلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم.

19ئەگەر مەن بىرسىنىڭ سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى،

ياكى ئۇچىسى يالاڭ يوقسۇلنى كۆرۈپ تۇرۇپ،

20قوي يۇڭلىرىمنى ئۇنىڭ ئىسسىنىشى ئۈچۈن بەرمەستىن

ئۇنى نارازى قىلغان بولسام،

21شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ،

يېتىملارغا قول كۆتۈرگەن بولسام،

22بېلىكىم مۈرەمدىن ئاجراپ كەتسۇن،

قولۇم سۇنۇپ كەتسۇن.

23مەن بۇنداق ئىشلارنى قىلمىدىم،

چۈنكى، مەن خۇدانىڭ بالا-قازاسىدىن قورقىمەن،

ئۇنىڭ ھەيۋىسىنى كۆتۈرەلمەيمەن.

24ئەگەر مەن ئالتۇنغا ئۈمىد باغلاپ،

ساپ ئالتۇنغا: ‹سەن مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم› دېسەم،

25بايلىقىمنىڭ كۆپلۈكىدىن،

مال-مۈلۈكۈمنىڭ زىيادىلىكىدىن پەخىرلەنگەن بولسام،

26قۇياشنىڭ پارلاق نۇرىنى،

تولۇن ئاينىڭ سۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،

27قەلبىمدىن ئۇنىڭغا يوشۇرۇن مەستانە بولۇپ،

ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قولۇمنى سۆيسەم،

28سوراققا لايىق گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولاتتىم،

چۈنكى بۇ ئەرشتىكى خۇدادىن تانغانلىقتۇر.

29مەن قانداقسىگە دۈشمەننىڭ بالاسىدىن شادلىناي،

ئۇلارنىڭ قازاسىدىن خۇشاللىناي؟

30مەن ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەپ قارغىمىدىم،

ئېغىز گۇناھى ئۆتكۈزۈشتىن ساقلاندىم.

31مېنىڭ چېدىرىمدا تۇرغانلاردىن

مېنىڭ تائام، گۆشلىرىمگە كىمنىڭ قورسىقى تويماپتۇ؟

32ئىشىكىم يولدىن ئۆتكەنلەرگە ئوچۇق بولدى،

ھېچكىم سىرتتا قونۇپ قالمىدى.

33مەن ھەرگىز گۇناھلىرىمنى قەلبىمدە ساقلىمىدىم،

باشقىلارغا ئوخشاش خاتالىقلىرىمنى يوشۇرمىدىم.

34جامائەتتىن قورقۇپ،

جەمەتىمنىڭ كەمسىتىشىدىن ئەنسىرەپ،

ئۈن-تىنسىز، ئۆيدىن سىرتقا چىقماي يۈرمىدىم!

35ئەرزىمنى ئاڭلايدىغان بىرى بولسا ئىدى كاشكى!

قارا، بۇ يەرگە ئىمزايىمنى قويدۇم، ھەممىگە قادىر خۇدا ماڭا جاۋاب بەرگىن!

ئۈستۈمدىن ئەرز قىلغۇچى ئەرزىنى يازسۇن!

36مەن ئۇنى دۈمبەمگە ئارتىۋالىمەن،

خۇددى تاجىدەك بېشىمغا كىيىۋالىمەن.

37مەن خۇددى شاھزادىلەردەك ئۇنىڭ ئالدىغا بارىمەن،

قىلغان ئەتمىشلىرىمدىن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن.

38ئەگەر ئېتىزلىرىم ماڭا قارشى پەرياد قىلسا،

ۋە چۆنەكلىرى يىغلاپ تۇرۇپ ئەرز قىلسا،

39ھەققىنى بەرمەي يەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يېگەن بولسام،

ياكى يەر ئىگىلىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان بولسام،

40بۇغداي ئورنىغا تىكەنلەر،

ئارپىنىڭ ئورنىغا ياۋايى ئوت-چۆپلەر ئۆسسۇن!»

شۇنىڭ بىلەن ئايۇپنىڭ سۆزلىرى تۈگىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى