« يەرەمىيا »

26

يەرەمىيانىڭ ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشى

1يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندا، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا 2مۇنداق دېدى:

_ سەن ئىبادەتخانامنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ تۇرغىن. يەھۇدىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ئىبادەتخانامغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەن بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغىن. مەن ساڭا ئۇلارغا ئېيتىشنى ئەمر قىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي يەتكۈزگىن. 3بەلكىم بۇ كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ، رەزىل يوللىرىدىن قايتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ قىلغان رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ۋەيران قىلىش نىيىتىمدىن يانىمەن. 4ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ، مەن كۆرسەتكەن يولدا مېڭىڭلار! 5سىلەر چوقۇم مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار! مەن ئۇلارنى سىلەرگە قايتا-قايتا ئەۋەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار. 6شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى خۇددى شىلو شەھىرىنى گۇمران قىلغاندەك گۇمران قىلىمەن. دۇنيادىكى ھەممە خەلقلەر بۇ شەھەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ قارغايدۇ.›»

7روھانىيلار، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق كىشىلەر يەرەمىيانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىدى. 8يەرەمىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنى خەلققە سۆزلەپ بولغان ھامان روھانىيلار، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق كىشىلەر ئۇنى تۇتۇپ:

_ سەن ئۆلۈشكە لايىق! 9سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن، بۇ ئىبادەتخانا خۇددى شىلو شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران بولىدۇ، بۇ شەھەر ھېچكىم ياشىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ۋەيران قىلىنىپ خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، دەپ بېشارەت بېرىشكە قانداق جۈرئەت قىلدىڭ؟! _ دېدى ۋە ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىلەر ئۇنى قورشىۋالدى.

10يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلار پادىشاھ ئوردىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ناھايىتى تېزلا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ «يېڭى دەرۋازا» دەپ ئاتالغان كىرىش ئېغىزىدا سوت ئاچتى. 11ئاندىن روھانىيلار ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر ئەمەلدارلار ۋە پۈتۈن خەلققە مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ شەھەر ھەققىدە يامان ۋەھىي يەتكۈزدى. سىلەر ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئۆز قۇلىقىڭلار بىلەن ئاڭلىدىڭلار.

12ئاندىن يەرەمىيا بارلىق ئەمەلدارلار ۋە خەلققە مۇنداق دېدى:

_ سىلەر مەندىن ئاڭلىغان بۇ ئىبادەتخانا ۋە بۇ شەھەرگە قارشى ئېيتىلغان بارلىق ۋەھىيلەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتتى. 13شۇڭا ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى ۋە مېڭىۋاتقان يولۇڭلارنى ئۆزگەرتىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىش نىيىتىدىن يانىدۇ. 14ماڭا كەلسەك، مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا، سىلەر ياخشى ۋە توغرا دەپ قارىغىنىڭلار بويىچە مېنى بىر تەرەپ قىلىڭلار. 15لېكىن شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئەگەر مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولساڭلار، سىلەر، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغان كىشىلەر بىر گۇناھسىز ئادەمنىڭ قېنىنى تۆككەن بولىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن مېنى بۇ سۆزلەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن.

16شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق روھانىيلارغا ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس! ئۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىدا بىزگە سۆزلەپتىغۇ.

17ئاندىن يەھۇدىيەنىڭ بىر قىسىم ئاقساقاللىرى ئالدىغا چىقىپ، توپلانغان خەلققە مۇنداق دېدى:

18_ پادىشاھ خىزكىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا، موراشىتلىك مىكاھ يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋەھىي يەتكۈزۈپ: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ›» دېگەنىدى. 19لېكىن يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ۋە پۈتكۈل خەلق مىكاھنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ ياق! خىزكىيا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى تىلىگەن. شۇڭا، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىش نىيىتىدىن يانغان. لېكىن بىز بولساق ئۆز بېشىمىزغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا ئېلىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز.

20(شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان يەنە بىر پەيغەمبەر بار ئىدى. ئۇ بولسا قىريات-يىئارىمدىن كەلگەن شىمايانىڭ ئوغلى ئۇرىيا ئىدى. ئۇمۇ يەرەمىياغا ئوخشاش بۇ شەھەر ۋە زېمىنغا قارشى ۋەھىيلەرنى يەتكۈزگەنىدى. 21پادىشاھ يىھوياقىم ۋە ئۇنىڭ لەشكەر باشلىرى، ئەمەلدارلىرى ئۇرىيانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى بولۇشقانىدى. لېكىن ئۇرىيا بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى قورقۇپ، مىسىرغا قېچىپ كەتكەنىدى. 22شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يىھوياقىم ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتاننى بىرنەچچە ئادەم بىلەن مىسىرغا ئەۋەتكەنىدى. 23ئۇلار ئۇرىيانى مىسىردىن قايتۇرۇپ كېلىپ، پادىشاھ يىھوياقىمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەنىدى. پادىشاھ يىھوياقىم ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى پۇقرالار قەبرىستانلىقىغا تاشلىۋەتكەنىدى.)

24شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام يەرەمىيا تەرەپتە تۇردى، يەرەمىيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇشىغا يول قويمىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى