« يوشۇۋا »

23

يوشۇۋانىڭ ئاخىرقى نەسىھىتى

1پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا دۈشمەنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئامانلىق بەرگەندىن كېيىن، خېلى زامانلار ئۆتتى. يوشۇۋامۇ قېرىپ قالدى. 2يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، باشلىقلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە سەردارلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ مەن قېرىپ قالدىم، 3سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر ئۈچۈن ئەتراپىڭلاردىكى يات خەلقلەرنى قانداق قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدى! 4مەن سىلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىڭلارغا شەرقتە ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان زېمىنلارنى تەقسىم قىلىپ بەردىم. مەن سىلەرگە بىز بويسۇندۇرغان بارلىق يات خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنى ۋە بىز تېخى بويسۇندۇرمىغان يات خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنىمۇ تەقسىم قىلىپ بەردىم. 5پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يات خەلقلەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا شۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەر شۇ زېمىنلارغا ئىگە بولىسىلەر!

6سىلەر مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىدىن چەتنىمەڭلار! 7سىلەر ئاراڭلاردا قالغان باشقا يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەڭلار! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىلغا ئالماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجىدە قىلماڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار! 8سىلەر ھازىرغىچە پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا سادىق بولۇپ كەلدىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار!

9پەرۋەردىگار كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك بولغان يات خەلقلەرنى ئالدىڭلاردا قوغلاپ چىقاردى. ھازىرغىچە ھېچكىم سىلەرگە تەڭ كېلەلمىدى. 10سىلەرنىڭ بىر ئادىمىڭلار دۈشمەننىڭ مىڭ ئادىمىنى قوغلاپ چىقاردى. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلدى. 11سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىش-ئەمەلىيىتىڭلەرگە دىققەت قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى چىن دىلىڭلاردىن سۆيۈڭلەر.

12ئەگەر خۇدادىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاراڭلاردا قالغان يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلار بىلەن دوستلاشساڭلار ۋە نىكاھلاشساڭلار، 13بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ يات خەلقلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقارمايدۇ. شۇنداقلا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندا بىرىڭلارمۇ ساق قالمىغۇچە، بۇ يات خەلقلەر سىلەرگە تۇزاق، قاپقان ۋە ياكى دۈمبەڭلەرگە ئۇرۇلغان قامچا، كۆزۈڭلەرگە قادالغان تىكەن بولىدۇ.

14مېنىڭمۇ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلەرگە ئايان، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 15لېكىن، خۇدا سىلەرگە بەرگەن ياخشى ۋەدىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنىدەك، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئېتىقاد قىلمىساڭلار، ئۇ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان بالايىئاپەتلەرنى بېشىڭلارغا ياغدۇرىدۇ ھەم سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندىنمۇ سىلەرنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. 16ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قىلغان ئەھدىسىنى بۇزۇپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندىن بىر دەمدىلا يوق قىلىنىسىلەر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى