« يەرەمىيا »

39

نىبۇكادنەزەرنىڭ يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشى

1يېرۇسالېمنىڭ ئىشغال قىلىنىشىنىڭ جەريانى مۇنداق بولغانىدى: پادىشاھ زىدقىيانىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئايدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزىنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمنى قورشاپ، ھۇجۇم قىلدى. 2پادىشاھ زىدقىيا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى قوشۇنلار شەھەر سېپىللىرىنى بۇزۇپ كىردى. 3ئاندىن بابىل پادىشاھىنىڭ بارلىق يۇقىرى ئەمەلدارلىرى شەھەرگە كىرىپ، ئوتتۇرا دەرۋازىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سامگارلىق نېرگال-شارئەزەر، باش سەركەردە نىبۇ-سارسىكىم ۋە باش ئەمەلدار نېرگال-شارئەزەرلەر ۋە باشقىلار بار ئىدى.

4يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى كۆرۈپ، قاچماقچى بولدى. ئۇلار شۇ كېچىسى شەھەردىن ئايرىلىپ، پادىشاھ باغچىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان ۋادىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 5بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلگەندە، بابىل قوشۇنلىرى پادىشاھ زىدقىيانى تۇتۇۋالدى. ئۇلار ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تۇرۇۋاتقان خامات رايونىدىكى رىبلاھقا ئېلىپ كەلدى. بابىل پادىشاھى ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. 6بابىل پادىشاھى رىبلاھتا زىدقىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. بابىل پادىشاھى يەنە يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى. 7ئاندىن ئۇ زىدقىيانىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.

8بابىللىقلار پادىشاھ ئوردىسى ۋە خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى ھەمدە يېرۇسالېم سېپىللىرىنى بۇزۇۋەتتى. 9ئاندىن قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان شەھەردە قالغان پۇقرالارنى ئەسىرگە ئېلىپ، تەسلىم بولغان كىشىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. 10لېكىن ئۇ يەھۇدىيە زېمىنىغا ھېچنېمىسى يوق نامرات كىشىلەرنى قالدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇلارغا ئۈزۈمزارلىقلار ۋە ئېتىزلارنى بەردى.

نىبۇكادنەزەرنىڭ يەرەمىيانى ئازاد قىلىشى

11بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادانغا يەرەمىيا توغرىسىدا بۇيرۇق قىلىپ مۇنداق دېدى:

12_ يەرەمىيانى تېپىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلما، بەلكى نېمىنى تەلەپ قىلسا، شۇنى قىلىپ بەر.

13شۇنىڭ بىلەن قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن نىبۇشازبان ۋە نېرگال-شارئەزەر ھەمدە بابىل پادىشاھىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى 14يەرەمىيانىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدىن ئېلىپ چىقتى ۋە ئۇنى شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا تاپشۇردى. گىداليا ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا ئۆز خەلقى بىلەن بىللە ياشىدى.

15يەرەمىيا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا تۇرغان ۋاقىتلاردا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنىدى:

16_ كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن بۇ شەھەرگە تەھدىت سېلىپ ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن گۈللىنىش ئەمەس، ئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. سەن يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرىسەن. 17لېكىن ۋەيرانچىلىق يۈز بەرگەندە، سېنى قۇتقۇزىمەن. مەن كاپالەتلىك قىلىمەنكى، سەن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمايسەن. 18مەن سېنى چوقۇم قۇتقۇزىمەن. سەن قىلىچ بىلەن ئۆلمەيسەن. سەن ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ھاياتىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى