« قانۇننىڭ تەكرارى »

33

مۇسانىڭ ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە بەخت تىلىشى

1بۇ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسانىڭ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا ئىسرائىللارغا بەخت تىلەپ قىلغان دۇئاسىدۇر. 2مۇسا مۇنداق دۇئا قىلدى:

«پەرۋەردىگار سىناي تېغىدىن،

سەئىر زېمىنىدىن بىزگە زاھىر بولدى،

پاران تېغىدىن نۇر چاچتى،

ئۇ تۈمەنلىگەن مۇقەددەس پەرىشتىلەر ئارىسىدا ئىدى،

ئوڭ قولىدىن ئوت چاچتى.

3پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سۆيىدۇ،

ئۇ ئۆزىگە بېغىشلانغانلارنى قوغدايدۇ.

ئۇلار ئۇنىڭغا تەزىم قىلىدۇ،

ئۇنىڭدىن تەلىم ئالىدۇ.

4مەن سىلەرگە خۇدانىڭ قانۇنىنى يەتكۈزدۈم،

بۇ قانۇن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ مۈلكىدۈر.

5ئىسرائىل قەبىلىلىرى يىغىلغاندا،

ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى توپلانغاندا،

پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى بولدى.»

6مۇسا رۇبېن قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى:

«رۇبېن قەبىلىسى ياشىسۇن، يوقالمىسۇن،

لېكىن ئۇنىڭ سانى ئاز بولىدۇ».

7مۇسا يەھۇدا قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى:

«ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغايسەن يەھۇدانىڭ ئىلتىجاسىغا.

ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەيسەن خەلقىمىزنىڭ ئارىسىغا،

ئۇ ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆزىنى ھىمايە قىلىدۇ.

ياردەم بەرگەيسەن ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىغا».

8مۇسا لاۋىي قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى:

«ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، ‹تۇممىم› ۋە ‹ئۇرىم›نى

بەرگەنسەن ساداقەتمەن لاۋىيلارغا.

ئۇلارنى سىنىدىڭ ماسساھتا،

ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشتىڭ مىرىبا سۈيىدە.

9ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان ساداقىتى ئېشىپ چۈشەر

ئاتا-ئانا، قېرىنداش ۋە پەرزەنتلىرىگە بولغان ساداقىتىدىن.

ئەمەل قىلدى ئۇلار ئەمرلىرىڭگە،

چىڭ تۇرۇپ كەلدى سېنىڭ ئەھدەڭدە.

10ئۇلار سېنىڭ ئەمر، قانۇنلىرىڭنى

يەتكۈزىدۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا،

يەنى ئىسرائىللارغا.

خۇش پۇراق ئىسرىقلارنى ئالدىڭغا قويىدۇ،

قۇربانلىق سۇپاڭدا قۇربانلىق مالنى پۈتۈن كۆيدۈرىدۇ.

11ئى پەرۋەردىگار، كۈچ ئاتا قىلغىن ئۇلارغا،

قوبۇل قىلغىن خىزمەتلىرىنى،

سۇندۇرغىن دۈشمەنلىرىنىڭ بېلىنى،

قايتىدىن باش كۆتۈرەلمەس قىلىپ قويغىن رەقىبلىرىنى.»

12مۇسا بىنيامىن قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى:

«پەرۋەردىگارنىڭ ياخشى كۆرگەن قەبىلىسى

پەرۋەردىگارنىڭ قۇچىقىدا بىخەتەردۇر،

پەرۋەردىگار كۈنبويى قوغدايدۇ ئۇلارنى.»

13مۇسا يۈسۈپ قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى:

«پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ زېمىنىغا بەخت ئاتا قىلسۇن.

ئۇلار ئاسماندىن چۈشكەن شەبنەم،

يەر ئاستىدىن چىققان بۇلاق سۇلىرى بىلەن بەرىكەتلەنسۇن.

14ئاپتاپتا پىشقان مېۋىلەر مول بولسۇن،

ئۇلار ئايمۇئاي مول ھوسۇل ئالسۇن.

15قەدىمىي تاغلاردىن، مەڭگۈلۈك ئېدىرلىقلاردىن

ئالغان ھوسۇللىرى ئەڭ ئېسىل بولسۇن.

16كۆيۈۋاتقان چاتقاللىقتا چاقىرغان پەرۋەردىگار

ئۇلارغا مول ئىلتىپات كۆرسىتىپ،

پۈتۈن زېمىنىنى ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن تولدۇرسۇن.

بۇ بەخت-سائادەت يۈسۈپنىڭ بېشىغا،

يەنى قېرىنداشلىرىدىن تاللانغىنىغا قونسۇن.

17يۈسۈپ تۇنجى تۇغۇلغان بۇقىدەك،

ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزىدەك ھەيۋەتلىكتۇر.

ئۇ يات ئەللەرنى مۈڭگۈزى بىلەن ئۈسۈپ،

تاكى زېمىننىڭ چېتىگىچە سۈرىدۇ.

ئەفرايىمنىڭ تۈمەنلىگەن لەشكەرلىرى

ۋە ماناسسەنىڭ مىڭلىغان جەڭچىلىرى ئۇنىڭ مۈڭگۈزىدۇر.»

18مۇسا زەبۇلۇن ۋە ئىسساكار قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى:

«زەبۇلۇنلار سىرتقا چىققاندا خۇرسەن بولسۇن،

ئىسساكارلار چېدىرلىرىدا تۇرغاندا شادلانسۇن.

19ئۇلار خەلقنى تاغقا چىقىشقا چاقىرىپ،

ئۇ يەردە دۇرۇس بولغان قۇربانلىقلارنى قىلىدۇ.

ئۇلار دېڭىزدىن بايلىق، قۇملۇقتىن گۆھەر ئالىدۇ.»

20مۇسا گاد قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى:

«گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكەن خۇدا مەدھىيەلەنسۇن!

گاد ماراپ ياتقان شىرغا ئوخشايدۇ،

ئولجىسىنىڭ بىلىكىنى ۋە بېشىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ.

21ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى زېمىننى تاللىدى.

باشلىقنىڭ نېسىۋىسى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويۇلدى.

ئىسرائىل ئاقساقاللىرى جەم بولغاندا،

گاد پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتىنى ئىجرا قىلدى،

ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلدى.»

22مۇسا دان قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى:

«دان قەبىلىسى شىرغا ئوخشاش باشاندىن سەكرەپ چىقىدۇ.»

23مۇسا نافتالى قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى:

«ئەي نافتالىلار، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىگە نائىل بولۇپ،

ئۇ بەرگەن بەختكە تولدۇرۇلىسىلەر،

غەرب ۋە جەنۇبتىكى زېمىنلارغا ئىگە بولىسىلەر.»

24مۇسا ئاشېر قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى:

«ئاشېرلار جامائەتنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ بەختلىكىدۇر،

ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشىدۇ،

پۇتلىرى زەيتۇن يېغى بىلەن يۇيۇلىدۇ.

25شەھەر دەرۋازىسىنىڭ بالداقلىرى تۆمۈر ۋە تۇچ بولىدۇ.

بىر ئۆمۈر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ ئۆتىدۇ.»

26«ئەي ئىسرائىللار، خۇداغا ئوخشايدىغان بىرمۇ زات يوقتۇر،

ئۇ بۇلۇتلارنى مىنىپ، سىلەرگە ياردەمگە كېلىدۇ،

ئاسماندا ھەيۋىسىنى نامايان قىلىدۇ.

27ئەزەلدىن بار بولغان خۇدا سىلەرنىڭ باش پاناھىڭلاردۇر،

ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك بىلىكى سىلەرنىڭ يۆلەنچۈكۈڭلاردۇر.

ئۇ كۆز ئالدىڭلاردا دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ،

ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ.

28ئىسرائىللار بىخەتەر بولىدۇ،

ياقۇپ ئەۋلادلىرى خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ.

زېمىنى ئاشلىق ۋە شارابقا مول بولىدۇ،

ئاسماندىن چۈشكەن شەبنەم ئۇنى سۇغىرىدۇ.

29ئەي ئىسرائىللار، سىلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە!

قايسى خەلق سىلەرگە ئوخشايدۇ؟

سىلەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلدۇڭلار،

ئۇ سىلەرنىڭ قالقىنىڭلار ۋە ياردەمچىڭلاردۇر،

سىلەرنىڭ شان-شەرەپلىك قىلىچىڭلاردۇر،

دۈشمىنىڭلار قورقۇپ، سىلەرگە تىز پۈكىدۇ،

سىلەر ئۇلارنىڭ دۈمبىلىرىنى دەسسەيسىلەر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى