« مىسىردىن چىقىش »

26

ئىبادەت چېدىرى

1_ ئىبادەت چېدىرى ئون دانە يوپۇقتىن ياسالسۇن. بۇ يوپۇقلار كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلۇپ، ئۈستىگە قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن قاناتلىق پەرىشتىلەرنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەنسۇن. 2ھەربىر يوپۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش ھالدا ئۇزۇنلۇقى ئون تۆت، كەڭلىكى ئىككى مېتىردىن قىلىنسۇن. 3يوپۇقلارنىڭ بەشى بىر پارچە، قالغان بەشى يەنە بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلانسۇن. 4ئۇلانغان ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگە كۆك رەڭلىك ئىزمە تىكىلسۇن. 5شۇنداق قىلىپ، يوپۇقنىڭ بىر پارچىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگە ئەللىك ئىزمە، يەنە بىر پارچىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە تىكىلسۇن. 6ئەللىك ئالتۇن ئىلمەك ياساپ، ئىككى پارچە يوپۇق تۇتاشتۇرۇلسۇن.

7ئىبادەت چېدىرىنى يېپىش ئۈچۈن، ئۆچكە يۇڭىدىن ئون بىر پارچە قېلىن يوپۇق رەخت توقۇڭلار. 8يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش قىلىنسۇن؛ ئۇزۇنلۇقى ئون بەش، كەڭلىكى ئىككى مېتىردىن بولسۇن. 9يوپۇقلارنىڭ بەش دانىسى بىر پارچە، قالغان ئالتىسى يەنە بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلانسۇن. ئالتىنچى پارچە يوپۇقنى ئىككى قەۋەت قىلىپ قاتلاپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ساڭگىلىتىپ قويۇڭلار. 10بىرىنچى چوڭ يوپۇقنىڭ ئەڭ چېتىدىكى پارچىسىگە ئەللىك ئىزمە، يەنە بىر چوڭ يوپۇقنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە تىكىڭلار. 11تۇچتىن ئەللىك ئىلمەك ياساپ، ئۇلارنى ئىزمىلەرگە ئۆتكۈزۈپ، ئىككى پارچە يوپۇقنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ بىر پۈتۈن يوپۇق قىلىڭلار. 12چېدىر يوپۇقىنىڭ ئېشىپ قالغان يېرىم پارچىسى چېدىرنىڭ كەينىگە ساڭگىلاپ تۇرسۇن. 13يوپۇقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېشىپ قالغان پارچىسى بولسا ئىككى تەرەپكە يېرىم مېتىردىن ساڭگىلاپ، چېدىرنى يېپىپ تۇرسۇن. 14بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرنى قاپلاش ئۈچۈن قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ۋە نەپىس ئىشلەنگەن تېرىدىن يەنە ئىككى پارچە چېدىر يوپۇقى ياساڭلار.

15ئىبادەت چېدىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن رام ياساڭلار. 16ھەربىر رامنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىر، كەڭلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىر بولسۇن. 17ھەربىر رامنىڭ بىر-بىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىككىدىن ئۇلىغۇچىسى بولسۇن. ھەممە راملاردا شۇنداق ئۇلىغۇچ بولسۇن. 18چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە يىگىرمە رام تىكلەنسۇن. 19راملارنىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسالسۇن. ھەربىر رامنى ئىككى پۇت كۆتۈرۈپ تۇرسۇن. 20-21چېدىرنىڭ شىمال تەرىپىگىمۇ يىگىرمە رام تىكلەپ، ئۇلار ئۈچۈنمۇ كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياساپ، ئۇلار ھەربىر رامنىڭ تېگىگە ئىككىدىن ئورنىتىلسۇن. 22چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە رام تىكلەنسۇن. 23چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى رام قويۇلسۇن. 24راملار بىر-بىرىگە يېقىن قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچى بىر چەمبەرگە كىرگۈزۈلۈپ مۇقىملاشتۇرۇلسۇن. ئىككى دوقمۇشنى ھاسىل قىلىدىغان ھەر ئىككى رام شۇنداق ياسالسۇن. 25بۇ تەرىپىدە سەككىز رام بولۇپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىدە ئىككىدىن جەمئىي ئون ئالتە دانە كۈمۈش پۇت بولسۇن.

26بۇنىڭدىن باشقا، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئون بەش دانە توغرا بالداق ياساڭلار. بۇلاردىن ئىبادەت چېدىرىنىڭ بىر يېنىدىكى راملارغا بەش دانە، 27يەنە بىر يېنىدىكى راملارغا بەش دانە، چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى غەربكە قارايدىغان راملارغا بەش دانە ئورنىتىلسۇن. 28راملارنىڭ ئوتتۇرىسىغا چېتىلىدىغان ئوتتۇرا بالداق چېدىرنىڭ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغا يەتكۈزۈلۈپ ياسالسۇن. 29راملار ۋە بالداقلار ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارمۇ ئالتۇندىن ياسالسۇن. 30ئىبادەت چېدىرى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالسۇن.

31قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ھەم كەندىر يىپتىن بىر پەردە توقۇلۇپ، ئۇنىڭغا قاناتلىق پەرىشتىلەرنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلىنىپ، 32ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت تۈۋرۈككە ئورنىتىلغان ئالتۇن ئىلمەكلەرگە ئېسىپ قويۇلسۇن. تۈۋرۈكلەر ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت پۇتنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلسۇن. 33پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى قاتار ئىلمەكلەرنىڭ ئاستىدىن ساڭگىلىتىپ قويۇلسۇن، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا سېلىنغان ئەھدە ساندۇقى پەردىنىڭ كەينىگە قويۇلسۇن. بۇ پەردە ئەڭ مۇقەددەس جاي بىلەن مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرسۇن. 34ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ئەڭ مۇقەددەس جايدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلسۇن. 35شىرە ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ سىرتىدا، يەنى ئىبادەت چېدىرى ئىچىدىكى شىمال تەرەپكە، چىراغدان چېدىر ئىچىدىكى جەنۇب تەرەپكە قويۇلسۇن.

36بۇنىڭدىن باشقا، كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا كەشتىلەنگەن بىر ئىشىك پەردىسى توقۇلسۇن. 37ئىشىك پەردىسىگە ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش دانە تۈۋرۈك ياسىلىپ، تۈۋرۈك بېشى ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن. تۈۋرۈكلەردە ئالتۇن ئىلمەكلەر بولسۇن ھەم تۇچتىن بەش دانە تۈۋرۈك پۇتى ياسالسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى