« زەبۇر »

86

داۋۇتنىڭ دۇئاسى

1بىچارە ۋە موھتاجدۇرمەن، ئى رەببىم خۇدا،

نىدايىمغا قۇلاق سېلىپ جاۋاب بەرگىن ماڭا.

2ساڭا سادىق بەندەڭنىڭ ساقلاپ قالغىن جېنىنى.

قۇتقۇزۇۋالغىن، پەقەتلا ساڭا تايانغان قۇلۇڭنى.

چۈنكى سەنلا بىردىنبىر مېنىڭ خۇدايىمسەن.

3ئى رەببىم، ئىلتىپات ئەيلىگىن ماڭا،

قىلماقتىمەن كۈنبويى ئىلتىجا ساڭا.

4مەن پېقىر قۇلۇڭنىڭ كۆڭلىنى بىر شاد قىلغىنا،

چۈنكى مەن سېغىنىپ دۇئا قىلىمەن ساڭا.

5ئى رەببىم، بەرھەق سەن مېھرىبان ۋە ئەپۇچان،

مېھرىڭ چەكسىز، ئىلتىجا قىلغانلارغا ھەر قاچان.

6ئى پەرۋەردىگار، كۆڭۈل بۆلگىن مېنىڭ دۇئايىمغا،

قۇلاق سالغىن شەپقەت سورىغان ئىلتىجايىمغا.

7سېغىنىمەن رەببىم سېنى كۈن چۈشكەندە بېشىمغا،

چۈنكى سەن جاۋاب بېرىپ كەلدىڭ ماڭا دائىما.

8يېگانىسەن ئى رەببىم غەيرىي ئىلاھلار* ئالدىدا،

ئۇلۇغ ئىشنى قىلغۇچى پەقەت بىر ئۆزۈڭلا.

9سەن ياراتقان بارلىق قوۋملار

كېلىپ ئالدىڭغا سەجدە قىلار

ھەم نامىڭنى ئۇلۇغلار ئۇلار.

10ئاجايىپ ئۇلۇغ مۆجىزىلەر ئىگىسىسەن،

بەرھەق، يالغۇز سەنلا خۇدادۇرسەن.

11پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا يولۇڭنى،

ئەگىشىپ ساڭا ھەق يولدا ياشاي.

قاراتقىن ئۆزۈڭگىلا بۇ قەلبىمنى،

چىن دىلىمدىن ساڭا ئىخلاس قىلاي.

12پۈتۈن قەلبىم بىلەن شۈكۈرلەر ئېيتىمەن ساڭا،

ئۇلۇغلايمەن نامىڭنى مەڭگۈگە رەببىم خۇدا.

13چۈنكى قۇتقۇزدۇڭ جېنىمنى جەھەننەم دەرگاھىدىن،

ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ شۇنچە چەكسىز بولغاچ ماڭا.

14ئى خۇدا، ماڭا قارشى تۇرىدۇ مەنمەنچىلەر،

جېنىمنى ئالماق ئۈچۈن ئىزدەر مېنى ۋەھشىيلەر.

كۆزگە ئىلىپ قويماس سېنى قىلچە ئۇلار.

15لېكىن رەببىم رەھىمدىل، شەپقەتلىكسەن،

ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن،

مېھىر-مۇھەببەت، ساداقەتتە چەكسىزسەن.

16ھالىمغا باق، ماڭا شەپقەت ئەيلىگىن،

مەندەك قۇلۇڭغا كۈچ-مادار ئاتا قىلغىن،

پېقىر قۇلۇڭنى مۇشەققەتتىن قۇتقۇزغىن.

17كۆرسەت ماڭا شەپقىتىڭنى،

ياردەم بەرگىن ئى پەرۋەردىگار،

تاپسۇن قەلبىم تەسەللى،

بولسۇن شەرمەندە ماڭا ئۆچ بولغانلار.



*8ئىلاھلار _ بۇ يەردە ئېيتىلغان «ئىلاھلار» دۇنيادىكى ھەر خىل خەلقلەر ئىشىنىدىغان يالغان ئىلاھلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى