« يوشۇۋا »

22

شەرقتىكى قەبىلىلەرنىڭ ئۆز زېمىنلىرىغا قايتىشى

1يوشۇۋا رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەرنى چاقىرىپ 2ئۇلارغا:

_ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ بۇيرۇقلىرىمغىمۇ بويسۇندۇڭلار. 3شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە، سىلەر بۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارنى تاشلىۋەتمىدىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئىزچىل بويسۇنۇپ كەلدىڭلار. 4ھازىر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆز ۋەدىسى بويىچە سىلەرگە ئامانلىق بەردى. سىلەر ئەمدى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنلاردىكى يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار. 5مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بارلىق كۆرسەتمىسى ۋە بۇيرۇقلىرىغا چوقۇم ياخشى ئەمەل قىلىڭلار! پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن يولىدا مېڭىڭلار، ئەمرلىرىگە بويسۇنۇڭلار، ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، چىن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭلار بىلەن خىزمەت قىلىڭلار! _ دېدى.

6كېيىن يوشۇۋا ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۇزىتىپ قويدى. ھەممىسى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى.

7مۇسا پەيغەمبەر ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى باشان زېمىنىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى (ئۇلارنىڭ قالغان يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىن زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن). يوشۇۋا ئۇلارغىمۇ بەخت تىلەپ، ئۆز يۇرتلىرىغا ئۇزىتىپ قويدى. 8يوشۇۋا ئۇلارغا:

_ دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئولجا ئالغان مال-چارۋا، ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق بايلىقلارنى ئېلىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلار بىلەن ئورتاق بۆلۈشۈڭلار، _ دېدى.

9شۇنىڭ بىلەن رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر كەنئان زېمىنىنىڭ شىلو شەھىرىدە قالغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن ئايرىلدى. ئۇلار گىلئادتىكى ئۆزىگە تەۋە بولغان زېمىنغا قاراپ يول ئالدى. بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بۇيرۇپ بەرگەنىدى.

شەرقىي قەبىلىلەرنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ياسىشى

10رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر كەنئان زېمىنىدىن چىقماي تۇرۇپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. 11ئىسرائىللارنىڭ قالغان قەبىلىلىرىگە رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەرنىڭ كەنئان زېمىنىنىڭ پاسىلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى گىلىلوتتا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلدى. 12ئۇلار بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بارلىق ئادەملىرى شىلوغا يىغىلىپ، رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى بولۇشتى. 13ئەمما ئۇلار ئەلئازارنىڭ ئوغلى روھانىي پىنىخاسنى گىلئاد زېمىنىدىكى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەرگە ئەۋەتتى، 14يەنى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئۆز جەمەتلىرىدىن بىردىن ئاقساقالنى تاللاپ، جەمئىي ئون ئادەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى.

15ئۇلار گىلئاد زېمىنىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

16_ بىز، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى سىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەكچى بولۇپ كەلدۇق. سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا قارشى ھالدا ئۆزۈڭلارغا بىر قوربانلىق سۇپىسى ياسىدىڭلار؟ 17ئەجدادلىرىمىزنىڭ پىئوردا* پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولسىمۇ، پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنى يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن جازالىغانىدى، بىز بۇ گۇناھتىن تېخىچە پاكلانغىنمىز يوق! 18بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا مېڭىشتىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار. سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلساڭلار، ئەتە پەرۋەردىگار ھەممىمىزگە غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ.

19ئەگەر سىلەر زېمىنىڭلارنى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ناپاك دەپ ئويلىساڭلار، ئۇنداقتا بىزنىڭ زېمىنىمىزغا كېلىڭلار. بىزنىڭ يېرىمىزگە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەن، ئۇنى سىلەر بىلەن تەڭ ئورتاقلىشايلى. ئەمما، پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدىن باشقا، يەنە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساشتەك ئاسىيلىق قىلمىشىڭلار بىلەن، پەرۋەردىگارغا ۋە بىزگە قارشى چىقماڭلار. 20زەراخ جەمەتىدىن بولغان ئاكان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىنى ئوغرىلاپ گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە ياغمىدىمۇ؟ ئاشۇ بىر ئادەمنىڭ گۇناھى ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتىغۇ؟!

21رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر ئىسرائىللارنىڭ بۇ ئاقساقاللىرىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى:

22_ ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا! ئۇ ئۆزى بىلىدۇ! پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بىلسۇن! بىز قۇربانلىق سۇپىسىنى پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىش ياكى ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىق ئۈچۈن ياسىمىدۇق. ئەگەر بىز شۇنداق خىيالدا ياسىغان بولساق، بىزگە رەھىم قىلماڭلار! 23ئەگەر بىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈش مەقسىتىدە ياكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغان بولساق، پەرۋەردىگار بىزنى جازالىسۇن.

24بۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشتىكى مەقسىتىمىز، كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغا: «پەرۋەردىگارىمىز _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭلار بار؟ 25پەرۋەردىگار ئىئوردان دەرياسىنى بىز بىلەن سىلەرنىڭ، يەنى رۇبېن بىلەن گاد قەبىلىسىنىڭ پاسىلى قىلغان. سىلەرنىڭ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىدىغان ھېچقانداق ھوقوقۇڭلار يوق» دەپ، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇپ قويۇشىدىن قورقتۇق.

26شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشنى قارار قىلدۇق. بۇنى ياساشتىكى مەقسەت، قۇربانلىق ياكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئەمەس، 27بەلكى دەلىل-ئىسپات ئۈچۈندۇر. يەنى بۇ، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا، شۇنداقلا بىزلەرنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئارىسىدا مۇقەددەس چېدىردا پەرۋەردىگارغا ئۆزىمىزنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى، ئامانلىق قۇربانلىقى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىش بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر. شۇنداق بولغاندا سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلار بىزنىڭ ئەۋلادىمىزنى «پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقۇڭلار يوق» دەپ، توسۇپ قويالمايدۇ.

28ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار شۇنداق دېسە، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز: «ئەجدادلىرىمىز پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوپمۇئوخشاش قىلىپ ياسىغان پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش سۇپىسىغا قاراڭلار. بۇ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ، بىزنىڭمۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنىڭ دەلىل-ئىسپاتى ئۈچۈندۇر» دەيدۇ. 29بىز ھەرگىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئاسىيلىق قىلمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىبادەت چېدىرى ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن باشقا، ھەرقانداق بىر قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ياكى باشقا قۇربانلىقلارنى قىلمايمىز.

30روھانىي پىنىخاس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە ئاقساقاللىرى، يەنى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئۆز جەمەتلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەردىن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قايىل بولۇشتى. 31ئەلئازارنىڭ ئوغلى روھانىي پىنىخاس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ بىز بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلمىدىڭلار، يەنى سىلەر ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ گۇمران قىلىشىدىن ساقلاپ قالدىڭلار.

32ئەلئازارنىڭ ئوغلى روھانىي پىنىخاس ۋە باشقا ئاقساقاللار گىلئادتىكى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىدىن ئايرىلىپ، كەنئان زېمىنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىكى ئىسرائىللارغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. 33ئىسرائىللار بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خاتىرجەم بولۇشتى ۋە خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. ئۇلار رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ۋەيران قىلىشنى قايتا ئېغىزغا ئالمىدى.

34رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىسمىنى «گۇۋاھلىق سۇپىسى» دەپ ئاتاپ، ئۇلار بۇ سۇپىنى «ھەممىمىزنىڭ ئاشۇ بىردىنبىر پەرۋەردىگارى بولغان خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىمىزنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر» دېيىشتى.



*17پىئور _ موئابتىكى بىر يەرنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ يەردە مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىدا ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ، بىر بۇت ياسىغان. پەرۋەردىگار 24 مىڭ نەپەر ئىسرائىللارنى يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى جازالىغان. «چۆلدە» دېگەن قىسىمدىكى 25-باب 9-ئايەتكە قارالسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى