« قانۇننىڭ تەكرارى »

31

يوشۇۋانىڭ مۇسانىڭ ئورنىغا يېتەكچى بولۇشى

1مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى:

2_ مەن ھازىر 120 ياشقا كىردىم. ئەمدى سىلەرگە باشلامچىلىق قىلالمايمەن. پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمە» دېگەنىدى. 3پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆزى سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇ يەردىكى يات ئەللەرنى كۆز ئالدىڭلاردا يوقىتىدۇ ۋە سىلەرنى ئۇ زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك يوشۇۋا سىلەرنىڭ يېتەكچىڭلار بولىدۇ. 4پەرۋەردىگار خۇددى ئامورلارنىڭ پادىشاھلىرى سىخون بىلەن ئوگنى يوقاتقىنىدەك، ئۇ يەردىكى ئەللەرنىمۇ يوقىتىدۇ. 5پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا، سىلەر ئۇلارنى مەن يەتكۈزگەن ئەمر بويىچە بىر تەرەپ قىلىڭلار. 6سىلەر قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولۇڭلار، ئۇلاردىن قورقۇپ، تىترىمەڭلار، خۇدا سىلەرگە ياردۇر. ئۇ سىلەردىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ ھەمدە سىلەرنى تاشلىمايدۇ.

7مۇسا يوشۇۋانى چاقىرىپ كېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! چۈنكى سەن ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىرىسەن، ئۇلار سەن ئارقىلىق بۇ زېمىنغا ئىگە بولىدۇ. 8پەرۋەردىگار سېنى باشلايدۇ، ساڭا يار بولىدۇ. ئۇ سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ ھەمدە سېنى تاشلىمايدۇ. قورقما ۋە بوشىشىپ قالما!»

9مۇسا بۇ قانۇننى ئۆزى پۈتۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارغا بەردى. 10مۇسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ قەرز كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ھەر يەتتىنچى يىلدىكى كەپە تىكىش ھېيتىدا، 11پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇنغا كېلىپ، ئىبادەت قىلغان ۋاقتىڭلاردا، خەلققە بۇ قانۇننى ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىڭلار. 12ئەر-ئاياللار، بالىلار ۋە يۇرتۇڭلاردىكى يات خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا بۇ قانۇننى ئاڭلىتىڭلار. ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىشنى، بۇ قانۇندىكى بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلىشنى ئۆگەنسۇن. 13شۇنداق قىلساڭلار، بۇ قانۇننى تېخى ئاڭلىمىغان بالىلارنىڭ ئاڭلىشىغا پۇرسەت بولىدۇ. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى سىلەر ئىگىلىگەن زېمىنلاردا مەيلى قانچە يىل ياشىسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىشنى ئۆگىنىدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بەرگەن ئاخىرقى يوليورۇقى

14پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. يوشۇۋانى چاقىرىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىللە كېلىڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇراي.

مۇسا بىلەن يوشۇۋا ئۇچرىشىش چېدىرىغا كەلدى. 15شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستىدە بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدە ئايان بولدى. 16پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. بۇ خەلق ئۇ زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ، خۇددى پاھىشىلەردەك ساداقەتسىزلىك قىلىدۇ. ئۇلار مېنى تاشلاپ، مەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ. 17ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى تاشلايمەن، ئۇلاردىن دىدارىمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار ھالاك بولىدۇ، نۇرغۇن بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرايدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار: «خۇدا بىزگە يار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بالا-قازالار بېشىمىزغا چۈشكەنمىدۇ؟» دېيىشىدۇ. 18ئۇلار رەزىللىك قىلىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇلاردىن چوقۇم دىدارىمنى يوشۇرىمەن. 19سەن ھازىر بىر مۇناجات يازغىن. ئۇنى ئىسرائىل خەلقىگە ئۆگەتكىن، ئۇلار ئۇنى ئېيتسۇن. بۇ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىمگە گۇۋاھ بولىدۇ. 20مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا بۇ زېمىننى ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغانمەن. مەن ئۇلارنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا باشلاپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇ يەردە قورساقلىرىنى تويغۇزۇپ، راھەت ياشايدۇ. ئاندىن ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ. مېنى تاشلاپ، مەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ. 21نۇرغۇن بالايىئاپەتلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەندە، بۇ مۇناجات ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىمگە گۇۋاھ بولىدۇ. بۇ مۇناجات ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۇنتۇلمايدۇ. گەرچە مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا تېخى باشلاپ كىرمىگەن بولساممۇ، ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنى بىلىمەن.

22شۇ كۈنى مۇسا بۇ مۇناجاتنى يېزىپ، ئىسرائىللارغا ئۆگەتتى.

23پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋاغا مۇنداق دەپ ئەمر قىلدى:

_ قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولغىن، سەن ئىسرائىللارنى مەن ئۇلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىسەن، مەن ساڭا يار بولىمەن.

24مۇسا بۇ قانۇننىڭ پۈتۈن ئەمرلىرىنى پۈتۈپ بولغاندىن كېيىن، 25پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلارغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى:

26_ بۇ قانۇن پۈتۈلگەن يازمىنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. ئۇ خۇدانىڭ سىلەرنى ئەيىبلىگەنلىكىگە گۇۋاھ بولسۇن. 27سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە جاھىل ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. سىلەر مەن ھايات ۋاقتىمدا پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەن تۇرساڭلار، مەن ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىش بولماقچى ئىدى؟ 28ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى، باشقۇرغۇچىلارنى ئالدىمغا چاقىرىپ كېلىڭلار، مەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغىمۇ دەي. بۇنىڭغا ئاسمان-زېمىن گۇۋاھ بولسۇن. 29بىلىمەنكى، مەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تاپتىن چىقىسىلەر ۋە مەن بۇيرۇغان يولدىن ئازىسىلەر. كەلگۈسىدە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلىسىلەر ۋە قىلغان قىلمىشىڭلار ئارقىلىق ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىسىلەر، بالايىئاپەت بېشىڭلارغا كېلىدۇ.

30ئاندىن مۇسا تۆۋەندىكى مۇناجاتنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە ئوقۇپ بەردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى