« مالاكى »

1

1بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مالاكى* پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ۋەھىيسىدۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى

2پەرۋەردىگار: «مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ كەلدىم» دەيدۇ.

لېكىن سىلەر: «راستمۇ؟ سەن بىزگە قانداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىڭ؟» دەپ سورايسىلەر.

پەرۋەردىگار جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئەمەسمۇ؟ لېكىن مەن ئەجدادىڭلار ياقۇپقا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىم، 3ئەمما ئەساۋنى رەت قىلدىم. ئەساۋغا تەقسىم قىلغان تاغلارنى دەشت-باياۋانغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى چىلبۆرىلەرگە تاشلاپ بەردىم».

4ئەساۋنىڭ ئەۋلادى بولغان ئىدوملۇقلار بەلكىم: «بىزنىڭ يۇرتىمىز ۋەيران قىلىنسىمۇ، ئەمما بىز بۇ خارابىلىكنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايمىز» دەيدۇ.

بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم ئۇلار يەنە قايتىدىن قۇرۇپ چىقار، ئەمما مەن يەنە ۋەيران قىلىۋېتىمەن. ئۇلارنىڭ زېمىنى ‹رەزىللىككە تولغان›، خەلقى ‹پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك غەزىپىگە ئۇچرىغان› دەپ نام ئالىدۇ. 5سىلەر ئۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، ‹پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنىدىن ھالقىپ كېتەر!› دەيسىلەر.»

پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلارنى تەنقىد قىلىشى

6قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى مېنىڭ ھۆرمىتىم؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلار؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.

7سىلەر ناپاك ھەدىيەلەرنى قۇربانلىق سوپامغا قويۇپ ماڭا ئاتىدىڭلار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ‹سېنى قانداق خاپا قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامنى ھۆرمەت قىلمىساق بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر. 8سىلەرنىڭ كور مالنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟ ناكار ۋە كېسەل مالنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى: ئۆز ھاكىمىڭلارغا شۇنداق سوۋغاتنى بېرىپ سىناپ بېقىڭلارچۇ قېنى، ئۇ خۇرسەن بولامدىكىن؟! ئۇ سىلەرگە ھىممەت كۆرسىتەمدىكىن؟!

9ئەمدى سىلەر مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يېلىنىپ بېقىڭلار. سىلەر ئاشۇنداق قۇربانلىقلارنى سۇنغىنىڭلاردا، خۇدا سىلەرگە شەپقەت قىلارمۇ؟!»

10قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «بىرىڭلار ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقىۋېتىڭلارچۇ، شۇنداق قىلساڭلار مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا ئوت يېقىپ، ئەرزىمەس قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ ئولتۇرمايسىلەر. مەن سىلەردىن رازى ئەمەسمەن. ئەمدى مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن قۇربانلىق قوبۇل قىلمايمەن. 11كۈن چىقىشتىن تارتىپ كۈن پېتىشقىچە بولغان خەلقلەر مېنىڭ نامىمنى ئۇلۇغلايدۇ. ھەممە يەردە مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىسرىق سالىدۇ ۋە پاك ھەدىيەلەرنى سۇنىدۇ. مېنىڭ نامىم پۈتكۈل خەلقلەر ئارىسىدا ئۇلۇغدۇر.

12ئەمما سىلەر روھانىيلار ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭلار. سىلەر مەن ئىگەڭلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆزگە ئىلماي، بىز بۇ سۇپىدا ئەرزىمەس يېمەكلىكلەر ۋە قۇربانلىقلارنى سۇنساقمۇ بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايسىلەر. 13سىلەر ئىگەڭلارغا خىزمەت قىلىشنى بەك ئاۋارىچىلىك دەپ ئويلاپ، مېنى مەنسىتمىدىڭلار. ئويلاپ بېقىڭلار! سىلەر ئوغرىلاپ كېلىنگەن ياكى ناكار، كېسەل ھايۋانلارنى قوربانلىق قىلىسىلەر! مەن سىلەرنىڭ قوللىرىڭلاردىن شۇنداق قۇربانلىقلارنى قوبۇل قىلامدىمەن؟!

14مەن ئىگەڭلارغا، ئۆز ماللىرى ئارىسىدىن بېجىرىم ئەركەك مالنى قۇربانلىق قىلىشقا ۋەدە قىلىپ تۇرۇپ، ئەيىبناق مالنى قۇربانلىق قىلغان ئالدامچىغا قارغىش تەگسۇن.» مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى: «مەن بولسام ئۇلۇغ پادىشاھ، پۈتكۈل خەلقلەر مەندىن قورقۇشى كېرەك.»



*1مالاكى _ مەنىسى «ئەلچىم».

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى