« سەردارلار »

17

مىكاھنىڭ بۇتلىرى

1ئەفرايىم تاغلىق رايونىدا مىكاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. 2ئۇ ئانىسىغا:

_ مەن 1100 كۈمۈش تەڭگىنى ئوغرىلىۋالغان كىشىنى قارغىغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. قارا، بۇ پۇللار مېنىڭ يېنىمدا، پۇللارنى مەن ئوغرىلىغانىدىم، _ دېدى.

ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ ئوغلۇم، ئىقرار بولغانلىقىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! _ دېدى.

3شۇنىڭ بىلەن 1100 كۈمۈش تەڭگىنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. مىكاھنىڭ ئانىسى:

_ مەن بۇ كۈمۈشلەرنى چىن دىلىمدىن ئوغلۇم ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئاتىدىم، بۇنىڭدىن ساڭا بىر ئويما ۋە قۇيما بۇت ياسىتىپ بېرەي، _ دېدى.

4مىكاھ كۈمۈشلەرنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئانىسى 200 كۈمۈش تەڭگىنى ئايرىپ، قۇيمىچىغا بىر ئويما ۋە قۇيما بۇت ياسىتىپ، ئۇنى مىكاھنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويدى. 5شۇنىڭ بىلەن مىكاھنىڭ بىر بۇتخانىسى بار بولدى. مىكاھ يەنە ئېفود* بىلەن كىچىك بۇتلارنى ياسىتىپ، ئوغۇللىرىنىڭ بىرسىنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى. 6ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ھەر كىم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلاتتى.

7يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ياش يىگىت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشايتتى. 8ئۇ يىگىت باشقا ماكان تېپىش ئۈچۈن بەيتلەھەمدىن ئايرىلىپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى مىكاھنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قالدى.

9مىكاھ ئۇنىڭدىن:

_ سەن قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

_ مەن يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدىن كەلگەن لاۋىي قەبىلىسىدىن بولىمەن. ياشاش ئۈچۈن ماكان ئىزدەپ يۈرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ يىگىت.

10مىكاھ ئۇنىڭغا:

_ سەن مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، ماڭا ئۇستاز ۋە روھانىي بولغىن. مەن ساڭا يىلدا 10 كۈمۈش تەڭگە بېرەي، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچىكىڭ مەندىن بولسۇن، _ دېدى.

11-12ياش لاۋىي ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇشقا ماقۇل بولۇپ، مىكاھنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. مىكاھ ئۇنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ، روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى. 13مىكاھ:

_ بىلىپ يەتتىمكى، پەرۋەردىگار ئەمدى ئىشلىرىمغا بەرىكەت بېرىدۇ، چۈنكى مەن لاۋىيلاردىن بىرنى ئۆزۈمگە روھانىي قىلدىم، _ دېدى.



*5ئېفود _ روھانىيلار كىيىدىغان، ئالتۇندىن بېزىلىپ تىكىلىدىغان كىيىم.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى