« سەردارلار »

13

شىمشوننىڭ تۇغۇلۇشى

1ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى 40 يىلغىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 2شۇ چاغدا زورئاھ شەھىرىدە دان قەبىلىسىدىن بولغان مانوۋاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس بولۇپ، پەرزەنتى يوق ئىدى. 3پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى* ئۇنىڭ ئايالىغا كۆرۈنۈپ، مۇنداق دېدى:

_ قارا، سەن ھازىرغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەنىدىڭ، ئەمما كۆپ ئۆتمەي ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. 4بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلغىن، ھاراق-شاراب ئىچمىگىن. پاك بولمىغان نەرسىلەرنى يېمىگىن. 5گېپىمنى ئاڭلا، سەن چوقۇم ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ئۇ بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزمىسۇن، بۇ ئوغۇل قورساقتىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغان بولۇپ، ئۇ ئىسرائىللارنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشنى باشلىغۇچىدۇر.

6ئايال ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ خۇدانىڭ ئەۋەتكەن ئادىمى يېنىمغا كەلدى، ئۇنىڭ تۇرقى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايدىكەن، بەكمۇ سالاپەتلىك ئىكەن. مەن ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىمىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئۆز ئىسمىنى ئېيتىپ بەرمىدى. 7ئەمما ئۇ ماڭا: «سەن چوقۇم ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ھاراق-شاراب ئىچمىگىن. پاك بولمىغان نەرسىلەرنى يېمىگىن. بۇ ئوغۇل قورساقتىكى ۋاقتىدىن باشلاپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغان بولىدۇ.» دېدى، _ دېدى.

8مانوۋاھ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ:

_ ئەي ئىگەم، سەن ئەۋەتكەن شۇ ئادەمنى يەنە بىر قېتىم ئەۋەتكەيسەن. بىزگە تۇغۇلىدىغان بالا توغرىسىدا قانداق قىلىشىمىزدىن تەلىم بەرسۇن، _ دېدى.

9خۇدا مانوۋاھنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلىدى. ئۇنىڭ ئايالى ئېتىزدا ئارام ئېلىپ ئولتۇرغىنىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يېنىغا يەنە كەلدى. بۇ چاغدا مانوۋاھ ئۇنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى.

10ئايالى ئالدىراپ ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ ئالدىنقى كۈنى ماڭا كۆرۈنگەن ئادەم يەنە كەلدى، _ دېدى.

11مانوۋاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالىغا ئەگىشىپ ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن:

_ ئالدىنقى قېتىم ئايالىمغا گەپ قىلغان سىزمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم: «شۇنداق، مەن» دەپ جاۋاب بەردى.

12مانوۋاھ ئۇنىڭدىن يەنە:

_ سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، بالا قانداق تەربىيىلىنىشى كېرەك؟ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟ _ دەپ سورىدى. 13پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاھقا:

_ ئايالىڭ مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئېسىدە چىڭ ساقلىسۇن. 14ئۇ ئۈزۈمدىن ئىشلەنگەن ھەرقانداق نەرسىنى يېمىسۇن، ھاراق-شاراب ئىچمىسۇن، پاك بولمىغان نەرسىلەرنى يېمىسۇن. ئۇ مېنىڭ بۇيرۇقلىرىمغا چوقۇم ئەمەل قىلسۇن، _ دېدى.

15مانوۋاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە:

_ سىزگە ئاتاپ بىر ئوغلاق سوياي، پىشقۇچە بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرغايسىز، _ دېدى.

16پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاھقا:

_ بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرغىنىم بىلەنمۇ بەرىبىر، يېمەكلىكىڭنى يېمەيمەن. ئەمما سەن بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەييارلاپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغىن، _ دېدى (بۇ ۋاقىتتا مانوۋاھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى).

17مانوۋاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە:

_ ئىسمىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەيسىز، دېگەنلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقاندا نام-شەرىپىڭىزنى ئۇلۇغلايمىز، _ دېدى.

18پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاھقا:

_ ئىسمىمنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟ ئىسمىمنى چۈشىنىشكە سېنىڭ ئەقلىڭ يەتمەيدۇ، _ دېدى.

19شۇنىڭ بىلەن مانوۋاھ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوغلاق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى قۇربانلىق سۇپىسى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بىر قورام تاش ئۈستىگە قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. پەرۋەردىگار مانوۋاھ بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆز مۆجىزىسىنى كۆرسەتتى. 20قورام تاشتىن ئوت ئاسمانغا قاراپ لاۋۇلدىغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يالقۇن ئىچىدە ئۇچقاندەك ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بۇنى كۆرۈپ مانوۋاھ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى يەرگە يۈكۈنۈپ سەجدە قىلدى. 21شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاھ بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا قايتا كۆرۈنمىدى. بۇ ئىشلارنى كۆرگەن مانوۋاھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، 22ئايالىغا:

_ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق، _ دېدى.

23ئەمما ئايالى ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرگۈسى بولسا، بىزنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىمىز ۋە ئاشلىق ھەدىيەيىمىزنى قوبۇل قىلمىغان، بىزگە بۇ كارامەتلەرنى كۆرسەتمىگەن ۋە بۇ ئاجايىپ ئىشلاردىن خەۋەر بەرمىگەن بولاتتى، _ دېدى.

24كېيىن مانوۋاھنىڭ ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى ھەمدە ئۇنىڭغا شىمشون دەپ ئىسىم قويدى. بۇ ئوغۇل چوڭ بولغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلدى.

25شىمشون زورئاھ ۋە ئەشتائول شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دان قارارگاھىدا تۇرغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنى يېتەكلەشكە باشلىدى.



*3پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى _ خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى