« سەردارلار »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلارغا (ۋەدە قىلىنغان زېمىن) كەنئان زېمىنىنى بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ. ئەھدىدە، ئەگەر ئۇلار پەرۋەردىگارغىلا ئىبادەت قىلىپ، ئەمرلىرىگە بويسۇنسا، ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىدىغانلىقى، ئەمرلىرىگە بويسۇنماي باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنسا، ئۇلارنى جازالايدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. مۇسا پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يوشۇۋا پەيغەمبەر خەلقنى باشلاپ، پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان كەنئان زېمىنىنى قولغا چۈشۈرىدۇ.

«مۇقەددەس كىتاب»نىڭ «سەردارلار» قىسمىدا يوشۇۋا پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى، يەنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى تەخمىنەن 14-ئەسىردىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىسرائىللار تارىخىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ. بىراق بۇ قىسىمنى كىمنىڭ يازغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.

ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنماي، ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان زېمىندىن رەزىل خەلقلەرنى قوغلاپ چىقارماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ يوللىرىغا ئەگىشىشكە باشلايدۇ. ئىسرائىللار تېزلا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئۇنتۇپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ. نەتىجىدە، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى جازالاش ئۈچۈن ئۇلارغا دۈشمەن خەلقلەرنى ئەۋەتىدۇ. ئۇلار ئىسرائىللارنى ئېزىدۇ. ئەمما پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارنى ياد ئېتىپ، ئۇنىڭغا نالە قىلغاندا، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارغا نۇرغۇن قېتىم ھەربىي ۋە ھاكىمىيەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدىغان سەردار تەيىنلەپ بېرىدۇ. پەرۋەردىگار ئاشۇ سەردارلار ئارقىلىق ئىسرائىللارنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا بىر مەزگىللىك تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىدۇ. بىراق، ھەر قېتىم تەيىنلەنگەن سەردارلار ۋاپات بولۇشىغىلا ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنى يەنە ئۇنتۇشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا يەنە دۈشمەن خەلقنى ئەۋەتىش ئارقىلىق تاكى ئۇلار ئۆزىگە نالە قىلغۇچە جازالايدۇ. ئەمما ئۇلار خۇداغا يېلىنغاندا، خۇدا ئۇلارنى يەنە قۇتقۇزىدۇ. مۇشۇنداق قايتىلىنىش نۇرغۇن قېتىم تەكرارلىنىدۇ. بىراق ھەر قېتىم خۇدا ئۇلارنى قۇتقۇزغاندا، ئۇلار ئىلگىرىكىدىنمۇ ئېغىرراق گۇناھلارنى ئۆتكۈزىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئەھۋالى بارا-بارا ناچارلىشىپ كېتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان سەردارلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ خۇداغا تولۇق ئىتائەت قىلغان ئەمەس. مەسىلەن: ئۇلارنىڭ بىرى بولغان شىمشون خۇدا تەرىپىدىن ئىسرائىللارنى قۇتقۇزۇشقا تەينىلەنگەن بولسىمۇ، ئۇ ئىنتايىن ئېغىر گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەنىدى. بىراق، سەردارلارنىڭ ھەممىسى ھاياتىدىكى بەزى مۇھىم ئىشلاردا خۇداغا ئىشەنچ باغلىغان. ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، سەردارلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىشى ئۈچۈن خاتىرلەنمىگەن. بۇ ۋەقەلەر بىزگە، خەلق خۇداغا نالە قىلىپ، ئۇنى ياد ئەتسە، خۇدا گۇناھكار ئادەملەرنىڭ قولى ئارقىلىقمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزىدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ۋەقەلەر بىزنى، خۇدا دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلغان تۇرۇقلۇق، بىزنىڭ يەنىلا خۇدانى ئۇنتۇپ، ئۇنىڭ يولىدىن تېيىپ كېتىشىمىزنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

تېزىس:

  1. ئىسرائىللارنىڭ ئىتائەتسىزلىكى (1-باب 1-ئايەتتىن 3-باب 6-ئايەتكىچە)
  2. ئوتنىئېل، ئېھۇد ۋە شامگارلارنىڭ سەردار بولۇشى (3-باب 7-ئايەتتىن 31-ئايەتكىچە)
  3. دىبورا ۋە باراقنىڭ سەردار بولۇشى (4-، 5-بابلار)
  4. گىدئوننىڭ سەردار بولۇشى (6-بابتىن 8-بابقىچە)
  5. ئابىمەلەك (9-باب)
  6. تولاھ ۋە يائىرنىڭ سەردار بولۇشى (10-باب 1-ئايەتتىن 5-ئايەتكىچە)
  7. يىفتاھنىڭ سەردار بولۇشى (10-باب 6-ئايەتتىن 12-باب 7-ئايەتكىچە)
  8. ئىبزان، ئېلون ۋە ئابدوننىڭ سەردار بولۇشى (12-باب 8-ئايەتتىن 15-ئايەتكىچە)
  9. شىمشوننىڭ سەردار بولۇشى (13-بابتىن 16-بابقىچە)
  10. مىكاھ ۋە دان قەبىلىسىنىڭ بۇتپەرەسلىكى (17-، 18-بابلار)
  11. بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ جازالىنىشى (19-بابتىن 21-بابقىچە)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى