« قانۇننىڭ تەكرارى »

6

پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار

1_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ماڭا تۆۋەندىكى ئەمر ۋە قانۇن-نىزاملارنى سىلەرگە ئۆگىتىشىمنى ئەمر قىلدى. ئۇنىڭغا سىلەر ئىگىلىگەن زېمىنلاردا ئەمەل قىلىڭلار. 2سىلەر، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرىلىرىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئۆمۈرۋايەت ئەيمىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مەن ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن بارلىق قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلساڭلار، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر. 3ئەي ئىسرائىللار ئاڭلاڭلار، كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندا ئىشلىرىڭلار راۋان بولىدۇ، خەلقىڭلار كۆپىيىدۇ. بۇنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ۋەدە قىلغاندۇر.

4ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇ يېگانىدۇر. 5پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار ۋە پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن سۆيۈڭلار. 6بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بۇ ئەمرلەرنى قەلبىڭلاردا ساقلاڭلار. 7پەرزەنتلىرىڭلارغا سەمىمىي ئۆگىتىڭلار. مەيلى ئۆيدە، مەيلى يولدا، مەيلى ياتقاندا، مەيلى تۇرغاندا بولسۇن، بۇ ئەمرلەر ھەققىدە داۋاملىق سۆزلەڭلار. 8بۇلارنى تۈگۈنچەككە تۆگۈپ، نىشانە سۈپىتىدە قولۇڭلارغا باغلىۋېلىڭلار، پېشانەڭلارغا ئېسىۋېلىڭلار. 9ئىشىكىڭلارنىڭ كېشەكلىرىگە ۋە دەرۋازىلىرىڭلارغا يېزىپ قويۇڭلار. 10پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىرىدۇ. لېكىن ئۇ يەردىكى چوڭ، ھەيۋەتلىك شەھەرلەرنى سىلەر قۇرمىغان. 11ئۇ يەردىكى ئۆيلەردە تولۇپ تۇرغان گۈزەل نەرسىلەرنى سىلەر توپلىمىغان، قۇدۇقلارنى سىلەر قازمىغان، ئۈزۈمزارلىق ۋە زەيتۇنلۇقلارنى سىلەر بەرپا قىلمىغان. شۇڭا سىلەر ئۇ يەردە يەپ-ئىچىپ تويغاندىن كېيىن، 12دىققەت قىلىڭلار، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار! 13پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، يالغۇز ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىڭلار. 14ئەتراپىڭلاردىكى يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار. 15بولمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۇتۇپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوقىتىدۇ. چۈنكى ئاراڭلاردىكى خۇدا باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشۇڭلاردىن قىزغىنىدىغان خۇدادۇر. 16ماسساھتا خەلق پەرۋەردىگار خۇدانى سىنىغانىدى، يەنە سىناپ بېقىش غەرىزىدە بولماڭلار. 17پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئەمر قىلغان پەرزلەر، قانۇن-نىزاملارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەمەل قىلىڭلار. 18پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە ياخشى بولغان ئىشلارنى قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەممە ئىشىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان گۈزەل زېمىنغا ئىگە بولىسىلەر. 19خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارىڭلار ئۇ يەردىن دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ چىقىرىدۇ.

20كەلگۈسىدە ئەۋلادىڭلار سىلەردىن: «پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە جاكارلىغان بۇ پەرز ۋە قانۇن-نىزاملىرىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟» دەپ سورايدۇ. 21سىلەر ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بېرىڭلار: «بىز مىسىردا پىرئەۋننىڭ قۇللىرى بولۇپ ياشاۋاتقاندا، پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. 22بىز پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىنى، قورقۇنچلۇق مۆجىزىلىرىنى ھەمدە مىسىرنى، پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى قانداق جازالىغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. 23ئۇ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىمىزغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ كەلدى ۋە بۇ زېمىننى بىزگە ئاتا قىلدى. 24بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە بارلىق قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشىمىزنى، ئۆزىدىن ئەيمىنىشىمىزنى ئەمر قىلغاندۇر. شۇنداق قىلساق، خۇددى بۈگۈنكىدەك ھايات قېلىپ، ھەمىشە بەخت ئىچىدە ياشايمىز. 25ئەگەر بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلساق، ھەققانىي ئادەم ھېسابلىنىمىز.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى