« يەرەمىيا »

31

1پەرۋەردىگار دەيدۇكى، شۇ ۋاقىتتا مەن ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق قەبىلىلەرنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.

ئىسرائىل خەلقىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېلىشى

2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«دۈشمەننىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ ئامان قالغان ئىسرائىل خەلقى

چۆل-باياۋانلاردا ئاراملىققا ئىنتىزار بولۇپ يۈرگەن چاغدا،

رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.

3ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئايان بولۇپ، ئۇلارغا:

‹مەن سىلەرنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن سۆيىمەن،

سىلەرنى مېھىر-شەپقىتىم بىلەن ماڭا يېقىنلاشتۇرىمەن› دېگەنىدىم.

4ئەي قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار،

مەن سىلەرنى يەنە بىر قېتىم قايتىدىن بەرپا قىلىمەن.

شۇنىڭ بىلەن سىلەر يەنە قايتىدىن بىر خەلق بولىسىلەر.

سىلەر قايتىدىن داپلارنى قولۇڭلارغا ئېلىپ،

ئۇسسۇلچىلارنىڭ تەنتەنە قوشۇنىغا قېتىلىسىلەر.

5سىلەر سامارىيەنىڭ تاغلىرىدا قايتىدىن ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىسىلەر،

ئۇلارنى بەرپا قىلغانلار ئۇلارنىڭ مېۋىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

6شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئەفرايىم تاغلىرىدىكى قاراۋۇللار:

‹كېلىڭلار! سىئونغا بېرىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئىبادەت قىلايلى!› دەپ جاكارلايدۇ.»

7پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن خۇشاللىق ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار،

ئەڭ بۈيۈك خەلق ئۈچۈن تەنتەنە قىلىڭلار!

ھەمدۇسانا ئوقۇپ مۇنداق دەڭلار:

‹ئى پەرۋەردىگار، خەلقىڭ ئىسرائىللاردىن ھايات قالغانلارنى قۇتقۇزغىن.›

8مەن ئۇلارنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن،

دۇنيانىڭ يىراق جايلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، بىر يەرگە جەم قىلىمەن.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قارىغۇ، ئاقساقلار،

ھامىلىدار ۋە ئاي كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان ئاياللارمۇ بولىدۇ.

ناھايىتى كۆپ ئادەملەر بۇ يەرگە قايتىدۇ.

9مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە،

ئۇلار كۆز يېشى قىلىپ، ماڭا دۇئا قىلىدۇ.

مەن ئۇلارنى ئېقىنلارغا يېتەكلەيمەن.

پۇتلاشمايدىغان تۈز يوللارغا باشلايمەن.

چۈنكى مەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتىسىمەن،

ئەفرايىم مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.»

10ئەي ئەللەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار.

بۇ سۆزلەرنى يىراق ئاراللارغا يەتكۈزۈڭلار:

«ئىسرائىل خەلقىنى تارقىتىۋەتكۈچى پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەنە جەم قىلىدۇ،

ئۇلارنى خۇددى پادىلىرىغا قارىغان پادىچىغا ئوخشاش قوغدايدۇ» دەڭلار.

11چۈنكى پەرۋەردىگار، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلاردىن كۈچلۈك بولغان بىر ئەلدىن قۇتقۇزۇپ قالدى.

12ئۇلار قايتىپ كېلىپ، خۇشاللىقلىرىدىن سىئون تېغىدا تەنتەنە قىلىشىدۇ.

ئۇلار پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، پاقلان، ئوغلاق ۋە موزاي گۆشلىرىدىن شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ.

ئۇلار ياخشى سۇغۇرۇلغان بىر باغقا ئوخشاش بولىدۇ،

ئەمدى ئۇلار ھەرگىز مادارسىزلانمايدۇ.

13پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇ ۋاقىتتا قىزلار خۇشاللىقتىن ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ.

يىگىتلەر ۋە بوۋايلار شادلىققا چۆمىدۇ.

مەن ئۇلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىنى شادلىققا ئايلاندۇرىمەن،

ئازابلىرىنىڭ ئورنىغا تەسەللى ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىمەن.

14مەن روھانىيلارنى مول نېمەتلەر بىلەن تەمىنلەيمەن.

خەلقىم مەن ئاتا قىلغان ياخشى نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.»

15پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«راماھ شەھىرىدىن قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.

راھىلە بالىلىرى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى.

ئۇنىڭغا تەسەللى كار قىلمىدى، چۈنكى ئۇ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.»

16لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ:

«يىغلىما! ياش تۆكمە!

چۈنكى مەن بالىلىرىڭ ئۈچۈن قىلغان ھەممە مېھنىتىڭنى ساڭا قايتۇرىمەن.

پەرزەنتلىرىڭ دۈشمەن زېمىنىدىن قايتىپ كېلىدۇ.

17مەن ساڭا دېسەم، كەلگۈسۈڭدىن ئۈمىد بار!

پەرزەنتلىرىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ!

18مەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ پەريادىنى ئېنىق ئاڭلىدىم.

ئۇلار ماڭا مۇنداق دېدى:

‹بىز بويۇنتۇرۇققا كۆنمىگەن موزايغا ئوخشاپ قالغانىدۇق.

سەن بىزنى تەربىيەلىدىڭ، بىز ساۋاق ئالدۇق.

بىزنى ئۆزۈڭنىڭ يولىغا قايتۇرغايسەن.

بىز سېنىڭ يولۇڭغا قايتىشقا ئىنتىزارىمىز،

چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز.

19بىز سېنىڭ يولۇڭدىن چەتنىگىنىمىزگە توۋا قىلدۇق.

بىز نېمە ئىش قىلغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتكىنىمىزدە،

بىز مەيدىمىزگە ئۇرۇپ، يىغلىدۇق.

بۇرۇندىن باشلاپ بىز ناچار ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن،

نومۇسقا قېلىپ كەمسىتىلدۇق.›

20مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

ئىسرائىلىيە يەنىلا مېنىڭ ئوغلۇم، قەدىرلىك بالام ئەمەسمۇ؟

ئۇنى دائىم ئەيىبلىسەممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنى سۆيىمەن.

مەن ئۇنى سېغىنىمەن،

جەزمەن ئۇنىڭغا رەھىمدىللىك قىلىمەن.

21ئەي قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار،

يوللارغا بەلگە سېلىڭلار،

يۆنىلىش تۈۋرۈكىنى ئورنىتىڭلار.

سىلەر ماڭغان ئاشۇ يوللارنى ئېسىڭلارغا ئېلىڭلار.

مېنىڭ قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار، قايتىڭلار،

ئۆزۈڭلارنىڭ شەھەرلىرىگە قايتىپ كېلىڭلار.

22مېنىڭ ساداقەتسىز قىزىم، قاچانغىچە سەرگەردان بولۇپ يۈرىسەن؟

چۈنكى مەن پەرۋەردىگار دۇنيادا يېڭى بىر ئىش قىلىمەن:

خۇددى ئايالى ئېرىنى قوغدىغىنىدەك غەلىتە بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.»

23قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن قايتۇرۇپ كەلگەندە، يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرىدىكى خەلقلەر قايتىدىن مۇنداق دەيدۇ: ‹ئەي ھەققانىيەت ماكانى، ئەي مۇقەددەس تاغ، پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي›. 24خەلق يەھۇدىيەنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە ياشايدۇ. ئۇ يەرلەردە دېھقانلار يېرى بىلەن، پادىچىلار پادىلىرى بىلەن ياشايدۇ. 25چۈنكى مەن چارچىغانلارغا ئاراملىق، ئاجىزلارغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىمەن.»

26بۇ ۋاقىتتا مەن يەرەمىيا ئويغىنىپ، ئەتراپقا قارىدىم. ناھايىتى شېرىن ئۇخلىغانىدىم.

27پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، مەن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ ئاھالىسىنى ۋە چارۋا ماللىرىنى كۆپەيتىمەن. 28بۇرۇنقى چاغلاردا، مەن بۇ خەلقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ يىقىتتىم. ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم ۋە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىپ كۆزەتتىم. لېكىن كەلگۈسىدە مەن يەنە ئۇلارنى ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك قىلىپ كۆزىتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! 29ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ھېچكىم: ‹ئاتا-ئانىسى ئاچچىق ئۈزۈم يېسە، بالىلىرىنىڭ چىشى قاماپتۇ› دېگەن بۇ ماقال-تەمسىلنى قايتا تىلغا ئالمايدۇ. 30بەلكى ھەممە ئادەم ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن ئۆلىدۇ. ئاچچىق ئۈزۈمنى كىم يېسە شۇنىڭ چىشى قامايدۇ.»

يېڭى ئەھدە

31پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىدىغان بىر ۋاقىت كېلىدۇ. 32بۇ ئەھدە، مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى قولىدىن يېتىلەپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا تۈزگەن بۇرۇنقى ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا ساداقەتمەن ئەر بولغان بولساممۇ، ئۇلار يەنىلا ئەھدىنى بۇزدى. 33مەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزمەكچى بولغان يېڭى ئەھدە مۇنداق بولىدۇ: مەن قانۇنۇمنى ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە قۇيىمەن، يۈرىكىگە پۈتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. 34كىشىلەرنىڭ ئەمدى قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ‹پەرۋەردىگارنى بىلىۋېلىڭلار› دەپ تەلىم بېرىشى ھاجەتسىز. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇلار مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى مېنى تونۇيدۇ! مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى كۆڭلۈمدە قايتا ساقلىمايمەن.»

35پەرۋەردىگار كۈندۈز ئۈچۈن قۇياش نۇرىنى،

كېچە ئۈچۈن ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ياراتتى.

ئۇ دېڭىزنى چايقىتىپ، كۈچلۈك دولقۇنلارنى پەيدا قىلدى.

ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر،

ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

36«تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بۇ قانۇنىيەتلىرى ئەمەلدىن قالمىسىلا،

ئىسرائىللارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ مېنىڭ خەلقىمدۇر.»

37پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاسماننى ئۆلچەش، زېمىننىڭ ئۇلىنى تەكشۈرۈش مۇمكىن بولمىغاندەك،

خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ قىلغان رەزىل ئىشلىرى ئۈچۈن

ئۇلارنى تاشلىۋېتىشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

38پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، يېرۇسالېم شەھىرى خانانئېل مۇنارىدىن باشلىنىپ، غەرب تەرەپتىكى ‹بۇلۇڭ دەرۋازىسى›غىچە قايتا قۇرۇلۇپ، مېنىڭ ئالاھىدە شەھىرىم بولىدۇ. 39ئۇنىڭ پاسىلى ئۇ يەردىن ئۇدۇل غەرب تەرەپكە كېڭىيىپ، گارېب تېغىغىچە بارىدۇ، ئاندىن جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، گوئاھ دەپ ئاتىلىدىغان جايغىچە سوزۇلىدۇ. 40بارلىق جايلار، ھەتتا جەسەتلەر بىلەن كۈللەر دۆۋىلەنگەن جەنۇبتىكى پۈتۈن جىلغا، شەرقتىكى، يەنى ئۇنىڭ يېنىدىكى قىدرون جىلغىسىغا تۇتىشىدىغان ئېتىزلار ۋە ئۇنىڭغا تۇتىشىدىغان ‹ئات دەرۋازىسى›غىچە بولغان بارلىق جايلار ماڭا بېغىشلانغان بولىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى مەڭگۈ ۋەيران بولمايدۇ ھەم يوقالمايدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى