« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

28

1ئىسھاق ياقۇپنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، مۇنداق بۇيرۇدى:

_ سەن كەنئانلىق قىزلارغا ئۆيلەنمە. 2پاددان-ئاررام رايونىغا بېرىپ، ئاناڭنىڭ ئاتىسى بېتۇئېلنىڭ ئۆيىگە بار. ئۇ يەردە ئاناڭنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزلىرىدىن بىرنى ئال. 3ھەممىگە قادىر خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، كۆپ پەرزەنت بېرىپ، ئۇلارنى نۇرغۇن مىللەت قىلغاي! 4ئۇ ئىبراھىمغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا بەخت ئاتا قىلغاي. سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان يەرنى، يەنى خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە بېرىپ بەرمەكچى بولغان زېمىننى ساڭا تەقدىم قىلغاي!

5شۇنىڭ بىلەن، ئىسھاق ياقۇپنى پاددان-ئاررام رايونىغا، بوۋىسى ئارراملىق بېتۇئېلنىڭ ئوغلى لاباننىڭ يېنىغا يولغا سالدى. لابان رىبەقانىڭ ئاكىسى بولۇپ، رىبەقا بولسا ئەساۋ بىلەن ياقۇپنىڭ ئانىسى ئىدى.

ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئايال ئېلىشى

6-7ئەساۋ ئىسھاقنىڭ ياقۇپقا دۇئا قىلىپ، ئۇنى پاددان-ئاررامغا ئۆيلىنىشكە ئەۋەتكەنلىكىدىن، شۇنداقلا ئىسھاق ئۇنىڭغا دۇئا قىلغاندا، كەنئانلىق قىزلارغا ئۆيلەنمەسلىكنى تاپىلىغانلىقى ھەمدە ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پاددان-ئاررامغا كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. 8ئەساۋ بۇنىڭدىن ئاتىسى ئىسھاقنىڭ كەنئانلىق ئاياللارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى. 9شۇڭا، ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئاياللىرىنىڭ ئۈستىگە تاغىسى ئىسمائىلنىڭ قىزى ماھالاتنى ئالدى. ماھالات نېبايوتنىڭ سىڭلىسى ئىدى.

ياقۇپنىڭ بەيتەلدە چۈش كۆرۈشى

10ياقۇپ بەئەرشەبادىن ئايرىلىپ، ھارانغا قاراپ يولغا چىقتى. 11كۈن پاتقاندا، ئۇ بىر يەرگە يېتىپ كېلىپ، شۇ يەردە قوندى. ئۇ بىر تاشنى بېشىغا قويۇپ، يەردە يېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى. 12ئۇ چۈشىدە يەردىن تاكى ئاسمانغىچە تاقىشىدىغان بىر پەلەمپەينى كۆردى. خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى پەلەمپەيدە يۇقىرى-تۆۋەن مېڭىپ يۈرەتتى. 13ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ پەلەمپەينىڭ ئۈستى تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: «مەن پەرۋەردىگار، بوۋاڭ ئىبراھىم ۋە ئاتاڭ ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن. مەن ھازىر سەن ياتقان زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. 14ئۇلارنىڭ سانى يەردىكى قۇمدەك كۆپ بولۇپ، شەرقتىن غەربكە، جەنۇبتىن شىمالغا تارقىلىپ، پۈتۈن زېمىننى قاپلايدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مىللەتلەر سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ. 15مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن قەيەرگە بارساڭ، سېنى شۇ يەردە قوغدايمەن ھەمدە سېنى بۇ يەرگە قايتۇرۇپ كېلىمەن. ساڭا بەرگەن ۋەدەمنى ئىشقا ئاشۇرمىغۇچە، سېنى ھەرگىز تاشلىمايمەن!» دەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

16ياقۇپ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپلا: «مەن بىلمەپتىكەنمەن، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ يەردە ئىكەن!» دېدى. 17ئۇ قورقۇپ كېتىپ: «بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق جاي، بۇ باشقا يەر ئەمەس، دەل خۇدانىڭ ئۆيى، ئەرشكە چىقىدىغان دەرۋازا ئىكەن!» دېدى.

18ئەتىسى تاڭ سەھەردىلا، ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بېشىغا قويغان ھېلىقى تاشنى خاتىرە قىلىش ئۈچۈن تىكلەپ، ئۈستىگە ياغ قويۇپ، ئۇنى خۇداغا ئاتىدى. 19بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى لۇز بولسىمۇ، ياقۇپ ئۇنى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.

20ئاندىن ئۇ خۇداغا قەسەم قىلىپ:

_ ئەگەر سەن ماڭا يار بولۇپ، سەپىرىمدە مېنى قوغداپ، ماڭا يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك يەتكۈزۈپ بېرىپ، 21مېنى يۇرتۇمغا ئامان-ئېسەن قايتۇرساڭ، شۇ ۋاقىتتا ساڭا مەڭگۈ ئەگىشىمەن. 22مەن خاتىرە قىلىپ تاش تىكلەپ قويغان بۇ جاي ئىنسانلار ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولسۇن. ماڭا بېغىشلىغانلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن، _ دېدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى