« يەرەمىيا »

6

يېرۇسالېمغا كېلىدىغان بالايىئاپەت

1جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار، ئەي بىنيامىن خەلقى!

يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىقىڭلار!

تىقوۋادا بۇرغا چېلىپ، بەيت-ھاككەرەمدە گۈلخان يېقىپ، بەلگە كۆرسىتىڭلار!

چۈنكى شىمالدىن بالايىئاپەت كېلىۋاتىدۇ،

ئېغىر ۋەيرانچىلىق يېقىنلىشىۋاتىدۇ.

2سىئون ناھايىتى چىرايلىق ۋە لاتاپەتلىك بىر قىز ئىدى،

بىراق مەن ئۇنى ۋەيران قىلىمەن.

3خۇددى پادىچى پادىلىرى بىلەن كەلگەندەك،

پادىشاھلار قوشۇنلىرى بىلەن كېلىپ، يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلىدۇ.

ھەربىر قوشۇن ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان يەرنى ۋەيران قىلىدۇ.

4ئۇلار: «يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلىشقا تەييارلىق قىلىڭلار!

كېلىڭلار! چىڭقى چۈشتە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى!» دەيدۇ.

لېكىن بىردەمدىن كېيىن ئۇلار يەنە:

«بەك ئەپسۇس، قۇياش پېتىپ قاراڭغۇ چۈشۈۋاتىدۇ.

5شۇڭا كېلىڭلار، كېچىدىن پايدىلىنىپ، ھۇجۇم قىلىپ،

مۇستەھكەم قورغانلىرىنى ۋەيران قىلايلى!» دەيدۇ.

6قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى كېسىڭلار.

سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ ھۇجۇم قىلىڭلار.

بۇ شەھەر جازالىنىشى كېرەك.

ئۇنىڭدا زۇلۇمدىن باشقا نەرسە يوق.

7قۇدۇقتىن توختىماي سۇ چىققاندەك،

بۇ شەھەردىنمۇ توختىماي رەزىللىك چىقىپ تۇرىدۇ.

زوراۋانلىق ۋە ۋەيرانچىلىقنىڭ ئەكس سادالىرى شەھەرنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئاڭلانماقتا.

مەن كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى كېسەل ۋە يارىدار كىشىلەردۇر.

8ئەي يېرۇسالېم، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سال.

بولمىسا مەن سەندىن يۈز ئۆرۈيمەن.

ھەمدە سېنى ھېچكىم ياشىمايدىغان خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.»

9قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«ئۆزۈم يىغقۇچى ئۆزۈم تېلىنى قايتا-قايتا تەكشۈرگىنىگە ئوخشاش،

دۈشمىنىڭلار ئىسرائىلىيەدە قالغان خەلقنى بىردىن-بىردىن تەكشۈرۈپ چىقىدۇ.»

10مەن مۇنداق جاۋاب بەردىم:

«كىمگە گەپ قىلاي، كىمنى ئاگاھلاندۇراي؟

گېپىمنى كىم ئاڭلايدۇ؟

ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى ئېتىۋېتىلگەن، ئاڭلىيالمايدۇ.

ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلمايدۇ،

پەقەت ئاڭلاشنى خالىمايدۇ.

11ئەي پەرۋەردىگار، مەن ساڭا ئوخشاشلا غەزەپكە تولدۇم،

ھەقىقەتەن چىدىيالمىدىم.»

پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى:

«غەزىپىڭنى كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارغا

ۋە توپلاشقان ياشلارغا چاچ.

غەزىپىڭنى ئەرلەر ۋە ئاياللار،

شۇنىڭدەك ياشانغانلارغىمۇ چاچ.

12ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى باشقىلار ئىگىلىۋالغاندەك،

يەرلىرى ۋە ئاياللىرىنىمۇ باشقىلار ئىگىلىۋالىدۇ.

چۈنكى مەن بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن.

بۇ سۆزلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئېيتىۋاتىمەن!

13ئۇلارنىڭ ئاددىي كىشىلىرىدىن تارتىپ كاتتا ئەربابلىرىغىچە ھەممىسى ھارام بايلىقنىڭ كويىدا يۈرىدۇ،

پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ روھانىيلارغىچە ھەممىسى ئالدامچىلىق قىلىدۇ.

14ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ:

‹ھەممە ئىش ياخشى! ھەممە ئىش جايىدا!› دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ.

بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس.

15ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىجىل بولدىمۇ؟

ياق! ئۇلار پەقەتلا خىجىل بولمىدى.

ئۇلار ھەتتا ئۇيىلىپ قىزىرىشنىمۇ بىلمەيدۇ!

شۇڭا ئۇلار خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ.

مەن ئۇلارنى جازالىغاندا، ئۇلار چوقۇم ۋەيران بولىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

16پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى:

«سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار.

كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار.

قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار.

ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر.

بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.

17مەن پەيغەمبەرلەرنى جېسەكچىلەردەك سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشقا تەيىنلەپ،

‹بۇرغا ئاۋازىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا دىققەت قىلىڭلار!› دېدىم.

بىراق خەلقىم: ‹بىز ئاڭلىمايمىز› دېدى.

18شۇڭا، ئەي ئەللەر، قۇلاق سېلىڭلار!

خەلقىمگە نېمە بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈڭلار.

19ئەي جاھان ئەھلى، قۇلاق سېلىڭلار!

خەلقىمگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن.

ئۇلار ھىيلىگەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، جازالايدىغان ۋاقتىم كەلدى.

چۈنكى ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمگە پەرۋا قىلمىدى،

قانۇنلىرىمنى رەت قىلدى.

20ئۇلار ماڭا شىبادىن كەلتۈرۈلگەن مەستىكى رۇمى

ياكى يىراق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن پۇراقلىق ئېگىر كۆيدۈرسىمۇ، كارىم يوق!

مەن ئۇلارنىڭ ماڭا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن.

مەن ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىدىن خۇشال بولمايمەن.

21شۇڭا، مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

مەن چوقۇم بۇ كىشىلەرنىڭ يولىغا پۇتلىشىدىغان توسالغۇ قويىمەن.

ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئۇلارغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ.

دوست-بۇرادەرلەر ۋە قولۇم-قوشنىلارمۇ ۋەيران بولىدۇ.»

22پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«قاراڭلار! شىمالدىن بىر كۈچلۈك قوشۇن كېلىۋاتىدۇ!

ئەڭ يىراق زېمىندىكى بىر چوڭ خەلق سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

23ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغان.

ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر-شەپقەت يوقتۇر.

ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە،

خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز چىقىرىدۇ.

ئەي سىئون، ئۇلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزمەكتە.»

24يېرۇسالېم ئاھالىلىرى نالە قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ:

«بىز ئۇلار توغرىسىدا ئاڭلىغان!

بىز قورقۇنچ ئىچىدە يار-يۆلەكسىز قالدۇق!

ئازاب بىزنى چىرمىۋالدى.

بىز خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىۋاتىمىز!

25ئېتىزغا بارماڭلار، يوللاردا يۈرمەڭلار!

چۈنكى ئۇ يەرلەردە قىلىچ تۇتقان دۈشمەنلەر بار،

ھەممە يەرنى ۋەھىمە باسقان.»

26شۇنىڭ بىلەن مەن دېدىم:

«ئەي، مېنىڭ قەدىرلىك خەلقىم، ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىپ،

كۈلگە مىلىنىپ، قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمۈڭلار.

خۇددى يالغۇز بالاڭلارنى يوقىتىپ قويغاندەك قاتتىق قايغۇرۇڭلار.

چۈنكى ۋەيران قىلغۇچى قوشۇن ناھايىتى تېزلا كېلىپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ.»

27پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«خەلقىم مېتالدۇر، سېنى مېتال تەكشۈرگۈچى قىلدىم.

سەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزىتىپ، تەكشۈرۈپ تۇرىسەن.

28ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاھىل، ئاسىيلاردۇر!

ئۇلارنىڭ يۈرىكى تۇچ ياكى تۆمۈرگە ئوخشاش قاتتىق.

ئۇلار باشقىلارغا تۆھمەت قىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى چىرىكلەشكەن.

29ئوت كۆرۈكتە پۈۋلەپ ئۇلغايتىلىدۇ،

كۈمۈشتىن قوغۇشۇنلار شاللاپ چىقىرىۋېتىلىدۇ.

لېكىن بۇ رەزىل خەلقنى تاۋلاشنىڭ پايدىسى يوق.

چۈنكى مەينەتچىلىكلەرنى ئۇلاردىن چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ.

30ئۇلار سۈپەتسىز كۈمۈشتۇر،

شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى رەت قىلدىم.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى