سوئال

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 13- باب

36شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىردى. شاگىرتلىرى يېنىغا كېلىپ:

_ ئېتىزدىكى ياۋا ئوتلار توغرىسىدىكى تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز، _ دېدى.

37ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ياخشى ئۇرۇقلارنى چاچقان ئىنسانئوغلىدۇر. 38ئېتىز دۇنيا بولۇپ، ياخشى ئۇرۇقلار ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مىراسخورلىرىدۇر. ياۋا ئوتلار بولسا شەيتانغا تەۋە بولغانلاردۇر. 39ياۋا ئوت ئۇرۇقلىرىنى چاچقان دۈشمەن شەيتاندۇر. ئورما ۋاقتى زامان ئاخىرى، ئورمىچىلار بولسا پەرىشتىلەردۇر. 40ياۋا ئوتلار قانداق يۇلۇنۇپ ئوتقا تاشلانغان بولسا، زامان ئاخىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 41ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغان ۋە يامانلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ، 42ئۇلارنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. 43ھەققانىي ئادەملەر ئۇ چاغدا ئاتىسى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا قۇياشتەك چاقنايدۇ. بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 25- باب

41ئاندىن سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ غالچىلىرىغا ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا كىرىڭلار! 42چۈنكى، ئاچ قالغىنىمدا ماڭا يېمەكلىك بەرمىدىڭلار، ئۇسسىغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار، 43مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز قوينۇڭلارغا ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيىندۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ.

44ئۇ چاغدا، ئۇلار: «ئى رەببىم، سىزنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭىزدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ. 45بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلمىغاننى ماڭىمۇ قىلمىغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. 46بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا ئۇچرايدۇ. ھەققانىي ئادەملەر بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 16- باب

19ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ بۇرۇنلاردا دائىم ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر باي ئۆتكەنىكەن. 20-21يەنە پۈتۈن ئەزايىنى جاراھەت بېسىپ كەتكەن لازار ئىسىملىك بىر تىلەمچىمۇ بار ئىكەن. كىشىلەر ئۇنى باينىڭ داستىخىنىدىن ئاشقان نەرسىلەرنى تېرىپ يەپ جان باقسۇن دەپ، ھەمىشە ئۇنى باينىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەكېلىپ قويىدىكەن. ئۇ يەردە ياتقىنىدا، ھەتتا ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايدىكەن.

22كېيىن، بۇ تىلەمچى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. پەرىشتىلەر ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىپ ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئاپىرىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، بايمۇ ئۆلۈپ، يەرلىككە قويۇلۇپتۇ. 23ئۇ يەر ئاستىدا قاتتىق ئازاب چېكىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراق بىر جايدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى لازارنى كۆرۈپ: 24«ئى بوۋام ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارنى ئەۋەتكەيسەن. ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۇ تېمىتىپ، تىلىمنى نەمدەپ قويغاي، چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپتۇ.

25«ئەي ئوغلۇم» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم، «ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆردۈڭغۇ! لازار بولسا ھەممە جاپانى تارتتى. ئەمدى ئۇ بۇ يەردە راھەت كۆرۈۋاتىدۇ، سەن بولساڭ ئازابلىنىۋاتىسەن. 26ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنى تېگى يوق ھاڭ ئايرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىن سەن تۇرغان يەرگە بېرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ يەردىن بۇ يەرگە كېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.» 27باي مۇنداق دەپتۇ: «ئى بوۋا، ئۇنداق بولسا، لازارنى ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. 28ئۇ يەردە مېنىڭ بەش قېرىندىشىم بار. ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن.»

29«قېرىنداشلىرىڭغا مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى بار. ئۇلار شۇنى ئاڭلىسۇن» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم.

30«ئى بوۋام ئىبراھىم» دەپتۇ باي، «بۇ كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇلار بەك تەرسا. ئەگەر ئۆلگەن بىرەر ئادەم تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىپ توغرا يولغا ماڭاتتى» 31لېكىن، ئەجدادىمىز ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئۇلار مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىسا، ئۆلگەن ئادەم تىرىلسىمۇ، ئىشەنمەيدۇ» دەپتۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 1- باب

6خۇدا ئادىلدۇر. ئۇ سىلەرگە ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرگەنلەرنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ. 7شۇنداقلا، رەببىمىز ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلەر ۋە يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئەرشتىن قايتا كەلگەن چاغدا، خۇدا ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن سىلەرگە ۋە بىزگە ئاراملىق بېرىدۇ. 8شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسا خۇدانى تونۇشنى خالىمىغانلارنى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغانلارنى جازالايدۇ. 9بۇنداق كىشىلەرنىڭ جازاسى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار رەببىمىزدىن ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت » 2- باب

2نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ. بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر سەۋەبىدىن ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەت يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ. 3ئۇلار ئاچكۆز بولغاچقا، ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن مال-مۈلكۈڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى بۇرۇندىن تەيياردۇر، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.

4خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ قويمىدى. بەلكى، ئۇلارنى دوزاخقا تاشلاپ، ئۇلارنى سوراققا تارتقۇچە، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەردە سولاپ قويدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 21- باب

8لېكىن، قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، چىرىك، قاتىل، زىناخور، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىسمىتى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدۇر. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.» [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر