« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

48

ياقۇپنىڭ ئەفرايىم ۋە ماناسسەگە خەيرلىك دۇئا قىلىشى

1بىرمەزگىلدىن كېيىن يۈسۈپكە ئاتىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەتتى. شۇڭا، يۈسۈپ ئىككى ئوغلى ماناسسە بىلەن ئەفرايىمنى ئېلىپ ئاتىسىنىڭ يېنىغا باردى. 2ياقۇپ ئوغلى يۈسۈپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ياتقان ئورنىدىن كۈچىنىڭ بارىچە كۈچەپ تۇرۇپ، ئاران ئولتۇردى. 3ياقۇپ يۈسۈپكە:

_ ھەممىگە قادىر خۇدا كەنئاندىكى لۇز دېگەن يەردە ماڭا كۆرۈنۈپ، ماڭا بەخت ئاتا قىلغانىدى. 4ئۇ ماڭا: «مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى نۇرغۇن مىللەت قىلىمەن ۋە بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈ زېمىنلىققا بېرىمەن» دېگەنىدى، _ دېدى.

5ياقۇپ يەنە:

_ ئەي يۈسۈپ، مەن مىسىرغا كەلمەستە، سەن بۇ يەردە ئىككى ئوغۇل تېپىپسەن. بۇ ئىككى ئوغۇل، يەنى ئەفرايىم بىلەن ماناسسە، رۇبېن بىلەن شىمونغا ئوخشاش مېنىڭ ئوغۇللىرىم ھېسابلانسۇن.* 6باشقا بالا تاپساڭ، ئۆزۈڭنىڭ بولسۇن. ئۇلار كەلگۈسىدە مىراسخورلۇق قىلىدىغان يەر ئەفرايىم بىلەن ماناسسەنىڭ زېمىنى ئىچىدە بولسۇن. 7بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسەت، ئاناڭ راھىلەنىڭ ۋەجىدىندۇر. مەن پاددان-ئاررامدىن قايتىپ كەلگىنىمدە، ئاناڭ كەنئان رايونىدىكى ئەفراتاغا بارىدىغان يول بويىدا مېنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ ۋاپات بولدى. مەن ئۇنى شۇ يەردىلا دەپنە قىلغانىدىم، _ دېدى. (ئەفراتا ھازىر «بەيتلەھەم» دەپ ئاتىلىدۇ.)

8ئىسرائىل يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىنى كۆرۈپ:

_ بۇ بالىلار كىم؟ _ دەپ سورىدى.

9يۈسۈپ:

_ مېنىڭ ئوغۇللىرىم. مەن مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ماڭا بەرگەن بالىلار، _ دەپ جاۋاب بەردى.

ئىسرائىل يەنە:

_ ئۇلارنى يېنىمغا ئەكەل، ئۇلارغا دۇئا قىلاي، _ دېدى.

10ئىسرائىل قېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، كۆزى تورلىشىپ ياخشى كۆرمەيتتى. يۈسۈپ بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئىسرائىل ئۇلارنى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ قويۇپ، 11يۈسۈپكە:

_ ئەسلى سېنى قايتا كۆرىمەن، دەپ ئويلاپ باقمىغانىدىم. مانا ئەمدى خۇدا ماڭا سېنىڭ ئوغۇللىرىڭنىمۇ كۆرسەتتى! _ دېدى.

12يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ تىزىدىن ئىككى ئوغلىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ئۆزى ئاتىسىنىڭ ئالدىدا بېشىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ تەزىم قىلدى. 13يۈسۈپ ئەفرايىمنى ئىسرائىلنىڭ سول يېنىغا، ماناسسەنى ئوڭ يېنىغا تۇرغۇزدى. 14لېكىن، ئىسرائىل ئىككى قولىنى ئالماشتۇرۇپ، ئوڭ قولىنى كىچىك نەۋرىسى ئەفرايىمنىڭ بېشىغا، سول قولىنى چوڭ نەۋرىسى ماناسسەنىڭ بېشىغا قويۇپ، 15يۈسۈپكە بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:

«بوۋىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق يېقىن ئەگەشكەن خۇدا

بۇ ئىككى نەۋرەمنى بەختلىك قىلغاي.

مېنى بۈگۈنگىچە يېتەكلەپ كەلگەن خۇدا

ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي.

16مېنى پۈتۈن بالا-قازالاردىن قۇتقۇزغان پەرىشتە

ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي.

مېنىڭ نامىم، ئاتا-بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئىسھاقنىڭ نامى

بۇ بالىلار ئارقىلىق مەڭگۈ داۋاملاشقاي.

ئۇلار نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، يەر يۈزىدە گۈللەپ ياشنىغاي.»

17يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرايىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە نارازى بولغانىدى. شۇڭا، ئۇ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرايىمنىڭ بېشىدىن ماناسسەنىڭ بېشىغا يۆتكەپ قويماقچى بولۇپ، 18ئاتىسىغا:

_ ئاتا، بۇ ئىشىڭىز توغرا بولمىدى. چوڭى بۇ. ئوڭ قولىڭىزنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغايسىز! _ دېدى.

19ئاتىسى رەت قىلىپ:

_ ئەي ئوغلۇم، بىلىمەن، بىلىمەن. ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ چوڭ خەلق بولىدۇ، لېكىن ئىنىسى ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئىنىسىنىڭ ئەۋلادلىرى روناق تاپقان كۆپ خىل خەلقلەرگە ئايلىنىدۇ! _ دېدى.

20ئۇ كۈنى، ئىسرائىل ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:

«كەلگۈسىدە ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى كىشىلەرگە خەيرلىك دۇئا قىلغاندا، مۇنداق دېسۇن:

‹خۇدا سىلەرنى ئەفرايىم بىلەن ماناسسەگە ئوخشاش بەختلىك قىلغاي!›»

شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئەفرايىمنى ئۇنىڭ ئاكىسى ماناسسەدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويدى.

21كېيىن، ئىسرائىل يۈسۈپكە:

_ مېنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشۈمگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسەن. لېكىن، خۇدا جەزمەن سىلەرگە يار بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ كېتىدۇ. 22مەن ساڭا قېرىنداشلىرىڭغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق زېمىن بېرىمەن. ئۇ يەرنى مەن ئامورلارنىڭ قولىدىن قىلىچ ۋە ئوقيايىم بىلەن تارتىۋالغانىدىم، _ دېدى.



*5ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرى كېيىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ 12 قەبىلىسىنى تەشكىل قىلغان. ياقۇپنىڭ ئەفرايىم بىلەن ماناسسەنى ئوغلۇم دېيىشى بىلەن، ئۇلار كېيىن يۈسۈپنىڭ ئورنىغا 12 قەبىلىنىڭ ئىككىسىنى تەشكىل قىلىپ، ئون ئىككىگە بۆلۈنگەن كەنئان زېمىنىنىڭ ئىككى پارچىسىگە ئىگە بولدى. ياقۇپنىڭ 12 ئوغلىنىڭ ئۈچىنچىسى لاۋاينىڭ ئەۋلادلىرى بولسا كېيىن مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلار بولۇپ، زېمىنغا ئىگە بولمىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى