سوئال

« زەبۇر » 11- مۇناجات

5پەرۋەردىگار كۆزىتەر ھەققانىي ۋە رەزىللەرنى،

ئۆچ كۆرەر زوراۋانلىققا مەپتۇنلارنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 29- باب

11ئەخمەق بىراقلا ئاشكارىلار غەزىپىنى،

ئاقىل بېسىۋالار ئۆزىنى. [داۋامى]

تەۋرات، « مالاكى » 2- باب

16پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «مەن ئاجرىشىشقا نەپرەتلىنىمەن» دەيدۇ. «ئاجرىشىش خۇددى بىرسىگە قىلغان زوراۋانلىق بىلەن باراۋەردۇر. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، ساداقەتسىزلىك قىلماڭلار!» [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 8- باب

3شۇ چاغدا، بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 4ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇستاز، بۇ ئايال زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى. 5مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا زىنا قىلغان ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇغان. سىزچە قانداق قىلىش كېرەك؟ _ دەپ سوراشتى. 6ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى، ھەزرىتى ئەيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىبلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. 7ئۇلار شۇ سوئالنى سوراۋەردى، شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ، ئۇلارغا:

_ ئاراڭلاردىكى گۇناھسىز كىشى بۇ ئايالغا بىرىنچى تاشنى ئاتسۇن! _ دېدى.

8ئاندىن، يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. 9ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. 10ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا:

_ خانىم، سىزنى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سىزنى سوراققا تارتىدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

11_ چىقمىدى، ھەزرەتلىرى، _ دېدى ئايال.

ھەزرىتى ئەيسا:

_ مەنمۇ سىزنى سوراق قىلمايمەن. قايتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلماڭ! _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

31بارلىق ئاداۋەت تۇتۇش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، جېدەللىشىش، تۆھمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىللەتلەردىن ۋە ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. 32بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

19ئەي ئەرلەر، ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

19قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن. 20چۈنكى، غەزەپلەنسەڭلار، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھەققانىي ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

7ئەي ئەرلەر، شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن بولغان تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ سىلەردىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭلار ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. چۈنكى، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلاردۇر. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر