« يەرەمىيا »

5

يېرۇسالېمنىڭ گۇناھلىرى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىغا چىقىپ،

تۆت ئەتراپقا قاراپ، ئويلىنىپ بېقىڭلار.

ئۇنىڭ مەيدانلىرىنى كېزىپ كۆرۈڭلار.

ئەگەر سىلەر ئادالەتلىك، ساداقەتمەن بىرەر ئادەم تاپالىساڭلار،

مەن بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسىنى كەچۈرۈۋېتىمەن.

2گەرچە ئۇلار مېنىڭ نامىمدىن قەسەم قىلغان بولسىمۇ،

لېكىن ئۇلار قەسەملىرىدە تۇرمايدۇ.»

3ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن.

سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى.

ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى.

ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى.

ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.

4مەن ئويلىدىم: «بۇلار نامرات بولغاچقا، بىلىمسىزلىكىدىن مۇشۇنداق قىلىدۇ.

ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى بىلمىگەچكە، ھاماقەتلەردەك ئىش قىلىدۇ.

ئۇلار خۇدانىڭ ئۆزلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

5مەن يېتەكچىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىمەن.

ئۇلار چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ۋە خۇدانىڭ ئۆزلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.»

لېكىن ئۇلارمۇ سېنىڭ ھوقۇقۇڭنى رەت قىلىپ، ساڭا ئىتائەت قىلمايدىكەن.

6شۇڭا دۈشمەنلىرى ئۇلارنى خۇددى ئورمانلىقتىكى شىرلار ئولجىنى تىتقاندەك تىتىپ تاشلايدۇ.

دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇملۇقلاردىن كەلگەن بۆرىلەردەك يەۋېتىدۇ.

دۈشمەنلىرى خۇددى يىلپىزلاردەك شەھەر سىرتىدا ساقلاپ يېتىپ، كىم سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يېتىپ، ئاسىيلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.

7پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي يېرۇسالېم، قانداقمۇ سېنى كەچۈرەلەيمەن؟

سېنىڭ خەلقىڭ مېنى رەت قىلغان تۇرسا!

ئۇلار ھەقىقىي خۇدا بولمىغان بۇتلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى.

گەرچە مەن ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغان بولساممۇ،

ئۇلار ماڭا خۇددى ئېرىگە ساداقەتسىز ئايالدەك مۇئامىلە قىلدى.

ئۇلار توپلىشىپ، پاھىشىخانىلارغا ئالدىرىدى.

8ئۇلار كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ياخشى بوردالغان ئايغىرلارغا ئوخشايتتى.

ھەممىسى قوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرىنىڭ كەينىدىن كىشنەيتتى.

9ئۇلارنى ئاشۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالىماي قانداق تۇرالاي؟

ماڭا قارشى تۇرغان بۇنداق خەلقتىن قىساس ئالماي قانداق تۇرالاي؟

10مەن سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى:

‹سىلەر مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمغا كىرىپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار،

لېكىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەڭلار.

ئۈزۈمزارلىق ماڭا مەنسۇپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەكلەرنى كېسىۋېتىڭلار.

11مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ماڭا ناھايىتى كۆپ ساداقەتسىزلىك قىلىپ كەلدى.›»

12بۇ خەلق پەرۋەردىگار توغرىسىدا يالغان سۆزلەپ مۇنداق دېدى:

«ئۇ بىزنى ھېچنېمە قىلمايدۇ! بىزگە ھېچقانداق بالايىئاپەت كەلمەيدۇ.

ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقمۇ بولمايدۇ.

13ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قۇرۇق گەپ قىلغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.

پەرۋەردىگار ئۇلارغا ۋەھىي چۈشۈرگەن ئەمەس.

شۇڭا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى ئۆز بېشىغا چۈشسۇن.»

14شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا ماڭا مۇنداق دېدى:

«ئەي يەرەمىيا، بۇ خەلق مۇشۇنداق يالغان گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن سېنىڭ ئاغزىڭغا سالغان سۆزلەرنى ئوتتەك قىلىمەن.

شۇنداقلا بۇ ئادەملەرنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن چىققان ھۆكۈملەردىن پاراسلاپ كۆيىدىغان ئوتۇندەك قىلىمەن.»

15پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئاڭلاڭلار، ئىسرائىل خەلقى!

مەن سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بىر خەلقنى يىراقتىن ئېلىپ كېلىمەن.

ئۇ تارىخى ئۇزۇن بىر قەدىمىي خەلق.

بۇ خەلقنىڭ تىلىنى سىلەر بىلمەيسىلەر.

ئۇلار سىلەر چۈشەنمەيدىغان تىللاردا سۆزلەيدۇ.

16ئۇلارنىڭ جەڭچىلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كۈچلۈكتۇر.

ئوقيالىرى ئۆلۈم ئەلچىلىرىدۇر.

17ئۇلار زىرائەتلىرىڭلار ۋە يېمەكلىكىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ،

ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ،

چارۋا ماللىرىڭلارنى يەپ بولىدۇ،

ئۈزۈمزارلىقىڭلار ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلارنى قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ.

ئۇلار سىلەر ئىشەنگەن مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.»

18پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ھەتتا ئاشۇ كۈنلەر كەلگەندىمۇ، مەن خەلقىمنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن. 19ئۇلار سەندىن: ‹نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە بۇنداق غەزەپلىنىدۇ؟› دەپ سورايدۇ. سەن ئۇلارغا: ‹چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار. شۇڭا سىلەر يات زېمىندا يات ئەللەرنىڭ قۇلى بولىسىلەر› دەپ جاۋاب بېرىسەن.

20ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا جاكارلىغىن،

يەھۇدىيەنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئۇقتۇرغىن:

21ئەي، كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدىغان،

قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان ئەخمەق ۋە پاراسەتسىز خەلق، بۇنى ئاڭلاڭلار!

22مەن پەرۋەردىگار سىلەردىن سورايمەن:

سىلەر نېمە ئۈچۈن مەندىن قورقمايسىلەر؟

مېنىڭ ئالدىمدا نېمىشقا تىترىمەيسىلەر؟

مەن دېڭىزغا پاسىل قىلىپ قۇملۇق ساھىلىنى بەرپا قىلدىم،

دېڭىز-ئوكيانلار بۇ پاسىلدىن ھەرگىز ئۆتەلمەيدۇ.

دېڭىز دولقۇنلىشى مۇمكىن، لېكىن سۇلار ھەرگىز تېشىپ كېتەلمەيدۇ،

شاۋقۇن چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ھەرگىز پاسىلدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ.

23لېكىن بۇ كىشىلەر جاھىل ۋە ئاسىيدۇر.

ئۇلار يولۇمدىن چەتنەپ، ئۆزلىرىنىڭ يولىدا مېڭىشتى.

24ئۇلار ھەرگىز ئۆزلىرىگە: ‹پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن ئەيمىنەيلى،

ئۇ بىزگە دەل ۋاقتىدا كۈز ۋە باھار يامغۇرلىرىنى ياغدۇرۇپ بەرگەن،

ئۇ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىزنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلغان› دېمەيدۇ.

25سىلەرنىڭ رەزىللىكىڭلار سىلەرنى ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قىلدى.

سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار بەختىڭلارنى ئېلىپ كەتتى.

26مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدىن رەزىل كىشىلەر چىقتى.

ئۇلار قۇش ئوۋلىغۇچىلاردەك مۆكۈنۈپ ياتىدۇ.

ئۇلار تۇزاقلارنى قۇرۇپ ئادەملەرنى تۇتىدۇ.

27ئوۋچى قەپىسىنى ئوۋلار بىلەن تولدۇرغاندەك،

ئۇلار ئۆيلىرىنى ئالدامچىلىققا تولدۇرغاندۇر.

ئۇلار باي ۋە كۈچلۈك بولۇپ كەتكەن.

28ئۇلار بوردىلىپ، سەمرىپ كەتكەن،

ئۇلار قىلغان رەزىل ئىشلارنىڭ چېكى يوق.

ئۇلار ئادىللىقنى ئىزدىمەيدۇ،

ئاتىسىز يېتىملەرنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.

ئۇلار كەمبەغەللەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمايدۇ.

29شۇڭا مەن ئۇلارنى ئاشۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالىماي قانداق تۇرالاي؟

مەن بۇنداق رەزىل خەلقتىن قىساس ئالماي قانداق تۇرالاي؟

30ۋەھىمىلىك، ئادەمنى چۆچۈتىدىغان ئىشلار يەھۇدىيە زېمىنىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ:

31ئاتالمىش پەيغەمبەرلەر يالغان سۆزلەيدۇ،

روھانىيلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە خەلقىنى باشقۇرىدۇ،

خەلقىم شۇنى خالايدۇ.

لېكىن بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە ئۇلار نېمە ئىش قىلالايدۇ؟»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى