سوئال

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 22- باب

1ئەۋزەلدۇر ياخشى نام زور بايلىقتىن،

چوڭقۇر ھۆرمەت ئالتۇن-كۈمۈشتىن.

2گاداي بىلەن باينىڭ ئورتاقلىقى شۇكى:

پەرۋەردىگار ياراتقۇچىدۇر ھەر ئىككىلىسىنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

19_ يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلىماڭلار. چۈنكى، بۇ يەردە يا كۈيە يەپ تۈگىتىدۇ، يا داتلىشىپ تۈگەيدۇ ياكى ئوغرى ئوغرىلاپ كېتىدۇ. 20ئەكسىچە، ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلاڭلار. ئۇ يەردە كۈيە يېمەيدۇ، داتلاشمايدۇ، ئوغرىمۇ ئالمايدۇ. 21بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، قەلبىڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.

22كۆز تەننىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭلار ياخشى بولسا، يەنى كۆزۈڭلار خۇدادا بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار يورۇقلۇق بىلەن تولىدۇ. 23ئەگەر كۆزۈڭلار يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلارنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ. ئەگەر ھاياتىڭلاردىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە!

24ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق كىشى يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.

25شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. ھاياتلىق يېمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 26كۆكتىكى ئۇچارقاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئامباردا ئوزۇقمۇ ساقلىمايدۇ. ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 27ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە ئۇزارتالايسىلەر؟

28كىيىم-كېچەك ئۈچۈن غەم قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ؛ 29لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. 30ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدادىن نېمىشقا گۇمانلىنىۋاتىسىلەر؟ دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟ 31شۇنداق ئىكەن، «نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز، نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. 32يەھۇدىي ئەمەسلەر مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ. 33شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ. 34شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىدىن غەم قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە يېتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 16- باب

25چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. 26بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟! 27ئىنسانئوغلى بولغان مەن ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

41ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە يىغىلىدىغان جاينىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۆز ئىئانىلىرىنى تاشلاۋاتقان جامائەتكە قاراپ تۇراتتى. نۇرغۇن بايلار ساندۇققا خېلى كۆپ پۇل تاشلىدى. 42بىر كەمبەغەل تۇل ئايالمۇ كېلىپ، بىرنەچچە تىيىنلا قىممىتىدىكى ئىككى تەڭگىنى تاشلىدى.

43ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپ. 44چۈنكى، باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقان بايلىقلىرىدىن ئىئانە قىلدى. لېكىن، بۇ ئايال نامرات تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ بار-يوقىنى _ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ھەممە نەرسىسىنى ئىئانە قىلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 10- باب

20_ ئۇستاز، بۇلارغا كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، _ دېدى ھېلىقى ئادەم.

21ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ:

_ سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. بېرىپ پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ! _ دېدى.

22بۇ سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا بۇ ئادەمنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، قايغۇ ئىچىدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.

23ھەزرىتى ئەيسا ئۆپچۆرىسىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا:

_ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! _ دېدى.

24شاگىرتلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران بولۇشتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:

_ بالىلىرىم، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش نېمىدېگەن تەس-ھە! 25بايلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس ئىكەن! _ دېدى.

26شاگىرتلار تېخىمۇ ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىدىن:

_ ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 27ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ:

_ بۇ، ئىنسانلارنىڭ قولىدىن ئەمەس، خۇدانىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىشتۇر، چۈنكى خۇدا ھەممىگە قادىردۇر، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 16- باب

19ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ بۇرۇنلاردا دائىم ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر باي ئۆتكەنىكەن. 20-21يەنە پۈتۈن ئەزايىنى جاراھەت بېسىپ كەتكەن لازار ئىسىملىك بىر تىلەمچىمۇ بار ئىكەن. كىشىلەر ئۇنى باينىڭ داستىخىنىدىن ئاشقان نەرسىلەرنى تېرىپ يەپ جان باقسۇن دەپ، ھەمىشە ئۇنى باينىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەكېلىپ قويىدىكەن. ئۇ يەردە ياتقىنىدا، ھەتتا ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايدىكەن.

22كېيىن، بۇ تىلەمچى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. پەرىشتىلەر ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىپ ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئاپىرىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، بايمۇ ئۆلۈپ، يەرلىككە قويۇلۇپتۇ. 23ئۇ يەر ئاستىدا قاتتىق ئازاب چېكىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراق بىر جايدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى لازارنى كۆرۈپ: 24«ئى بوۋام ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارنى ئەۋەتكەيسەن. ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۇ تېمىتىپ، تىلىمنى نەمدەپ قويغاي، چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپتۇ.

25«ئەي ئوغلۇم» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم، «ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆردۈڭغۇ! لازار بولسا ھەممە جاپانى تارتتى. ئەمدى ئۇ بۇ يەردە راھەت كۆرۈۋاتىدۇ، سەن بولساڭ ئازابلىنىۋاتىسەن. 26ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنى تېگى يوق ھاڭ ئايرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىن سەن تۇرغان يەرگە بېرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ يەردىن بۇ يەرگە كېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.» 27باي مۇنداق دەپتۇ: «ئى بوۋا، ئۇنداق بولسا، لازارنى ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. 28ئۇ يەردە مېنىڭ بەش قېرىندىشىم بار. ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن.»

29«قېرىنداشلىرىڭغا مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى بار. ئۇلار شۇنى ئاڭلىسۇن» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم.

30«ئى بوۋام ئىبراھىم» دەپتۇ باي، «بۇ كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇلار بەك تەرسا. ئەگەر ئۆلگەن بىرەر ئادەم تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىپ توغرا يولغا ماڭاتتى» 31لېكىن، ئەجدادىمىز ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئۇلار مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىسا، ئۆلگەن ئادەم تىرىلسىمۇ، ئىشەنمەيدۇ» دەپتۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 6- باب

6دەرۋەقە، خۇداغا رازىمەنلىك بىلەن ئىخلاسمەن بولغان ئادەم ھەقىقىي روناق تاپىدۇ. 7بىز بۇ دۇنياغا ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىدۇق ۋە بۇ دۇنيادىن ھېچنېمە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. 8شۇڭا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىكىمىز تولۇق بولسىلا، رازى بولۇشىمىز كېرەك. 9باي بولۇشنىلا ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئازدۇرۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلار ئىنسانلارنى قۇرۇتۇپ ھالاك قىلىدىغان نۇرغۇن زىيانلىق ھەم ئەخمىقانە ھەۋەسلەرنىڭ تورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. 10چۈنكى، پۇلپەرەسلىك ھەر خىل يامانلىقنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر باي بولۇش ھەۋىسى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزىگە تۈگىمەس ئازاب تېپىۋالدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 6- باب

17بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن. 18ئۇلارغا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى كۆپ قىلىشنى، مەرد ۋە قولى ئوچۇق بولۇشنى بۇيرۇغىن. 19بۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە پۇختا ئاساس بولىدىغان بىر خەزىنە توپلىيالايدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر