« يەرەمىيا »

1

1بۇلار خىلقىيانىڭ ئوغلى يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر. يەرەمىيا بىنيامىن قەبىلىسىگە قاراشلىق زېمىندىكى ئاناتوت شەھىرىدىكى بىر روھانىي ئىدى. 2ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 13-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىشكە باشلىغان. 3يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا ۋە يوشىيانىڭ يەنە بىر ئوغلى بولغان زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلىغىچە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىپ تۇرغان. ئاشۇ يىلى يازدا يېرۇسالېم خەلقى سۈرگۈن قىلىنغان.

يەرەمىيانىڭ پەيغەمبەرلىككە چاقىرىلىشى

4پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

5_ مەن سېنى ئاناڭنىڭ قورسىقىغا تۆرەلدۈرۈشتىن بۇرۇنلا بىلەتتىم. سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، مەن سېنى ئۆزۈمگە ئايرىۋېلىپ، زېمىندىكى خەلقلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ تەيىنلىدىم.

6مەن پەرۋەردىگارغا:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مەن قانداق سۆزلەشنى بىلمەيمەن. مەن تېخى ياش بىر يىگىت! _ دېدىم. 7لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا:

_ سەن ئۆزۈڭنى ھەرگىز كىچىك چاغلىما. مەن سېنى نەگە ئەۋەتسەم، سەن شۇ يەرگە بارىسەن. مەن ساڭا نېمە دېيىشنى ئەمر قىلسام، شۇنى دەيسەن. 8ئادەملەردىن قورقما. مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن ۋە سېنى قوغدايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! _ دېدى.

9ئاندىن پەرۋەردىگار قولىنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ، مۇنداق دېدى:

_ مانا، مەن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ قويدۇم! 10بىلىشىڭ كېرەككى، مەن بۈگۈن ساڭا پادىشاھلىقلارغا ۋە ئەللەرگە ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزۈش ھوقۇقىنى بەردىم. سەن بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى، يىقىتىلىدىغانلىقىنى، ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا قايتا قۇرۇلۇپ، مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى جاكارلايسەن.

ئىككى بېشارەت

11پەرۋەردىگار مەندىن:

_ نېمىنى كۆردۈڭ، يەرەمىيا؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ بىر بادام دەرىخىنىڭ شېخىنى كۆردۈم، _ دەپ جاۋاب بەردىم. 12پەرۋەردىگار:

_ توغرا كۆردۈڭ، بادام شېخى مېنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ. ئېيتقان سۆزلىرىمنى مەن تېز ئارىدا بەجا كەلتۈرىمەن* ، _ دېدى. 13پەرۋەردىگار يەنە مەندىن:

_ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ قايناۋاتقان بىر قازاننى كۆردۈم. ئۇ قازان شىمالدىن بىز تەرەپكە ئۆرۈلەي-ئۆرۈلەي دەپ تۇرۇپتۇ، _ دېدىم.

14پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

_ بۇ، شىمالدىن بىر بالايىئاپەت كېلىپ، بۇ زېمىندىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنى باسىدىغانلىقىدىن بېشارەتتۇر. 15ئاڭلا! مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، شىمالدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ قوشۇنلىرىنى چاقىرىۋاتىمەن. ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەختلىرىنى شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىغا ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا ھەممە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ.

16مۇشۇ ئارقىلىق مەن خەلقىمگە قارشى ھۆكۈمۈمنى ئىجرا قىلىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى يامان. ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆزلىرى ياسىۋالغان بۇتلىرىغا چوقۇندى. 17بېلىڭنى باغلا! سەن بېرىپ، بۇ كىشىلەرگە مەن ئېيتقان بارلىق ئەمرلەرنى يەتكۈزگىن. ئۇلاردىن قورقما، بولمىسا مەن سېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ قورقۇنچقا سالىمەن! 18قارا، بۈگۈن مەن سېنى خۇددى مۇستەھكەم شەھەردەك، تۆمۈر تۈۋرۈكتەك ۋە تۇچتىن سوقۇلغان سېپىلدەك كۈچلۈك قىلدىم. سەن پۈتۈن يەھۇدىيەگە، يەنى ئۇنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمەلدارلىرى، روھانىيلىرى ۋە خەلقىگە قارشى تۇرىسەن. 19ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، بىراق ئۇلار سېنى يېڭەلمەيدۇ. مەن ساڭا يار بولىمەن، سېنى قۇتقۇزىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!



*12ئىبرانىي تىلىدا «بادام» دېگەن سۆز «كۆزىتىپ تۇرماق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش بولىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى