« يەرەمىيا »

22

يەھۇدىيە پادىشاھلىرىغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھىي

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ، سۆزلىرىمنى ئۇ يەردە يەتكۈزگىن. 2ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئەي داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان يەھۇدىيە پادىشاھى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سال. بۇ سۆزلىرىمنى ئوردىنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىدىغان ئەمەلدار ۋە خەلقلىرىڭمۇ ئاڭلىسۇن. 3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلماڭلار، بوزەك قىلماڭلار. بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكمەڭلار. 4ئەگەر بۇ سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلساڭلار، داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان پادىشاھلار جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ، ئاتلارغا مىنىپ، بۇ ئوردا دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ-چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقى ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ. 5لېكىن سىلەر ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىساڭلار، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئوردا خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىدۇ.›»

6پەرۋەردىگار، يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى مېنىڭ نەزىرىمدە گىلئادقا ۋە لىۋاننىڭ تاغ چوققىلىرىغا ئوخشاش ھەيۋەتلىكتۇر،

لېكىن مەن ئۇنى چۆلگە ئوخشاش ھېچكىم ياشىمايدىغان بىر جايغا ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.

7مەن ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغان ئادەملەرنى ئەۋەتىمەن.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالتىلىرىنى ئېلىپ بېرىپ،

ئۇنىڭ چىرايلىق كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تۈۋرۈكلىرىنى چېپىپ تاشلايدۇ

ۋە ئۇلارنى ئوتقا سالىدۇ.

8باشقا ئەللەردىن كەلگەن كىشىلەر بۇ شەھەردىن ئۆتكەندە، بىر-بىرىدىن: ‹پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ بۈيۈك شەھەرنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟› دەپ سورىشىدۇ. 9ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ: ‹چۈنكى بۇ خەلق پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى تاشلاپ، بۇتقا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى.›»

پادىشاھ يىھوئاخاز توغرىسىدىكى ۋەھىي

10«ئۆلتۈرۈلگەن پادىشاھ يوشىيا ئۈچۈن يىغا-زار قىلىپ قايغۇرماڭلار.

لېكىن پادىشاھنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان ئوغلى ئۈچۈن يىغلاپ قايغۇرۇڭلار.

چۈنكى ئۇ ئەمدى ئۆز زېمىنىنى قايتا كۆرەلمەيدۇ.»

11پادىشاھ يوشىيانىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە بۇ زېمىندىن سۈرگۈن قىلىنغان ئوغلى يوئاخاز توغرىسىدا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئەمدى ھەرگىز بۇ زېمىنغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ. 12چۈنكى ئۇ تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلىپ، ئاشۇ يەردە ئۆلىدۇ ۋە بۇ زېمىننى قايتا كۆرەلمەيدۇ.»

پادىشاھ يىھوياقىم توغرىسىدىكى ۋەھىي

13پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«ئوردا قۇرۇپ ئادالەتسىزلىك قىلغان،

كىشىلەرگە ناھەقچىلىق قىلىپ، ساراي ئۈستىگە يەنە ساراي سالغان پادىشاھنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۇ ئادەملەرنى بىكارغا ئىشلەتتى، ھەق بەرمىدى.

14ئۇ: ‹مەن ئۆزۈمگە ئۈستۈنكى قەۋەتلىرى ھەيۋەتلىك بولغان چوڭ بىر ئوردا سالدۇرىمەن› دەيدۇ.

ئۇ دېرىزىلەرنى ئورنىتىپ،

تاملىرىنى كېدىر تاختىيى بىلەن بېزەيدۇ

ۋە خانىلىرىنى قىزىل رەڭدە سىرلايدۇ.

15ئەي يىھوياقىم، كېدىر ياغىچىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن،

ئۆزۈڭنى بىر ئۇلۇغ پادىشاھ دەپ ئويلامسەن؟

ئاتاڭنىڭمۇ يېمەك-ئىچمىكى مول ئىدى.

لېكىن ئۇ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلغان،

شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان.

16ئۇ نامرات ۋە موھتاجلارنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان.

ئۇنىڭ ئادالەتلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى، مېنى تونۇغانلىق ئەمەسمۇ؟

17ئەمما سەن قەلبىڭنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا مايىل قىلدىڭ،

بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ،

كۆزلىرىڭنى پەقەتلا دۇرۇس بولمىغان مەنپەئەتكە تىكتىڭ.»

18شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار يوشىيا پادىشاھنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«كىشىلەر ‹ئىسىت، قېرىندىشىم! ۋاي جانجىگىرىم!› دېيىشىپ، ياش تۆكمەيدۇ.

خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن: ‹ئىسىت، خوجايىنىمىز ئۆلۈپ كەتتىغۇ!

ئىسىت، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى يوقالدىغۇ!› دەپ يىغلىمايدۇ.

19ئۇ خۇددى ئېشەككە ئوخشاش ئۆلۈكى قەبرىسىز قالىدۇ.

ئۇنىڭ جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىلىپ، تاشلىۋېتىلىدۇ.

20ئەي يېرۇسالېم خەلقى، لىۋان تاغلىرىغا بېرىپ يىغلاڭلار،

باشان رايونىدا ۋارقىراپ، موئابتىكى ئابارىم تاغلىرىدا ھۆركىرەپ يىغلاڭلار.

چۈنكى سىلەر تايانغان بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار يېڭىلىپ قالدى.

21سىلەر گۈللەنگەن چاغدا مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم،

لېكىن سىلەر ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار.

سىلەر ئەزەلدىن سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار،

مانا بۇ سىلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭلاردا قىلغانلىرىڭلار.

22يېتەكچىلىرىڭلارنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ،

ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

سىلەر قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن،

چوقۇم خورلۇق ۋە ئىزا-ئاھانەتكە قالىسىلەر.

23ھازىر پادىشاھىڭلار لىۋاندىن ئەكەلگەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىسىدا ھۇزۇرلىنىۋاتىدۇ،

لېكىن ئۇ پات ئارىدا جازالىنىدۇ،

ئۇ خۇددى تولغاق يەۋاتقان ئايالدەك ئىڭرايدۇ.»

پادىشاھ يىھوياكىن توغرىسىدىكى ۋەھىي

24پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يىھوياكىن، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، گەرچە سەن مېنىڭ ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، لېكىن مەن سېنى قولۇمدىن ئېلىپ تاشلايمەن. 25مەن سېنى سەن قورقىدىغانلارغا، سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مەن سېنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. 26مەن سېنى ۋە سېنى تۇغقان ئاناڭنى ئۆزۈڭلار تۇغۇلمىغان يات بىر ئەلگە ئاپىرىپ تاشلايمەن. ھەر ئىككىڭلار شۇ يەردە ئۆلىسىلەر. 27سىلەر قايتىپ كېلىشكە تەشنا بولغان بۇ زېمىنغا مەڭگۈ قايتىپ كېلەلمەيسىلەر!

28كىشىلەر: ‹نېمىشقا يىھوياكىن دېگەن بۇ ئادەم خۇددى چېقىلىپ تاشلىۋېتىلگەن ئىدىشتەك كۈنگە قالىدۇ؟

ئۇ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى نېمە ئۈچۈن يات بىر زېمىنغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ؟› دەپ سورايدۇ.

29ئەي يەھۇدىيە زېمىنى، يەھۇدىيە زېمىنى، يەھۇدىيە زېمىنى!

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سال.

30مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹بۇ ئادەمنىڭ پەرزەنتلىرى يوق، دەپ رويخەتكە ئېلىڭلار!

ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىشلىرى ھەرگىز ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ،

ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ.›»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى