« مىسىردىن چىقىش »

13

تۇنجى تۇغۇلغاننى خۇداغا ئاتاش

1پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا:

2_ سىلەر تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مالنى ماڭا ئاتاڭلار. چۈنكى، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرى ماڭا مەنسۇپتۇر، _ دېگەنىدى.

3مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى:

_ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى، بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈن. بۇ كۈن پەرۋەردىگار زور قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى ئۇ يەردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا، سىلەر ھەر يىلى بۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار. 4سىلەر مىسىردىن يولغا چىققان بۇ كۈن، زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھاردىكى بىر كۈندۇر. 5پەرۋەردىگار سىلەرنى كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ زېمىنلىرىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ كۈننى مۇبارەكلەپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ مۇنبەت زېمىننى پەرۋەردىگار سىلەرگە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەجدادلىرىڭلارغا قەسەم بەرگەن. 6ھېيت مەزگىلىدە، يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار. يەتتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئالاھىدە ئىبادەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈڭلار. 7بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە پېتىر نان يەڭلار. ئاراڭلاردا، ھەتتا زېمىن تەۋەلىكىڭلاردىمۇ خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. 8ھېيت كۈنلىرى، سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا بۇ ھېيتنىڭ سىلەرنىڭ مىسىردىن ئايرىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگار كۆرسەتكەن پۈتۈن مۆجىزىلەرنى ئەسلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭلار. 9پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇقلىرىنى ھەمىشە ئېغىزدىن چۈشۈرمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بۇ ھېيت خۇددى قولۇڭلارغا ياكى پېشانەڭلارغا چېكىپ قويۇلغان بەلگىدەك، سىلەرگە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار زور قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. 10شۇڭا، سىلەر ھەر يىلى مەن بەلگىلىگەن مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزۈڭلار.

11پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ سىلەرنى كەنئانلىقلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇ يەرنى سىلەرگە تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، 12سىلەر تۇنجى تۇغۇلغاننى پەرۋەردىگارغا ئاتىشىڭلار لازىم. پۈتۈن تۇنجى ئوغۇل ۋە چارۋا ماللارنىڭ تۇنجىسى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولسۇن. 13سىلەر تۇنجى ئەركەك تەخەينىڭ ئورنىغا قوي قۇربانلىق قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ قۇربانلىق قىلىڭلار.* لېكىن، تۇنجى ئوغۇللىرىڭلارنى چوقۇم بەدەل بېرىپ قايتۇرۇۋېلىڭلار. 14كەلگۈسىدە ئوغۇللىرىڭلار: «بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟» دەپ سورىسا، سىلەر: «پەرۋەردىگار زور قۇدرىتى بىلەن بىزنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. 15ئۇ چاغدا، مىسىر پادىشاھى جاھىللىق قىلىپ، بىزنى چېگرىدىن چىقارمىغانىدى. شۇڭا، پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ھايۋانلىرىنىڭ تۇنجى ئەركەك بالىلىرىنى ھالاك قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، بىز پۈتۈن چارۋا ماللىرىمىزنىڭ تۇنجى ئەركەك بالىلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىمىز. بىراق، تۇنجى ئوغۇللىرىمىزنى بەدەل بېرىپ قايتۇرۇۋالىمىز. 16بىزنىڭ بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىشىمىز خۇددى قولىمىزغا ياكى پېشانىمىزگە چېكىپ قويۇلغان بەلگە مەلۇم نەرسىنى بىزگە ئەسلىتىپ تۇرغانغا ئوخشاش، بىزنىڭمۇ پەرۋەردىگارنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇشىمىز ئۈچۈندۇر» دەپ جاۋاب بېرىڭلار.

بۇلۇت تۈۋرۈكى ۋە ئوت تۈۋرۈكى

17مىسىر پادىشاھى ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرگەن ۋاقىتتا، گەرچە ئۇلارنىڭ فىلىستىيەلىكلەر زېمىنى بىلەن مېڭىشى مەنزىلگە يېقىن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى ئۇ يولغا باشلىمىدى. چۈنكى، خۇدا: «خەلقىم جەڭگە ئۇچراپ قالسا، بەلكىم پۇشايمان قىلىپ، مىسىرغا قايتىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغانىدى. 18شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يىراق يول بىلەن چۆلدىن ئۆتكۈزۈپ، قىزىل دېڭىز تەرەپكە باشلاپ ماڭدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ ماڭغانىدى.

19مۇسا يۈسۈپنىڭ جەسەت-سۆڭىكىنىمۇ ئېلىپ ماڭدى. چۈنكى، يۈسۈپ ئۆز قان-قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئالدىدا: «خۇدا سىلەرنى چوقۇم قۇتقۇزىدۇ. شۇ چاغدا، سىلەر چوقۇم مېنىڭ جەسەت-سۆڭىكىمنى بىللە ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ، ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرغانىدى.

20ئىسرائىللار سۇككوت شەھىرىدىن چىقىپ، چۆلنىڭ بويىدىكى ئەتام دېگەن يەردە چېدىرلىرىنى تىكتى. 21پەرۋەردىگار كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق ئۇلارغا يول باشلىسا، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يولىنى يورۇتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كېچە-كۈندۈز ماڭالايدىغان بولدى. 22پەرۋەردىگار كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكىنى، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىنى خەلقتىن ئايرىۋەتمىدى.



*13ئۇلاغلارنىڭ ئورنىغا قويلارنى قۇربانلىق قىلىش رۇخسىتىنىڭ بېرىلىشىدە ئۇلاغلارنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى نەزەرگە ئېلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى