« ئايۇپ »

22

ئەلىفاز: ئايۇپنىڭ گۇناھى ئېغىر

1تېمانلىق ئەلىفاز جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

2«ئادەم خۇداغا قانچىلىك پايدا يەتكۈزەلەيدۇ،

ھەتتا ئۇ ئەقىللىق ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ خۇداغا قانچىلىك پايدا يەتكۈزەلەيدۇ؟

3ئەجەبا ھەممىگە قادىر خۇدا سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭدىن شادلىنىپ،

ئىشلىرىڭنىڭ پاكلىقىدىن پايدىغا ئېرىشەرمۇ؟

4خۇدا سېنىڭ ئۇنىڭغا ئىخلاسمەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن،

سېنى ئەيىبلەمدۇ، سوراققا تارتامدۇ؟

5ئەجەبا سېنىڭ گۇناھىڭ ئېغىر، جىنايىتىڭ ھېسابسىز ئەمەسمىدۇ؟

6سەن قېرىنداشلىرىڭنىڭ گۆرۈگە قويغان مال-مۈلۈكىنى سەۋەبسىز ئېلىۋالدىڭ،

نامراتلارنىڭ كىيىملىرىنى تارتىۋالدىڭ.

7سەن چاڭقىغانلارغا سۇ، قورسىقى ئاچقانلارغا تاماق بەرمىدىڭ.

8سەن مەرتىۋىلىك، يەرنىڭ ئىگىسى ھەم

ئۆز يېرىڭدە ياشايدىغان ئابرۇيلۇق ئادەم تۇرۇقلۇق،

9تۇل خوتۇنلارنى قۇرۇق قول قايتۇردۇڭ،

يېتىملارنىڭ قولىنى سۇندۇردۇڭ.

10شۇڭا ئەتراپىڭنى تۇزاقلار قاپلاپ،

سېنى تۇيۇقسىز ۋەھىمە باستى.

11قاراڭغۇلۇق نەزىرىڭنى توسۇۋالدى،

كەلكۈن سېنى يۇتۇپ كەتتى.

12خۇدا ئەرىشتە ئەمەسمۇ؟

قارا، يۇلتۇزلار نېمىدېگەن ئېگىزدە-ھە!

13بىراق سەن: ‹خۇدا نېمىنى بىلەتتى،

ئۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ قانداقسىگە سوراق قىلالىسۇن؟

14ئۇ ئاسمان گۇمبىزىنى چارلاپ يۈرگەندە،

بۇلۇتلار ئۇنىڭ نەزىرىنى تۇسۇۋالىدىغان تۇرسا› دەيسەن.

15ئەجەبا سەن رەزىللەر ماڭغان كونا يولدا داۋاملىق ماڭماقچىمۇسەن؟

16ئۇلار ئەجىلى توشماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى،

ئۆمۈر يىلتىزلىرىنى سەل ئېقىتىپ كەتتى.

17ئۇلار خۇداغا: ‹بىزدىن يىراق تۇرغىن،

ئەي ھەممىگە قادىر خۇدا، بىزنى زادى نېمە قىلماقچىسەن؟› دېگەنىدى.

18ئەمما، خۇدا يەنىلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ياخشى نەرسىلەر بىلەن تولدۇرغانىدى،

لېكىن مەن ئۇنداق رەزىللەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرىگە قوشۇلمايمەن.

19ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن خۇشاللىنىپ،

گۇناھسىزلار ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشىپ:

20‹دۈشمەنلىرىمىز ۋەيران بولۇشتى،

مال-مۈلكىنى ئوت يالماپ كەتتى› دېيىشىدۇ.

21شۇڭا سەن خۇداغا بويسۇنغىن، ئۇنىڭ بىلەن ئىناق ئۆتكىن،

شۇ چاغدا ساڭا بەخت-سائادەت كېلىدۇ.

22ئۇنىڭ تەلىملىرىنى قوبۇل قىلغىن،

سۆزلىرىنى قەلبىڭدە ساقلىغىن.

23ئەگەر سەن ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ يولىغا قايتىپ كەلسەڭ، ئەسلىڭگە كېلىسەن.

گۇناھلىرىڭنى چېدىرىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ،

24ئالتۇنۇڭدىن ۋاز كەچسەڭ،

ئوفىردىن كەلگەن ئالتۇنلىرىڭنىمۇ تاشلىق سايغا تاشلىساڭ،

25ھەممىگە قادىر خۇدا سېنىڭ ئالتۇنۇڭ،

قىممەتلىك كۈمۈشۈڭ بولىدۇ.

26شۇندىلا سەن ھەممىگە قادىر خۇدادىن خۇشاللىق تاپالايسەن،

بېشىڭنى كۆتۈرۈپ خۇداغا قارىيالايسەن.

27ئۇنىڭغا دۇئا قىلساڭ، ئۇ ئاڭلايدۇ،

ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرسەن.

28قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭنىڭ ھەممىسى غەلىبىلىك بولىدۇ،

يوللىرىڭنى نۇر يورۇتىدۇ.

29كىشىلەرنىڭ قەدىرى بولمىغاندا ‹قەددىڭنى كۆتەر!› دەيسەن،

خۇدا ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.

30ئۇ ھەتتا گۇناھكارلارنىمۇ قۇتقۇزىدۇ،

ئۇلار سېنىڭ پاكلىقىڭدىن نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى