خۇدا ھاياتلىقنىڭ مەنبەسىدۇر

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 1- باب

1خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتى. 2ئۇ چاغدا يەر شارى شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولۇپ، سۇلارنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. خۇدانىڭ روھى سۇ ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى.

3خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېگەنىدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى. 4-5خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى ۋە يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى بولسا «كېچە» دەپ ئاتىدى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ تۇنجى كۈن بولدى.

6ئاندىن، خۇدا: «سۇلارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر پاسىل بولسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. 7شۇنىڭ بىلەن، بىر پاسىل پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى سۇلارنى ئۈستىدىكى سۇلاردىن ئايرىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 8خۇدا بۇ پاسىلنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى.

9ئاندىن، خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلسۇن ۋە قۇرۇق تۇپراق كۆرۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 10خۇدا قۇرۇق تۇپراقنى «يەر»، يىغىلغان سۇلارنى بولسا «دېڭىز» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.

11ئاندىن، خۇدا يەنە: «يەردە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر؛ ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك بولۇپ، ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنۈپ چىقسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 12شۇنىڭ بىلەن، يەر يۈزىدە ھەر خىل ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنۈپ چىقتى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 13كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى.

14خۇدا يەنە: «ئاسماندا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كېچە بىلەن كۈندۈزنى پەرقلەندۈرۈپ، كۈن، پەسىل ۋە يىللارنى ئايرىپ تۇرۇشتا بەلگە بولسۇن. 15بۇ جىسىملار نۇر چېچىپ، يەر يۈزىنى يورۇتۇپ تۇرسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 16خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان ئىككى چوڭ جىسىمنى ياراتتى، قۇياشنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، ئاينى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. ھەمدە خۇدا يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى. 17-18يەر يۈزىنى يورۇتۇش، كۈندۈز بىلەن كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلىش ۋە يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىش ئۈچۈن، خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملارنى ئاسمانغا ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 19كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى.

20خۇدا يەنە: «سۇ ھەر خىل جانلىقلار بىلەن تولسۇن، ئاسماندا ھەر خىل ئۇچارقاناتلار ئۇچسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. 21بۇنىڭ بىلەن، خۇدا سۇدا ياشايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ جانلىقلارنى، ھەر خىل چوڭ-كىچىك بېلىقلارنى ۋە ئاسماندىكى ھەر خىل ئۇچارقاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇ جانلىقلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 22خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەخت ئاتا قىلىپ: «سۇدا ياشىغۇچى جانلىقلار كۆپىيىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنى تولدۇرسۇن، ئۇچارقاناتلار يەر يۈزىدە ئۇلغايسۇن!» دېدى. 23كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى.

24خۇدا يەنە: «يەر يۈزىدە ھەر خىل جانىۋارلار _ ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋاناتلار پەيدا بولسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 25شۇنىڭ بىلەن، خۇدا يەر يۈزىدە ھەر خىل جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.

26ئاندىن، خۇدا: «بىزنىڭ ئوبرازىمىزدەك، يەنى روھىي جەھەتتىن بىزگە ئوخشايدىغان ئىنسانلارنى يارىتايلى. ئۇلار ھەر خىل جانىۋارلارنى _ دېڭىز-ئوكياندىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچارقاناتلار، بارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋاناتلارنى باشقۇرىدىغان بولسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى.

27بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئىنساننى ئۆز ئوبرازىدەك ياراتتى،

ئۇنى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى،

شۇنداقلا ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى.

28خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا، دېڭىز-ئوكياندىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچارقاناتلار، شۇنىڭدەك پۈتۈن جانىۋارلارنى باشقۇرۇڭلار. 29مەن سىلەرگە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى ھەر خىل زىرائەت ۋە مېۋىلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىپ بەردىم. 30بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار قاتارلىق ھەر خىل مەخلۇقلارغا بولسا ئوت-چۆپ ۋە كۆكتاتلارنى ئوزۇقلۇق قىلىپ بەردىم.

خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 31خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 2- باب

21شۇڭا، پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىنى قاتتىق ئۇخلىتىۋەتتى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭ بىر تال قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ، ئۇ يەرنى ئۇنىڭ گۆشى بىلەن ئېتىپ قويدى. 22پەرۋەردىگار خۇدا ئالغان قوۋۇرغا سۆڭىكىدىن بىر ئايال ياساپ، ئۇنى ئادەمئاتىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.

23ئادەمئاتا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:

_ مانا ئەمدى سۆڭىكى مېنىڭ سۆڭىكىمدىن، گۆشى مېنىڭ گۆشۈمدىن ئېلىنغان، ماڭا ئوخشاش خىلدىكى بىرى بولدى! ئۇ «ئايال» دەپ ئاتالسۇن، چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغان. [داۋامى]

« زەبۇر » 139- مۇناجات

13شۇنداق، سەن ياراتتىڭ ئىچكى ئەزالىرىمنى،

ئاپىرىدە قىلدىڭ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى.

14شۈكۈر-رەھمەت ئېيتىمەن ساڭا،

چۈنكى قالتىس، ئالامەت ياراتتىڭ مېنى.

شۇنچە كارامەت ئىجادىيەتلىرىڭ،

ياخشى بىلىمەن قەلبىمدە بۇنى.

15مېنى پىنھان ياراتقىنىڭدا،

پۈتۈلگەندە ئانامنىڭ قورسىقىغا،

ساڭا يوچۇن ئەمەستى تېنىم ئەسلا.

16كۆرگەنىدىڭ ھامىلە چېغىمدا مېنى،

كەلمەي تۇرۇپ ھاياتىمنىڭ تۇنجى كۈنى،

تەقدىرىم دەپتىرىڭگە يېزىلغانىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 42- باب

5ئاسماننى ياراتقان ۋە ئۇنى يايغان،

زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرنى ئاپىرىدە قىلغان،

ئىنسانلارغا نەپەس ئاتا قىلىپ، ھاياتلىق بەرگەن

پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆزى تاللىغان خىزمەتكارىغا مۇنداق دەيدۇ: [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 45- باب

7مەن يورۇقلۇقنى ۋە قاراڭغۇلۇقنى ياراتتىم.

مەن كىشىلەرگە ئامانلىقمۇ بېرەلەيمەن، بالا-قازامۇ كەلتۈرەلەيمەن.

مەن پەرۋەردىگارمەن، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالايمەن. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 45- باب

18ئاسماننى ياراتقان پەرۋەردىگار ئۇ ھەقىقىي خۇدادۇر!

ئۇ زېمىننى ياساپ، ئۇنى ياراتتى،

ئۇنى مۇستەھكەم قىلدى.

ئۇ زېمىننى قۇرۇق قويمىدى،

ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن زېمىننى ياراتتى.

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن،

مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 40- باب

25مۇقەددەس خۇدا: «سىلەر كىمنى مەن بىلەن سېلىشتۇرالايسىلەر،

كىم مەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟» دەپ سورايدۇ.

26سىلەر ئاسمانغا قاراڭلار،

بۇ مەۋجۇداتلارنى كىم ياراتقاندۇ؟

كىم بارلىق يۇلتۇزلارنى ئىسمى بىلەن چاقىرىپ،

ئۇلارنى بىر-بىرلەپ يېتەكلەپ چىققاندۇ؟

پەرۋەردىگار غايەت كۈچلۈك، چەكسىز قۇدرەتلىك بولغاچقا،

ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ كەم قالمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

3ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى. ھېچقانداق مەۋجۇدات ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس. 4«كالام» ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى. 5نۇر قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدۇ. قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھەرگىز بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 17- باب

24پۈتكۈل دۇنيانى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن بىنا قىلىنغان بۇتخانىلاردا تۇرمايدۇ. 25ئۇنىڭ ئىنسانلارغا ھېچقانداق ھاجىتى چۈشمەيدۇ. ئەكسىچە، ئىنسانلارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 1- باب

16چۈنكى، مەيلى يەر يۈزىدە ياكى ئەرشتە بولسۇن، مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق يارىتىلغان. كۆرگىلى بولىدىغان مەۋجۇداتلار ياكى كۆرگىلى بولمايدىغان ئەرشتىكى ھەرقانداق مەرتىۋىلىكلەر، مەنسەپدارلار، ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 4- باب

11«پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز!

شان-شەرەپ، ھۆرمەت ۋە قۇدرەتكە لايىقسەن.

چۈنكى، ھەممىنى سەن ياراتتىڭ.

ھەممە شەيئى خاھىشىڭ بىلەن يارىتىلىپ ۋۇجۇدقا كەلدى.» [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى