« قانۇننىڭ تەكرارى »

29

1پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئىسرائىللار بىلەن ئەھدە تۈزگەندىن باشقا، موئابتىمۇ ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزدى. يۇقىرىدىكىلەر پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئەمر قىلغان، يەنى ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مەزمۇنىدۇر.

ئەھدىنىڭ قايتا ئەسلەپ ئۆتۈلۈشى

2مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر مىسىردا پەرۋەردىگارنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ھەمدە پۈتۈن خەلقىگە قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. 3سىلەر ئۇنىڭ ئېغىر ئاپەتلەرنى قانداق پەيدا قىلىپ، قانداق بۈيۈك مۆجىزە-كارامەتلەرنى ياراتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. 4لېكىن پەرۋەردىگار تاكى بۈگۈنگىچە سىلەرگە چۈشىنەلەيدىغان قەلب، كۆرەلەيدىغان كۆز، ئېنىق ئاڭلىيالايدىغان قۇلاق بەرمىدى. 5قىرىق يىلدىن بېرى مەن سىلەرنى چۆلدە باشلاپ يۈرۈۋاتىمەن، كىيىمىڭلار يىرتىلىپ، ئايىغىڭلار تېشىلىپ باقمىدى. 6بۇ جەرياندا نان يەپ باقمىغان، مەي ياكى شاراب ئىچىپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئەمما پەرۋەردىگار ئېھتىياجىڭلارنى قامداپ كەلدى. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنىڭ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى ئۈچۈن ئىدى. 7بىز بۇ يەرگە كەلگەن ۋاقتىمىزدا خەشبون پادىشاھى سىخون، باشان پادىشاھى ئوگ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، بىز ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق. 8ئىگىلىگەن زېمىنلارنى رۇبېن، گاد ھەمدە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ بەردۇق. 9شۇڭا سىلەر بۇ ئەھدىدىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلساڭلار، بارلىق ئىشىڭلار راۋان بولىدۇ.

10سىلەر بۈگۈن ھەممىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرۇپسىلەر. ئاراڭلاردا قەبىلە باشلىقلىرى، ئاقساقاللار، باشقۇرغۇچىلار، باشقا بارلىق ئىسرائىل ئەرلىرى، 11بالىلار، ئاياللار ۋە ئوتۇنۇڭلارنى يېرىپ، سۈيۈڭلارنى توشۇپ، سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەرمۇ بار. 12بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن بۇ يەردە تۇرىسىلەر. بۇ ئەھدىنى پەرۋەردىگار ئۆز قەسىمى بىلەن مۆھۈرلەيدۇ. 13شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا قىلغان ۋەدىسىگە بىنائەن بۈگۈن سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىپ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىدۇ. 14پەرۋەردىگار بىز بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن بۇ ئەھدە پەقەت بىز بىلەنلا تۈزۈلگەن ئەھدە بولماستىن، 15بەلكى بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرغان بىز ۋە بىزنىڭ تېخى تۇغۇلمىغان ئەۋلادلىرىمىز بىلەنمۇ تۈزگەن ئەھدىدۇر.

16سىلەر بىزنىڭ مىسىردا قانداق ياشىغانلىقىمىزنى، باشقا ئەللەردىن بۇ يەرگە ئۆتۈپ، قانداق كەلگەنلىكىمىزنى بىلىسىلەر. 17ئۇلارنىڭ ياغاچ، تاش، ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى كۆردۈڭلار. 18ھوشيار بولۇڭلار، ئاراڭلاردىكى مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، مەيلى جەمەت ياكى قەبىلە بولسۇن ھېچقايسىسى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنمىسۇن! ئاراڭلاردا زەھەرلىك ۋە ئاچچىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان يىلتىز ئۆسمىسۇن! 19ئاراڭلاردىن ھېچكىممۇ بۇ ئەھدىگە پۈتۈلگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەنە پەرۋا قىلماي ئىچىدە: «مەن ئۆزۈم خالىغان يول بىلەن كېتىۋەرسەممۇ، ماڭا ھېچنېمە بولمايدۇ» دەپ ئويلىمىسۇن. ئۇ يامانلارغىمۇ ھەم ياخشىلارغىمۇ كۈلپەت كەلتۈرىدۇ. 20پەرۋەردىگار بۇنداق ئادەمنى كەچۈرمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قاتتىق قەھر-غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. بۇ يازمىدا پۈتۈلگەن بارلىق قارغىشلار ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ نامىنى دۇنيادىن يوقىتىدۇ. 21پەرۋەردىگار ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىن سىقىپ چىقىرىپ، بۇ قانۇن يازمىسىغا پۈتۈلگەن ئەھدىدىكى بارلىق قارغىشلار بىلەن جازالايدۇ.

22كېيىنكى ئەۋلادىڭلار ۋە يىراقتىن كەلگەن يات خەلقلەر پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىنغا چۈشۈرگەن بالايىئاپەت ۋە كېسەللىكلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. 23پۈتۈن زېمىن كۆيۈپ، تۇپراقلىرىنى گۈڭگۈرت ۋە تۇز قاپلاپ كېتىدۇ. ھېچكىم تېرىقچىلىق قىلالمايدۇ، سالغان ئۇرۇقى بىخلىمايدۇ، يەردىن ھېچنېمە ئۈنمەيدۇ. بۇ زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىلەن ۋەيران بولغان سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىم شەھەرلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. 24دۇنيادىكى ئەللەر: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا نېمىشقا بۇنداق قىلغاندۇ؟ نېمىشقا شۇنچە ئاچچىقلانغاندۇ؟» دەپ سورىسا، 25باشقىلار جاۋاب بېرىپ: «چۈنكى بۇ زېمىندىكى خەلق، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىدىن يۈز ئۆرۈپتۇ. بۇ ئەھدىنى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن تۈزگەنىكەن. 26ئەمدى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بۇ خەلق ئۆزلىرى بىلمەيدىغان ۋە پەرۋەردىگارى ئۇلارنىڭ چوقۇنۇشىنى چەكلىگەن باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلىپتۇ. 27شۇڭا پەرۋەردىگارى بۇ زېمىنغا غەزەپلىنىپ، ئەھدىسىگە پۈتۈلگەن بارلىق قارغىشلارنى بۇ زېمىنغا چۈشۈرۈپتۇ. 28خۇددى سىلەر بۈگۈن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى دەرغەزەپكە كېلىپ، ئۇلارنى بۇ يەردىن يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ ئېلىپ، باشقا يەرلەرگە تاشلاپتۇ.» دەيدۇ.

29سىرلار پەرۋەردىگارىمىز خۇداغىلا خاستۇر. لېكىن سىر ئەمەسلىرى، يەنى بۇ قانۇن بىزگە ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا مەڭگۈ تەۋەدۇر. بىز بۇ قانۇنغا پۈتۈلگەن بارلىق ئەمر-پەرمانلارغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى