« يەرەمىيا »

10

بۇتپەرەسلىكنىڭ بىمەنىلىكى

1ئەي ئىسرائىل خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاڭلار. 2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«باشقا ئەللەرنىڭ بىمەنە ئېتىقاد يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار.

باشقا ئەللەر ئاسماندىكى غەيرىي بەلگىلەرنى كۆرۈپ، قورقۇنچقا چۈشسىمۇ،

سىلەر بۇلارنى كۆرۈپ قايمۇقۇپ كەتمەڭلار!

3چۈنكى بۇ ئەللەرنىڭ ئېتىقاد يوللىرى ئەھمىيەتسىزدۇر.

ئۇلار ئورمانلىقتىن بىر دەرەخنى كېسىدۇ،

ھۈنەرۋەن ئەسۋاب ئارقىلىق ئۇنى بۇت قىلىپ ياسايدۇ.

4ئۇنى كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن زىننەتلەيدۇ،

ئۇنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بولقا ۋە مىخلارنى ئىشلىتىپ، ئۇنى چىڭىتىدۇ.

5بۇنداق بۇتلار قوغۇنلۇقتىكى قارانچۇقلارغا ئوخشايدۇ.

ئۇلار سۆزلىيەلمەيدۇ،

ئۇلار ماڭالمايدۇ، شۇڭا باشقىلار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۆتكەيدۇ.

ئۇلاردىن قورقماڭلار، سىلەرنى زەخىملەندۈرەلمەيدۇ،

ئۇلارنىڭ سىلەرگە ياردەم قىلغۇدەك ھېچقانداق قۇدرىتى يوق.»

6مەن مۇنداق دېدىم:

«ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئوخشايدىغان ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر،

سەن ئۇلۇغسەن، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىكتۇر.

7ئى بارلىق ئەللەرنىڭ پادىشاھى، بارلىق ئىنسانلار سەندىن ئەيمىنىشى كېرەك.

چۈنكى سەن ھۆرمەتكە سازاۋەرسەن.

ئەللەرنىڭ ئىچىدىكى دانا كىشىلەر ياكى پادىشاھلار بولسۇن،

ساڭا تەڭداش بولىدىغانلىرى يوقتۇر.

8بۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرى ئەخمەق ھەم دۆتتۇر،

ئۇلار ياغاچ بۇتلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟

9بۇ بۇتلارنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كۈمۈش تارشىشتىن،

ئالتۇن ئۇفاز زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىنگەن.

بۇ بۇتلار ياغاچچى ۋە زەرگەرلەرنىڭ قول ھۈنىرىدۇر.

ئۇلارغا كۆك ۋە سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەر كىيگۈزۈلگەن بولۇپ،

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر تەرىپىدىن ياسالغان.

10پەقەت پەرۋەردىگارلا بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇر.

ئۇ ھاياتتۇر، مەڭگۈ پادىشاھتۇر.

ئۇ ئاچچىقلانغاندا يەر-زېمىن تىترەيدۇ.

ھېچقانداق ئەل ئۇنىڭ غەزىپىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

11ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئاشۇ ئەللەرگە جاكارلا:

‹بۇ بۇتلار ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتمىغان.

ئۇلار ئاسماننىڭ ئاستىدىكى زېمىندىن يوقىلىدۇ!›

12پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتقاندۇر.

ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلغاندۇر،

شۇنداقلا ئۆز ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايغۇچىدۇر.

13ئۇ سۆزلىسە، ئاسمان گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغىدۇ.

ئۇ زېمىننىڭ چېتىدىن بۇلۇتلارنى يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ.

ئۇ يامغۇر بىلەن چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، ئامبىرىدىن شامالنى قويۇپ بېرىدۇ.

14ئۇنىڭ ئالدىدا بارلىق ئىنسانلار ئەخمەق ۋە بىلىمسىزدۇر!

بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ياسىغان بۇتلىرى ئۈچۈن نومۇسقا قالىدۇ،

چۈنكى ئۇلارنىڭ ياسىغان بۇتلىرى بىر ئالدامچىلىقتۇر،

بۇ بۇتلارنىڭ تىنىقى يوقتۇر.

15بۇ بۇتلار ئەرزىمەستۇر، ئۇلار مەسخىرىگە لايىقتۇر.

ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى باردۇر.

16بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ.

ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر.

بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز.

ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.»

ئاپەتنىڭ يېتىپ كېلىشى

17ئى يېرۇسالېم خەلقى،

دۈشمەنلىرىڭلار سىلەرنىڭ تۆت ئەتراپىڭلارنى قورشىۋالغان.

يۈك-تاقلىرىڭلارنى يىغىشتۇرۇپ، بۇ زېمىندىن كېتىشكە تەييارلىنىڭلار.

18چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ھازىر بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى تاشلىۋەتمەكچى.

ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كۈلپەت ياغدۇرىمەن، تاكى ئۇلار ھېس قىلىپ يەتكۈچە» دېدى.

19مەن ۋارقىراپ مۇنداق دېدىم:

«ھالىمىزغا ۋاي، بىز يارىلاندۇق!

جاراھەتلىرىمىز ئېغىر!

بىز: ‹بۇ پەقەتلا بىر كېسەللىك،

ئۇنىڭغا چىدىيالايمىز!› دەپ ئويلىغانىدۇق.

20بىراق بىزنىڭ چېدىرلىرىمىز بۇزۇۋېتىلدى.

ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرغان ئارغامچىلار ئۈزۈلدى.

بىزنىڭ بالىلىرىمىز كەتتى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ.

چېدىرلىرىمىزنى قايتا تىكلەپ،

چېدىردىكى پەردىلەرنى ئاسىدىغان بىرمۇ ئادەم ھايات قالمىدى.

21بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىز ئەخمەقتۇر، ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يېتەكلەشنى ئۆتۈنمەيدۇ.

شۇڭا ئۇلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، خەلقىمىز چېچىلىپ كەتتى.

22ئاڭلاڭلار! شەپە كېلىۋاتىدۇ.

شىمالدىكى زېمىندىن كۈچلۈك بىر قوشۇننىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتىدۇ.

ئۇلار كېلىپ يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ.

بۇ زېمىنلار پەقەتلا چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.»

يەرەمىيانىڭ دۇئاسى

23ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مەلۇمكى، ھېچكىم ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە ئەمەس،

ئۆز بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى بەلگىلەشكە كىمنىڭ قۇربى يەتسۇن؟

24ئى پەرۋەردىگار، خەلقىڭنى تەربىيەلىگىن،

بىراق بىزگە غەزەپلەنگىنىڭدە، بىزنى بەك قاتتىق جازالىمىغايسەن،

بولمىسا بىز تۈگىشىمىز.

25ساڭا ئېتىبار قىلمىغان ۋە ئىبادەت قىلمىغان ئەللەرگە غەزىپىڭنى ياغدۇرغىن.

چۈنكى ئۇلار سېنىڭ خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋەيران قىلدى.

ئۇلار خەلقىڭنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۆي-ماكانلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى