« زەبۇر »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

زەبۇر خۇداغا ئىلتىجا ۋە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يېزىلغان مۇقەددەس كۈيلەر توپلىمىدىن ئىبارەتتۇر. زەبۇر كۈيلىرى مىلادىدىن تەخمىنەن 1000-500يىللار ئىلگىرى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى داۋۇت پەيغەمبەر تەرىپىدىن يېزىلغان. داۋۇت پەيغەمبەر خۇدانى چىن قەلبىدىن سۆيەتتى. ئۇ چىۋەر سازەندە ۋە قوشاقچى بولۇپ، ئىسرائىل خەلقىگە پادىشاھ بولغان مەزگىللىرىدە نەچچە مىڭلىغان سازەندە ۋە ناخشىچىلارنى تەيىنلەپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەت بىلەن ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ، شۇنداقلا باشقا ئىبادەتچىلەرنىڭ كۈيلىرى توپلىنىپ زەبۇر بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ كۈيلەرنىڭ بىر قىسمى خۇدادىن مېھىر-شەپقەت ۋە كەچۈرۈم قىلىنىشنى سوراش، ياردەم ياكى قۇتقۇزۇلۇشنى تىلەش، بىر قىسىمى خۇداغا ئىشەنچ باغلاش ھەققىدە بولسا، يەنە بىر قىسىملىرى خۇدانى مەدھىيىلىەش، خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىش ۋە ئۇنىڭغا ئبادەت قىلىش ھەققىدىدۇر. بەزى كۈيلەردە مۇئەللىپنىڭ ئۆزى دۇچ كەلگەن بالايى-ئاپەتلەر ياكى رەزىل ئادەملەر ئۈستىدىن نالە-پەرياد قىلغانلىقى، خۇدانىڭ ئۇلارنى يوق قىلىۋېتىشىنى ئىلتىجا قىلغانلىقى ئىپادىلەنگەن.

داۋۇت پەيغەمبەر ھايات مۇساپىسىدە ئېغىر كۈلپەتلەرگە پېتىپ، كۆپ زۇلۇم تارتقان، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغىنىدا، ئۇ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقا جايلارغا كېتىپ يوشۇرۇنىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ كۈيلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى دەل ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ شۇ مۈشكۈل چاغلىرىدا خۇداغا قىلغان دۇئالىرى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ھايات تەجرىبىلىرى ئارقىلىق داۋۇت پەيغەمبەر ياراتقۇچى خۇدا ھەققىدە كۆپ بىلىمگە ئىگە بولغان بولۇپ، ئۇشبۇ جەريان ئۇنىڭ كۈيلىرىدە بايان قىلىنغان.

زەبۇر يېزىلغان چاغلاردا، ئىبراھىم پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ نەۋرىسى ياقۇب پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرى ياراتقۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئىدى. خۇدا ياقۇب پەيغەمبەرنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىل دەپ ئۆزگەرتكەن ۋە بۇ ئىسىم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا، كېيىنچە بولسا پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىگە نام بولۇپ قالغان. ئىسرائىللارنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەر بۇتپەرەسلەر بولغاچقا، ئۇلار ئىسرائىللار تەرىپىدىن «خۇداسىز ئەللەر»، «يات ئەللەر» ياكى «يات خەلقلەر» دەپ ئاتالغان. خۇدا ئىبراھىم پەيغەمبەرنى تاللىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىغا بەخت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلار ئارقىلىق دۇنيادىكى بارلىق خەلقلەرگىمۇ بەخت ئاتا قىلىدىغانلىقنى ۋەدە قىلغان. ئسرائىللار ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولغاچقا، ئۇلار خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولۇش شۇنداقلا خۇدا ئۆزى ئىبراھىم پەيغەمبەرگە ۋەدە قىلغان«كەنئان» دەپ ئاتالغان ئالاھىدە زېمىنغا ئىگە بولۇش سالاھىتىگە ئىگىدۇر. زەبۇردىكى بىر قىسىم كۈيلەردە ئۇشبۇ ۋەدە قىلىنغان زېمىن تىلغا ئېلىنىدۇ.

خۇددى باشقا تىللاردىكى ناخشا ۋە شېئىرلاردىكىدەك، ئىبرانىيچە يېزىلغان زەبۇر كۈيلىرىدىمۇ ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر قوللىنىلغان. مەسىلەن زەبۇر كۈيلىرىنى ئوقۇغىمىزدا ياراتقۇچى خۇدانىڭ «كۆزى»، «قۇلىقى»، «بىلىكى»، «قولى»، «بارماقلىرى» ۋە «دىدارى» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئۇچرىتىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇ ھەرگىز خۇدانىڭ جىسمانىي بەدىنىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. زەبۇر كۈيلىرىدە «خۇدانىڭ كۆزى» ۋە «خۇدانىڭ قۇلىقى» دېيىش ئارقىلىق خۇدانىڭ كۆرىدىغان ۋە ئاڭلايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسا، «خۇدانىڭ بىلىكى»، «قولى» ۋە «بارماقلىرى» ئۇنىڭ قۇدرىتى ۋە ئۇلۇغ ئىشلىرىغا، «خۇدانىڭ دىدارى» بولسا ئۇنىڭ ھۇزۇرى ياكى شاپائىتىگە ۋەكىللىك قىلىنغان. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، «خۇدانىڭ ئۆيى»، «خۇدانىڭ چېدىرى» ياكى «خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى» دېگەن ئىبارىلەرمۇ ھەرگىز خۇدانىڭ ئەمەلىيەتتە مەلۈم ئۆيدە ياكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان جايدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ھەممىمىزگە شۇ نەرسە ئېنىقكى، ياراتقۇچى خۇدا مەلۇم بىر ئۆيدىلا ئەمەس بەلكى ھەممىلا جايدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدۇ، ئۇ زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. «خۇدانىڭ ئۆيى»، «خۇدانىڭ چېدىرى» ياكى «خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى» قاتارلىقلار داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ يېرۇسالېم يەنى قۇددۇستىكى سىئون تېغىدا قۇرغان چېدىرىنى شەرھىيىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلاردۇر. بۇ جاي خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۈچۈن ئىبادەت مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇ جايدا خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇلارغا ئايان بولغان.

قولىڭىزدىكى ئۇشبۇ ئۇيغۇرچە «زەبۇر تاللانمىلىرى» جەمئىي 150كۈيدىن تەركىب تاپقان تولۇق زەبۇرنىڭ پەقەت بىر قىسمى بولۇپ، تولۇق زەبۇرنىڭ تەرجىمىسى خۇدا بۇيرىسا يېقىن كەلگۈسىدە سىز بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى.

زەبۇر كۈيلىرى خۇدانىڭ ئىنسانلارغا ئىلھام ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدىغان سۆزلىرىدۇر. ئۇلار ياراتقۇچى خۇدا ۋە ئۇنىڭ قۇدرەتلىك ئىشلىرىنى بىز ئىنسانلارغا يورۇتۇپ بېرىدۇ. بىز بۇ كۈيلەرنىڭ سىزنى روھلاندۇرۇپ، خۇداغا چىن قەلبىڭىز بىلەن ۋە خۇدا كۆرسەتكەن ھەقىقەت بويىچە ئىبادەت قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمىز. مېھىر-شەپقەتلىك خۇدا ئۆزىنى سىزگە ئايان قىلغاي. ئامېن! 

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى