سوئال

« زەبۇر » 37- مۇناجات

3ياخشىلىق قىل، ئىشەنچ باغلا پەرۋەردىگارغا،

تىنچ-ئامان ياشايسەن خۇدا بەرگەن زېمىندا.

4شادلىقىم دەپ بىلسەڭ ئەگەر پەرۋەردىگارنى،

ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرار قەلبىڭدىكى ئارزۇلارنى.

5ئامانەت قىل ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا،

ئۇ يېتەكچى بولار ساڭا، ئىشەن ئۇنىڭغا.

6تاڭ سەھەردەك يورۇتار ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى،

چۈشتىكى قۇياش كەبى چاقنىتار گۇناھسىزلىقىڭنى. [داۋامى]

« زەبۇر » 145- مۇناجات

17پەرۋەردىگار ھەممە ئىشتا ئادىلدۇر،

ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر.

18پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ يېنىدىدۇر،

ئۇنى چىن دىلىدىن سېغىنغانلارغا يېقىندۇر.

19ئۇ يەتكۈزەر مۇرادىغا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى،

ئاڭلاپ نالىسىنى قۇتقۇزار ئۇلارنى.

20قوغدار پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى،

ئەمما ھالاك قىلار بارلىق پاسىقلارنى.

21ھەمدۇسانالار چۈشمەس مېنىڭ ئېغىزىمدىن پەرۋەردىگارغا،

پۈتكۈل جانلىقلار مەڭگۈ مەدھىيە ئوقۇسۇن مۇقەددەس نامىغا. [داۋامى]

« زەبۇر » 105- مۇناجات

1پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار،

ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار،

كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار!

2خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە،

مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە.

3ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ،

قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ.

4تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە،

ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە.

5ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى،

مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى. [داۋامى]

« زەبۇر » 25- مۇناجات

12ئەگەر كىمكى ئىخلاس قىلسا پەرۋەردىگارغا،

دۇرۇس يولنى ئۆگىتەر ئۇنىڭغا خۇدا.

13بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشار ئۇ كىشى،

زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى.

14خۇدا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى دوست تۇتار،

ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى ئېنىق تونۇتار.

15تىكىمەن دائىم پەرۋەردىگارغا كۆزلىرىمنى،

تۇزاقتىن ئۇ تارتىپ ئالار پۇتلىرىمنى.

16ھالىمغا باق ئى ئىگەم ھىممىتىڭنى كۆرسەت ماڭا،

يالغۇزدۇرمەن، قالدىم ئازاب، كۈلپەت ئارا. [داۋامى]

« زەبۇر » 68- مۇناجات

3ھەققانىيلار تەنتەنە قىلىپ، خۇشال بولار،

خۇدا ھۇزۇرىدا روھى ئۇرغۇپ، شادلىنار.

4خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،

نامىنى كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار.

ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇلۇغلاڭلار،

«مەڭگۈ بار بولغۇچى _ ياھ»دۇر ئۇنىڭ نامى.

ھۇزۇرىدا خۇشاللىققا چۆمۈڭلار.

5ئاتا بولغان يېتىملارغا،

ئىگە چىققان تۇل خوتۇنلارغا،

ئۇ خۇدادۇر، ماكانى مۇقەددەستۇر.

6ئۆي-ئۇچاقلىق قىلار خۇدا غېرىبلارنى،

ئازاد قىلىپ، مۇنبەت يەرگە باشلار سۈرگۈنلەرنى،

لېكىن، قاغجىراق يەرگە قالدۇرار بويسۇنمىغانلارنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 3- باب

5ئىشەنمەي ئۆز ئەقلىڭگە،

ئىشەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا،

6ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا،

ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.

7ئۆزۈڭنى ئەقىللىق دەپ سانىما،

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىققا يولىما. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

28ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. 29مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن. شۇڭا، مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. 30مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، تەلىپىم ئېغىر ئەمەس. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

5ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن:

«سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن،

سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.»

6شۇڭا، زەبۇردا يېزىلغاندەك يۈرەكلىك ئېيتالايمىزكى:

«قورقمايمەن، رەببىم ياردەمچىمدۇر.

كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟» [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 5- باب

7بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر