« زەبۇر »

54

بۇ زىفلىقلار سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ «داۋۇت بىزنىڭ ئارىمىزدا يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ» دەپ چېقىمچىلىق قىلغاندىن كېيىن* داۋۇت يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئورۇنلانسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ئى خۇدا، قۇتقۇزغىن ئۆزۈڭ مېنى،

قۇدرىتىڭدە قوغدىغىن مېنى.

2ئى خۇدا، ئاڭلىغىن دۇئالىرىمنى،

تىڭشىغىن مۇناجات-نىدالىرىمنى.

3زوراۋان دۈشمەنلەر قارشى چىقماقتا ماڭا،

ئۇلار قەست قىلماقچى ئەزىز جېنىمغا.

ئېتىبار بەرمەس ئۇلار ئەسلا خۇداغا.

4ئىشەنچىم كامىلكى مەدەتكار خۇدا،

ئىگىمىز يار-يۆلەك بولىدۇ ماڭا.

5بەرگەي ئۇ يامانغا يامانچە جازا،

ھالاك قىلىپ دۈشمەننى ۋاپادار خۇدا.

6ئى پەرۋەردىگار، سۇناي ساڭا خالىس قۇربانلىقىمنى،

بولغاچقا سەن شاپائەتلىك، مەدھىيەلەيمەن نامىڭنى.

7شۇنداق خۇدا، بارلىق كۈلپەتلەردىن خالاس قىلدىڭ مېنى،

ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى.



*بۇ ۋەقەلەر «تەۋرات. بىرىنچى سامۇئىل» 23-باب 14-ئايەتتىن 29-ئايەتكىچە بايان قىلىنىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى