« زەبۇر »

119

1نەقەدەر بەختلىكتۇر دۇرۇس يولدا ماڭىدىغانلار،

پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى بويىچە ياشايدىغانلار.

2بەختلىكتۇر يەنە ئۇنىڭ پەرزلىرىنى تۇتۇپ،

پۈتۈن قەلبى بىلەن ئۇنىڭغا تەلپۈنىدىغانلار.

3ناھەقچىلىك قىلماس ئۇلار ئەسلا،

ماڭار ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا.

4پەرۋەردىگار چۈشۈردۈڭ ئەمرلىرىڭنى،

ئەستايىدىل ئورۇنداڭلار دەپ ئۇلارنى.

5قارارلىرىم قەتئىي بولغاي مېنىڭ،

پەرمانلىرىڭغا ئەمەل قىلىشقا سېنىڭ.

6كۆڭۈل بۆلسەم ئەمرلىرىڭگە،

قالماسمەن ئەسلا شەرمەندىلىككە.

7مەدھىيەلەيمەن پاك قەلبىمدىن سېنى،

ئۆگەنگىنىمدە ئادىل ھۆكۈملىرىڭنى.

8پەرمانلىرىڭغا ئەمەل قىلىمەن،

مېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمىگىن.

9ياش يىگىت قانداق قىلىپ پاك يولدا ماڭالار؟

ئۇ پەقەت كالامىڭغا ئەمەل قىلغاندا بولار.

10پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەلپۈندۈم ساڭا،

ھەق يولۇڭدىن ئېزىشقا يول قويما ماڭا.

11نىيەت قىلىپ گۇناھكار بولماسلىقنى،

ساقلىدىم قەلبىمدە چىڭ سۆزلىرىڭنى.

12ھەمدۇسانا بولسۇن پەرۋەردىگار ساڭا،

ئۆگەتكەيسەن نىزاملىرىڭنى ماڭا.

13بايان قىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنى،

جاكارلايمەن تەلىملىرىڭنى.

14ئادەملەر خۇرسەن بولغاندەك بايلىقلىرىدىن،

شادلىنىمەن ئۆزۈم پەرزلىرىڭدىن.

15چوڭقۇر پىكىر قىلىمەن نىزاملىرىڭ ئۈستىدە،

ئويلىنىمەن يول-قەدىمىڭ ھەققىدە.

16سۆيۈندۈردى نىزامىڭ مېنى،

ئۇنتۇمايمەن كالامىڭنى.

17شەپقىتىڭنى كۆرسەتسەڭ مەن قۇلۇڭغا،

شۇندا مەن ھايات ياشاپ، ئەمەل قىلاي كالامىڭغا.

18ئاچقىن مېنىڭ كۆزلىرىمنى،

كۆرەي تەلىملىرىڭدىكى كارامەتلەرنى.

19مۇساپىرمەن زېمىندا،

ئەمرىڭنى يوشۇرما.

20يۈرىكىم ئېزىلمەكتە،

تەلپۈنۈشتىن ھۆكۈمۈڭگە.

21ئەيىبلەرسەن لەنەتكە ئۇچرىغان تەكەببۇرلارنى،

ئەمرىڭدىن ئېزىپ كەتكەن مەغرۇرلارنى.

22ئېلىپ تاشلا مەندىن خورلۇق، مەسخىرىلەرنى،

چۈنكى ئادا قىلىپ كەلدىم پەرزلىرىڭنى.

23توپلىشىپ ماڭا سۇيىقەست قىلسىمۇ ھۆكۈمرانلار،

پېقىر قۇلۇڭ نىزاملىرىڭ ھەققىدە يەنىلا ئويلىنار.

24پەرزلىرىڭ سۆيۈنىشىمدۇر،

ھەم مېنىڭ مەسلىھەتچىمدۇر.

25قارا تۇپراق قوينىغا ئالماقچى مېنى،

ۋەدەڭگە ۋاپا قىلىپ قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى.

26بايان قىلسام ساڭا يۈرگەن يوللىرىمنى،

جاۋاب بەردىڭ، ئۆگەت ماڭا نىزاملىرىڭنى.

27تەلىمىڭنى چۈشىنىشكە قادىر قىل مېنى،

شۇندا خىيال قىلالايمەن كارامەت ئىشلىرىڭنى.

28غەم-غۇسسىلار دەستىدىن ھاردۇق يەتتى جېنىمغا،

كالامىڭغا ئاساسەن كۈچ-قۇدرەت بەرگىن ماڭا.

29ھىيلە-مىكىر يولىدىن نېرى قىل مېنى،

ئىلتىپات ئەيلەپ ئۆگەت ماڭا تەلىملىرىڭنى.

30تاللىدىم مەن ساداقەت يولىنى،

كۆز ئالدىمدا تۇتىمەن ھۆكۈملىرىڭنى.

31پەرۋەردىگار، چىڭ تۇتىمەن پەرزلىرىڭنى،

شەرمەندىلىكتە قويمىغىن مېنى.

32قىزغىن ئادا قىلىمەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى،

چۈنكى شۇنداق قىلىشقا قادىر قىلدىڭ مېنى.

33پەرۋەردىگار، چۈشەندۈرگىن ئەمرلىرىڭنى،

ئاخىرغىچە ئىجرا قىلاي ئۇلارنى.

34قەلبىمنى يورۇتقايسەن، يولۇڭنى تۇتاي،

پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلاي.

35ئەمرلىرىڭگە بويسۇنىدىغان قىلغىن مېنى،

چۈنكى سۆيىمەن سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىشنى.

36مايىل قىلماي قەلبىمنى مەنپەئەتلەرگە،

بەلكى خۇشتار قىلغىن سېنىڭ پەرزلىرىڭگە.

37نەزىرىمنى يىراق قىلىپ ساختىلىقتىن،

ئۆز يولۇڭ بىلەن مېنى روھلاندۇرغىن.

38ئەمەلگە ئاشۇرساڭ قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى،

خەلقلەر تېخىمۇ ھۆرمەتلەر سېنى.

39قورقىمەن، يىراق قىل مەندىن ھاقارەتلەرنى،

بەرھەق، ئەلا بىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنى.

40نەقەدەر تەلپۈنىمەن يوليورۇقلىرىڭغا،

مېنى روھلاندۇرغىن ھەققانىيلىقىڭدا.

41ئى پەرۋەردىگار، كۆرسىتىپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى،

ئاتا قىل ماڭا ۋەدە قىلغان نىجاتلىقىڭنى.

42شۇندا جاۋاب بېرەلەيمەن ماڭا ھاقارەت قىلغانلارغا،

چۈنكى مەن تايىنىمەن پەقەت سېنىڭ كالامىڭغا.

43بەرگىن ماڭا ھەقىقىي گۇۋاھلىقنىڭ پۇرسىتىنى،

باغلىغانمەن پەقەت سېنىڭ ھۆكۈمىڭگە ئۈمىدىمنى.

44بويسۇنىمەن دائىما تەلىملىرىڭگە،

رىئايە قىلىمەن ھەم مەڭگۈگە.

45مەن ئەركىن، بىخەتەرمەن ھەممە جايلاردا،

چۈنكى ئىتائەت قىلىپ كەلدىم يوليورۇقلىرىڭغا.

46پەرزلىرىڭنى سۆزلەيمەن شاھلار ئالدىدا،

رەددىيەگە ئۇچراپ نومۇستا قالماسمەن ئەسلا.

47ئەمرلىرىڭدىن خۇرسەن بولۇرمەن،

ھەم ئۇلارنى شۇنچە سۆيەرمەن.

48ئەمرلىرىڭنى ھۆرمەتلەپ قولۇم تۇرار كۆكسۈمدە،

ئويلىنىمەن مەن سۆيگەن پەرمانلىرىڭ ھەققىدە.

49ئۇنتۇمىغىن مەن قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى _

ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان ئاشۇ كالامىڭنى.

50ئۇ ماڭا تەسەللىدۇر كۈلپەتتە قالغىنىمدا،

يېڭى روھ ئاتا قىلار ۋەدەڭ ماڭا.

51مەسخىرە قىلسىمۇ مېنى دا‏ئىم تەكەببۇرلار،

لېكىن سېنىڭ تەلىملىرىڭدىن ئاغمىدىم زىنھار،

52ئەسلىسەم قەدىمدىن بۇيانقى ھۆكۈملىرىڭنى،

ئى پەرۋەردىگار، بېرەر ئۇلار ماڭا تەسەللىنى.

53تەرك ئەتكەچ رەزىللەر تەلىملىرىڭنى،

باسالمايمەن ئۇلارغا بولغان غەزىپىمنى.

54يۈرسەممۇ گەر مۇساپىر بولۇپ پانىي دۇنيادا،

پەرمانلىرىڭ بولدى ماڭا گۈزەل بىر ناخشا.

55ئى پەرۋەردىگار، رىئايە قىلىمەن تەلىملىرىڭگە،

ياد ئېتىمەن نامىڭنى ھەربىر كېچىدە.

56رىئايە قىلىپ كەلدىم سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭغا،

بۇنداق قىلىش بەخت ئېلىپ كەلدى ماڭا.

57نېسىۋەم دەپ بىلىمەن پەرۋەردىگار بىر ئۆزۈڭنى،

ۋەدەم بار چىڭ تۇتۇشقا كالامىڭنى.

58چىن قەلبىمدىن ئىستەپ كەلدىم شەپقىتىڭنى،

كۆرسەت ماڭا ۋەدە قىلغان ئىلتىپاتىڭنى.

59نەزەر سېلىپ مېڭىۋاتقان يولۇمغا،

قەدىمىمنى بۇرىدىم پەرزلىرىڭ تامانىغا،

60ئالدىرىدىم،

ئەمرلىرىڭنى ئىجرا قىلىشقا،

ھەم ھېچ ئىككىلەنمىدىم.

61گەر رەزىللەر چىرمىۋالسىمۇ ئارغامچىلار بىلەن مېنى،

ئۇنتۇماسمەن ئەسلا سېنىڭ تەلىملىرىڭنى.

62ئادالەت بولغاچ ھۆكۈملىرىڭدە

ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن ساڭا،

ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېرىم كېچىدە.

63دوستتۇرمەن ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا،

شېرىكمەن يوليورۇقلىرىڭغا رىئايە قىلىدىغانلارغا.

64مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە تولغاندۇر زېمىن،

ئى پەرۋەردىگار، نىزاملىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكىن.

65ئۆزۈڭ بەرگەن ۋەدەڭگە ئاساسەن،

قۇلۇڭغا ياخشىلىق قىلدىڭ سەن.

66ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەيسەن ماڭا،

چۈنكى مەن ئىشەندىم پەرمانلىرىڭغا.

67ئازغۇن ئىدىم سەن مېنى جازالاشتىن ئىلگىرى،

چىڭ تۇتىمەن ئېسىمدە ئەمدى سېنىڭ سۆزۈڭنى.

68نەقەدەر شاپائەتلىكسەن، ئايىمىدىڭ ياخشىلىقىڭنى،

ئۆگەتكىن ماڭا نىزاملىرىڭنى.

69تەكەببۇرلار چاپلىسىمۇ يالغاندىن بوھتان ماڭا،

ئەمما چىن قەلبىمدىن بويسۇنىمەن يوليورۇقلىرىڭغا.

70بىخۇدلاشقان ئۇلارنىڭ قەلبى ئەزەلدىن،

مەن بولسام سۆيۈنىمەن تەلىمىڭدىن.

71تارتقان جاپالىرىم پايدىلىق بولدى ماڭا،

چۈنكى مېڭىشنى ئۆگەندىم پەرمانلىرىڭ يولىدا.

72ئېيتقان تەلىملىرىڭنى بىلىمەن ئەلا،

مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ھەتتا.

73قوللىرىڭ ياراتتى، ياسىدى مېنى،

ئەقىل بەر ماڭا، چۈشىنەي ئەمرلىرىڭنى.

74مېنى كۆرۈپ خۇش بولار ئىخلاسى بارلار ساڭا،

چۈنكى مەن ئۈمىدىمنى باغلىغانمەن كالامىڭغا.

75بىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنىڭ ئادىللىقىنى،

ساداقىتىڭ بىلەن جازالىدىڭ مېنى.

76بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە مەن قۇلۇڭغا،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ تەسەللى بولسۇن ماڭا.

77رەھىم قىلىپ، ساقلىغايسەن ھاياتىمنى،

شادلىقىم دەپ بىلىپ كەلدىم تەلىملىرىڭنى.

78شەرمەندە بولسۇن تەكەببۇرلار،

سەۋەبسىزلا ماڭا ناھەقچىلىك قىلغانلار،

ئويلىرىم پەقەت تەلىملىرىڭ ھەققىدە بولار.

79ساڭا ئىخلاس قىلىدىغانلار كەلسۇن يېنىمغا،

پەرزلىرىڭنى ئۆگىتىمەن ئۇلارغا.

80سەمىمىي ئىجرا قىلاي پەرمانلىرىڭنى،

شەرمەندىلىكتە قويماس ئۇلار مېنى.

81زارىقىمەن نىجاتلىقىڭغا،

ئۈمىدىمنى باغلىغاچ كالامىڭغا.

82سېنى «قاچان تەسەللى بېرەركىن» دەپ،

زارىقىشتىن تالدى كۆزلەر ۋەدە كۈتۈپ.

83ئوخشاپ قالساممۇ گەر ئىستا قۇرىغان كېرەكسىز تۇلۇمغا،

ھەر دەم چىڭ ساقلىدىم پەرمانلىرىڭنى يادىمدا.

84قاچانغىچە كۈتكۈزەرسەن مەن قۇلۇڭنى،

قاچانلىققا جازالارسەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى؟

85تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن ئورا كولار،

ئۇلار سېنىڭ تەلىمىڭگە قارشى چىقار.

86ئىشەنچلىكتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسىلا،

ياردەم قىل، دۈشمەنلەر سەۋەبسىز زىيانكەشلىك قىلماقتا ماڭا.

87يەر يۈزىدىن يوق قىلاي دەپ قالسىمۇ ئۇلار مېنى،

ئەمما تەرك ئەتمىدىم يوليورۇقلىرىڭنى.

88روھلاندۇرغىن مېنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە،

بويسۇناي سېنىڭ بەرگەن پەرزلىرىڭگە.

89ئى پەرۋەردىگار، كالامىڭ مەڭگۈلۈكتۇر،

ئۇ ئەرشتە مۇكەممەل پۈتۈلگەندۇر.

90ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە بىلدۈردۈڭ ساداقىتىڭنى،

ئورناتتىڭ ئۆز ئورنىغا مۇستەھكەم قىلىپ يەرنى.

91ئەمرىڭ بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا پۈتۈن دۇنيا،

چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇدات قۇلدۇر ساڭا.

92شادلانمىغان بولسام ئەگەر تەلىملىرىڭدىن،

ھالاك بولار ئىدىم ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن.

93ئۇنتۇماسمەن ئەسلا سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭنى،

چۈنكى ئۇلار روھلاندۇردى ھاياتىمنى.

94مەن ساڭا مەنسۇپتۇرمەن، قۇتقۇز مېنى،

چۈنكى ئىجرا قىلىپ كەلدىم يوليورۇقلىرىڭنى.

95پەيت كۈتسىمۇ رەزىللەر ۋەيران قىلماققا مېنى،

ئەمما دىلىمدا ساقلايمەن يەنىلا پەرزلىرىڭنى.

96كۆردۈم مەن چەكلىكلىكىنى ھەممە نەرسىنىڭ،

ئەمما كەمتۈكى يوقتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ.

97شۇ قەدەر سۆيىمەن تەلىملىرىڭنى،

ياد ئېتىمەن كۈنبويى ئۇلارنى.

98رەقىبىمدىن دانا بولدۇم ئەمرىڭ بىلەن،

چۈنكى تەلىمىڭ بىرگە بولغاچ دائىم مەن بىلەن.

99ئەقىل-ئىدراك ئۇستازلىرىمدىن كۆپرەك بولدى مەندە،

چۈنكى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلدىم ئەمرلىرىڭ ھەققىدە.

100ئاقساقاللاردىنمۇ دانالىقراق بولدۇم،

چۈنكى يوليورۇقلىرىڭغا بويسۇندۇم.

101ئەلا بىلىپ كالامىڭغا ئەگىشىشنى،

رەت قىلىپ كەلدىم ھەممە رەزىللىكنى.

102ھۆكۈملىرىڭدىن قېيىپ كەتمىدىم،

چۈنكى ئۆزۈڭ بەرگەنسەن تەلىم.

103كالامىڭ شېرىن تېتىدى تىلىمغا،

ھەسەلدىن تاتلىق تۇيۇلدى ئاغزىمغا.

104دانا بولۇرمەن يوليورۇقلىرىڭدىن،

نەپرەتلىنىمەن شۇڭا ساختا يوللاردىن.

105چىراغ بولۇپ كالامىڭ پۇتلىرىمغا،

نۇر بېرەر ئۇ يوللىرىمغا.

106قەسەم ئىچتىم، سادىقمەن قەسىمىمگە،

بويسۇنىمەن ئادىل ھۆكۈملىرىڭگە.

107قالدىم مەن قىيىنچىلىق، مۈشكۈللۈكتە،

ئى پەرۋەردىگار، روھلاندۇر مېنى ۋەدەڭ بويىچە.

108قوبۇل قىل چىن دىلىمدىن چىققان مەدھىيەلىرىمنى،

ئى پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا تەلىملىرىڭنى.

109ھاياتىم بولسىمۇ دائىم خەۋپ ئاستىدا،

ئەمما تەلىملىرىڭنى ئۇنتۇماسمەن ئەسلا.

110تۇزاق قۇرسىمۇ مەن ئۈچۈن گەرچە رەزىللەر،

يوليورۇقلىرىڭدىن چىقماسمەن زىنھار.

111مەڭگۈلۈك مىراستۇر ماڭا پەرزلىرىڭ،

شۈبھىسىزكى، شادلىقىدۇر ئۇلار قەلبىمنىڭ.

112قارارىم بار بويسۇنۇشقا،

ئاداققىچە نىزاملىرىڭغا.

113ئۆچ كۆرىمەن ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى،

بىراق، سۆيىمەن سېنىڭ تەلىملىرىڭنى.

114باشپاناھ، قالقاندۇرسەن ماڭا،

ئۈمىدىم باردۇر سېنىڭ كالامىڭدا.

115كۆز ئالدىمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار،

خۇدايىمنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماققا قارارىم بار.

116ئۆزۈڭ ۋەدە قىلغىنىڭدەك يار-يۆلەك بول ھاياتىمغا،

شەرمەندە قىلىپ، قويما مېنى ئۈمىدسىز ھالغا.

117يۆلەنچۈك بولغىن ماڭا، شۇندا ئېرىشەي نىجاتلىققا،

ھەم كۆڭۈل بۆلەي سېنىڭ پەرمانلىرىڭغا دائىما.

118نەزىرىڭدە ئەرزىمەستۇر پەرمانىڭدىن تايغانلار،

بىھۇدىدۇر قانچىلىك نەيرەڭۋازلىق قىلسىمۇ ئۇلار.

119ئەخلىتىنى ئايرىغاندەك ئوتتا تاۋلاپ ئالتۇننى،

يوق قىلىسەن يەر يۈزىدىن رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى،

مەن سۆيىمەن سېنىڭ بارلىق پەرزلىرىڭنى.

120ۋۇجۇدۇم تىترەر قورقۇپ سېنىڭدىن،

ۋەھىمىگە چۈشىمەن ھۆكۈملىرىڭدىن.

121قىلدىم ئادىل، توغرا ئىشلارنى،

زالىملارنىڭ قولىغا قالدۇرما مېنى.

122كاپالەت بەرگىن مەن قۇلۇڭنىڭ بەختىگە،

يول قويما تەكەببۇرلارنىڭ مېنى ئېزىشىگە.

123كۆزلىرىم تالدى سېنىڭ نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ،

ئىشەنچلىك ۋەدەڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈپ.

124مەن قۇلۇڭغا يەتكۈزۈپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى،

ئۆگەت ماڭا نىزاملىرىڭنى.

125ئەقىل-ئىدراك بەرگىن مەن قۇلۇڭغا،

پەرزلىرىڭنى چۈشىنەلەيمەن شۇندىلا.

126ئى پەرۋەردىگار، ۋاقتىڭ كەلدى ھەرىكەت قىلىشقا،

چۈنكى خەلق بويسۇنمىدى قانۇنلىرىڭغا.

127بەرھەق، ئالتۇندىن ئەلا بىلىمەن ئەمرلىرىڭنى،

ھەتتا ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۇلارنى.

128ئادىل دەپ قارايمەن پەرمانلىرىڭنى،

ئۆچ كۆرىمەن بارلىق ساختىلىقلارنى.

129پەرزلىرىڭ بولغاچ سېنىڭ بىباھا،

بويسۇنىمەن شۇڭا مەن ئۇلارغا.

130كالامىڭنىڭ مەنىسى يېشىلگەندە، نۇر چاچار يولىمىزغا،

ئەقىل-ئىدراك بېرەر ئۇ ساددا ئىنسانلارغا.

131نەپسىمنى قىسار مېنىڭ تەقەززالىق،

چۈنكى باردۇر ئەمرىڭگە ئىنتىزارلىق.

132ھالىمدىن خەۋەر ئالغىن كۆرسىتىپ شەپقىتىڭنى،

نامىڭنى سۆيگەنلەرگە كۆرسەتكەندەك مېھرىڭنى.

133ۋەدەڭ بار مەزمۇت قىلماقلىققا قەدىمىمنى،

ماڭا خوجا قىلىپ قويما ھېچبىر گۇناھنى.

134ئىنسانلار زۇلمىدىن قۇتقۇز مېنى،

چىڭ تۇتاي سېنىڭ يوليورۇقۇڭنى.

135جامالىڭنىڭ نۇرىنى چېچىپ ماڭا،

پەرمانلىرىڭنى ئۆگەتكىن مەن قۇلۇڭغا.

136خەلقلەر بويسۇنمىغاچ قانۇنۇڭغا،

كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا.

137ئى پەرۋەردىگار، ئادىلسەن ئۆزۈڭ،

ھەققانىي ھەم ھۆكۈملىرىڭ.

138ئادىلدۇر بۇيرۇغان پەرزلىرىڭ،

ئىشەنچلىكتۇر ھەممىسى ئۇلارنىڭ.

139غەزەپلىرىم كۆيدۈرمەكتە تېنىمنى،

رەقىبلىرىم مەنسىتمىگەچ سۆزۈڭنى.

140ئىشەنچلىك بولغاچقا ۋەدىلىرىڭ سېنىڭ،

سۆيەر ئۇلارنى شۇنچىلىك، مەنكى قۇلۇڭ.

141خارلانساممۇ كېرەكسىز ئىنسان بولۇپ،

قالماسمەن يوليورۇقلىرىڭنى ئەسلا ئۇنتۇپ.

142مەڭگۈلۈكتۇر ئادالىتىڭ،

ھەقىقەتتۇر تەلىملىرىڭ.

143كەلگىنىدە بېشىمغا ئازاب ۋە كۈلپەت،

ئەمرلىرىڭ بولدى ماڭا شادلىق ئۈلپەت.

144پەرزلىرىڭ ئادىلدۇر تائەبەدكە،

روھلىناي مەن، نۇر ئاتا قىل قەلبىمگە.

145ئى پەرۋەردىگار، چىن قەلبىمدىن نىدا قىلىمەن ساڭا،

بويسۇنىمەن پەرمانلىرىڭغا، جاۋاب بەر ماڭا.

146ئىلتىجا قىلىمەن، قۇتقۇزغىن مېنى،

چىڭ تۇتاي شۇندا پەرزلىرىڭنى.

147پەرياد قىلىمەن مەدەت تىلەپ سۈبھىدە،

ئۈمىدىمنى باغلىغاچقا پەقەت سېنىڭ سۆزۈڭگە.

148كىرپىك قاقماي چىقىمەن كېچىچە،

ئويغا پېتىپ سېنىڭ ۋەدەڭ ھەققىدە.

149مۇھەببەتلىك پەرۋەردىگار، ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى،

ئادالەتلىك پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى.

150يېقىنلاپ كەلمەكتە ماڭا رەزىل ئىنسانلار،

تەلىملىرىڭدىن يىراقتۇر ئۇلار.

151ئى پەرۋەردىگار، يېقىنسەن ماڭا،

ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسى توغرا.

152ئۇزۇندىن بېرى بىلدىمكى شۇنى،

پەرزلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈكىنى.

153نەزەر سېلىپ ئازابلىرىمغا، قۇتقۇزغىن مېنى،

ئۇنتۇمىدىم مەن سېنىڭ تەلىملىرىڭنى.

154دەۋايىمنى قوللىغىن، قۇتقۇزغىن مېنى،

ۋەدەڭ بويىچە ساقلىغىن ھاياتىمنى.

155رەزىل ئىنسانلار نىجاتسىز قالار،

ئېتىبار بەرمىگەچ ئەمرلىرىڭگە ئۇلار.

156پەرۋەردىگار، مېھىر-شەپقەت مولدۇر سېنىڭدە،

مېنى روھلاندۇرغىن دېگىنىڭدەك ھۆكۈمۈڭدە.

157بولسىمۇ گەر شۇنچە كۆپ زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار،

پەرزلىرىڭدىن يۈز ئۆرۈمەسمەن زىنھار.

158نەپرەتلىنىمەن ئىتائەتسىزلەرگە،

رىئايە قىلمىغاچ سۆزلىرىڭگە.

159نەقەدەر سۆيىمەن-ھە، سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭنى،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بىلەن روھلاندۇر مېنى.

160كالامىڭنىڭ ئاساسى ھەقىقەتتۇر،

ھۆكۈملىرىڭ ئادىل، مەڭگۈگە داۋام قىلۇر.

161سەۋەبسىزلا زىيانكەشلىك قىلسىمۇ ھۆكۈمدارلار،

قەلبىم پەقەت كالامىڭدىن قورقۇپ تۇرار.

162كالامىڭدىن سۆيۈنۈپ كەلدىم شۇنچە،

ئېرىشكەندەك غايەت زور خەزىنىگە.

163يىرگىنىمەن يالغانچىلىقتىن،

سۆيۈنىمەن تەلىمىڭدىن.

164ساڭا ھەر كۈن يەتتە ۋاق مەدھىيەم بار،

بەرھەق، ھەممە ھۆكۈمۈڭگە ئادىللىق يار.

165تەلىمىڭنى سۆيگەنلەرگە ئامانلىق بولار،

ھېچ نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلماس ئۇلار.

166ئى پەرۋەردىگار، تەلمۈرۈپ كۈتىمەن نىجاتلىقىڭنى.

ئىجرا قىلىپ كەلدىم مەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى.

167پەرزلىرىڭگە رىئايە قىلىمەن،

ھەم ئۇلارنى قىزغىن سۆيىمەن.

168بويسۇنىمەن پەرزلىرىڭ، نىزاملىرىڭغا،

بەرھەق، ھەممە ئەمەللىرىم ئاياندۇر ساڭا.

169پەرۋەردىگار قۇلاق سالغىن ئاھۇزارىمغا،

ۋاپا قىلىپ ۋەدەڭگە ئىدراك بەرگىن ماڭا.

170ئاڭلىغايسەن پەرۋەردىگار ئىلتىجايىمنى،

ۋاپا قىلىپ كالامىڭغا قۇتقۇزغىن مېنى.

171لەۋلىرىمدىن ئۇرغۇپ چىقار ھەمدۇسانا،

چۈنكى سەن ئەمرلىرىڭنى ئۆگەتتىڭ ماڭا.

172كالاملىرىڭ كۈيلىنەر تىللىرىمدا،

چۈنكى باردۇر ئادىللىق بۇيرۇقۇڭدا.

173تەييار قىلغىن ياردەمگە قولۇڭنى،

چۈنكى مەن تاللىغانمەن يولۇڭنى.

174نىجاتلىقىڭغا تەشنامەن پەرۋەردىگار،

تەلىمىڭدىن قەلبىم مېنىڭ شادلىققا تولار.

175ئىلھام بەر ماڭا، ھەمدۇسانا ئوقۇي ساڭا،

ھۆكۈملىرىڭ ياردەم قىلسۇن ماڭا.

176ئاداشتىم قوي كەبى يولۇمدىن، ئىزدە قۇلۇڭنى،

چۈنكى مەن ئۇنتۇماسمەن ئەمرلىرىڭنى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى