« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

38

يەھۇدا بىلەن تامار

1شۇ كۈنلەردە، يەھۇدا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدىن كېتىپ، ئادۇللام يېزىسىدىكى ھىرا دېگەن كىشىنىڭ يېنىغا چۈشتى. 2يەھۇدا ئۇ يەردە ئىمانسىز كەنئانلىق شۇئانىڭ قىزى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنى نىكاھىغا ئالدى. 3قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. يەھۇدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېر قويدى. 4قىز يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئونان قويدى. 5كېيىن، ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى شالاھ قويدى. شالاھ تۇغۇلغاندا، ئۇلار كەزىب دېگەن يەردە ئىدى.

6يەھۇدا تۇنجى ئوغلى ئېرگە تامار ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ بەردى. 7ئېرنىڭ قىلىقى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.

8بۇ چاغدا، يەھۇدا ئېرنىڭ ئىنىسى ئونانغا:

_ سەن بېرىپ يەڭگەڭ بىلەن ئۆيلىنىپ، ئاكاڭنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇر. بۇ سېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچۇڭ، _ دېدى.

9لېكىن، ئونان تۇغۇلىدىغان بالا ئۆزىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ھەر قېتىم يەڭگىسى بىلەن بىر ئورۇندا ياتقاندا ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا مەنىنى يەرگە ئاقتۇرۇۋېتەتتى. 10ئۇنىڭ قىلمىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭمۇ جېنىنى ئالدى.

11ئاندىن، يەھۇدا كېلىنى تامارغا:

_ ئوغلۇم شالاھ چوڭ بولغۇچە، ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە تۇل ئولتۇرۇپ تۇرغىن، _ دېدى. ئۇ شالاھنىڭمۇ ئىككى ئاكىسىدەك ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، شۇنداق دېگەنىدى. شۇڭا، تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

12مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن، يەھۇدانىڭ ئايالى بولغان شۇئانىڭ قىزى ئالەمدىن ئۆتتى. قارىلىق تۇتۇش ۋاقتى ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئادۇللاملىق دوستى ھىرا بىلەن بىللە تىمناھ دېگەن يەرگە باردى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى قوي قىرقىۋاتاتتى.

13بىرەيلەن تامارغا قېيناتىسىنىڭ تىمناھ دېگەن يەرگە قوي قىرقىغىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. 14بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان تامار تۇل خوتۇنلۇق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ، باشقىلارغا ئۆزىنى تونۇتماسلىق ئۈچۈن يۈزىگە چۈمپەردە تارتىپ، تىمناھ يولى ئۈستىدىكى ئېنائىم شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ ئولتۇردى. چۈنكى، ئۇ يەھۇدانىڭ كىچىك ئوغلى شالاھ چوڭ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەھۇدانىڭ ئۆزىنى ئۇنىڭغا نىكاھلىمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى.

15يەھۇدا ئۇنى كۆرگىنىدە، پاھىشە ئايال دەپ قارىدى، چۈنكى ئۇ يۈزىنى يېپىۋالغانىدى. 16يەھۇدا ئۇنىڭ ئۆز كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەي، يولنىڭ چېتىگە بېرىپ، ئۇنىڭدىن:

_ نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ مەن بىلەن بىر ئورۇندا ياتسىڭىز، ماڭا نېمە بېرىسىز؟ _ دېدى تامار.

17_ ماللىرىمنىڭ ئىچىدىن بىر ئوغلاق ئەۋەتىپ بېرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

_ خوپ، ئوغلاقنى ئەكېلىپ بەرگۈچە، بىرەر نەرسىڭىزنى گۆرۈگە قويۇپ كېتىڭ، _ دېدى تامار.

18_ گۆرۈگە نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇ.

تامار:

_ بوينىڭىزغا ئېسىقلىق مۆھرىڭىز بىلەن قولىڭىزدىكى ھاسىڭىزنى، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تامارغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى، تامار ھامىلىدار بولۇپ قالدى. 19تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، يۈزىدىكى چۈمپەردىسىنى ئېلىۋېتىپ، تۇللۇق كىيىملىرىنى قايتا كىيىۋالدى.

20يەھۇدا دوستى ھىرانى ئۇ ئايالغا بىر ئوغلاق ئاپىرىپ بېرىپ، گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. لېكىن، ھىرا ئۇنى تاپالمىدى. 21ھىرا ئېنائىم شەھىرىدىكى كىشىلەردىن:

_ بۇرۇن يول بويىدا تۇرغان ھېلىقى پاھىشە ئايال نەگە كەتتى؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇلار:

_ بۇ يەردە پاھىشە ئايال زادىلا بولۇپ باقمىغان، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

22ھىرا يەھۇدانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئۇنى تاپالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇ يەرلىك كىشىلەر: «بۇ يەردە پاھىشە ئايال بولۇپ باققان ئەمەس!» دېيىشىدۇ، _ دېدى.

23يەھۇدا ئۇنىڭغا:

_ بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئالسا ئالسۇن، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالمايلى. ھەر ھالدا مەن ئوغلاقنى ئەۋەتتىم. بىراق، سەن ئۇنى تاپالماپسەن، _ دېدى.

24ئۈچ ئايچە ئۆتكەندىن كېيىن، بىرەيلەن يەھۇداغا:

_ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ھامىلىدار بوپتۇ، _ دېدى.

_ ئۇنى ئەكېلىپ ئوتقا تاشلاڭلار! _ دەپ غەزەپ بىلەن بۇيرۇق قىلدى يەھۇدا.

25تامار ئۆيدىن ئېلىپ چىقىلغاندا، قېيناتىسىغا ئادەم ئەۋەتىپ:

_ مەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسىدىن ھامىلىدار بولدۇم. قاراپ بېقىڭ! بۇ مۆھۈر ۋە ھاسا كىمنىڭ؟ _ دېدى.

26يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تونۇپ:

_ بۇنىڭغا مەن ئەيىبلىك! مەن ئەسلىدە ئۇنى ئوغلۇم شالاھقا ئېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى، _ دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۇدا ئۇنىڭ بىلەن قايتا بىر ئورۇندا ياتمىدى.

27تامار ئاي-كۈنى توشقاندا، قوشكېزەككە ھامىلىدار بولغانلىقىنى بىلدى. 28ئۇنىڭ تولغىقى تۇتۇپ، بىر بالىنىڭ بىر قولى چىقتى. تۇغۇت ئانىسى ئۇ قولنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا قىزىل يىپ باغلاپ قويۇپ:

_ بۇ ئاۋۋال تۇغۇلغىنى، _ دېدى. 29لېكىن، بالا قولىنى تارتىپ ئەكىرىپ كېتىپ، يەنە بىرى ئاۋۋال تۇغۇلدى. شۇڭا، تۇغۇت ئانىسى:

_ سەن تالىشىپ، قانداقمۇ قېرىندىشىڭنىڭ ئالدىدا چىقىۋالدىڭ؟ _ دەپ، بالىنىڭ ئىسمىنى پەرەس [مەنىسى «تالىشىپ چىققان»] دەپ قويدى. 30كەينىدىن، قىزىل يىپ باغلاپ قويۇلغىنى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ قولىغا قىپقىزىل يىپ باغلانغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەراخ [مەنىسى «قىپقىزىل»] دەپ ئىسىم قويدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى