ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى: دۇئا

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

5_ دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانا ياكى تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىدىغان ساختىپەزلەردەك دۇئا قىلماڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ.

6دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، ئەرشتىكى كۆرۈنمەس ئاتاڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. سەزدۈرمەستىن قىلىنغان بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئەرشتىكى ئاتاڭلار جەزمەن سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ.

7دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، بۇتپەرەسلەردەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. ئۇلار گەپنى تەكرارلاۋەرسەك خۇدا تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىسا كېرەك. 8سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تەلەپ قىلىشتىن ئاۋۋاللا بىلىدۇ. 9شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار:

«ئى ئەرشتىكى ئاتىمىز،

سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي.

10پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدە نامايان بولغاي.

ئىرادەڭ ئەرشتىكىدەك يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي.

11كۈندىلىك يېمەكلىكىمىزنى بەرگەيسەن.

12بىزگە گۇناھ قىلغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك،

سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.

13بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن.

بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. » [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 7- باب

7_ دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ. 8چۈنكى، تىلىگەنلەر ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك ئېچىلىدۇ. 9ئەگەر ئوغلۇڭلار نان تەلەپ قىلسا، سىلەر ئۇنىڭغا تاش بېرەتتىڭلارمۇ؟ 10بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرەتتىڭلارمۇ؟ 11گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟

12باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 18- باب

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا بوشاشماستىن، ھەمىشە دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا يەنە بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى:

2_ مەلۇم شەھەردە بىر قازى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايدىكەن. 3شۇ شەھەردىكى بىر تۇل ئايال ھەمىشە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «بىرسى ماڭا ئۇۋال قىلدى، سىز ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ، ماڭا ئاتىدارچىلىق قىلسىڭىز» دەپ تەلەپ قىپتۇ. 4لېكىن، قازى بۇ ئىشنى بەك كەينىگە سۆرەۋېتىپتۇ، بىراق كېيىن ئىچىدە «مەن خۇدادىن قورقمايمەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن، 5لېكىن، بۇ تۇل ئايال دائىم ئىشىكىم ئالدىدىن كەتمەي مېنى زېرىكتۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھال-دەردىنى ئاڭلاپ، دەردىگە يەتكىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ.

6رەببىمىز ئەيسا تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئادالەتسىز قازىنىڭ سۆزلىرىدىن ساۋاق ئېلىڭلار. 7بىر ئادالەتسىز قازى شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىدىن كېچە-كۈندۈز ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى كېچىكتۈرەرمۇ؟ 8ياق! ئەكسىچە، خۇدا جەزمەن تېزدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ. دەرۋەقە، ئىنسانئوغلى ئاسماندىن قايتىپ كەلگەندە، يەر يۈزىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلارنى تاپالارمۇ؟ [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 22- باب

39تاماقتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلار بىلەن بىللە شەھەردىن چىقىپ، ئادىتى بويىچە زەيتۇن تېغىغا كەتتى. 40ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلارغا:

_ ئېزىقتۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى.

41ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ:

42_ ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، _ دەپ دۇئا قىلدى. 43ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسماندىن كەلگەن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ، مەدەت بەردى. 44ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە تېخىمۇ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى.

45دۇئادىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ غەمگە چۆككەنلىكىدىن مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆردى.

46_ ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇپ دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ئويغىتىپ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 15- باب

7سىلەر مەندە بولساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ساقلانسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، شۇنىڭغا ئېرىشىسىلەر. 8سىلەر كۆپ مېۋە بېرىشىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايسىلەر. بۇ، ئاتامغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى