« قانۇننىڭ تەكرارى »

13

خەلقنى بۇتپەرەسلىكتىن ئاگاھلاندۇرۇش

1_ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغان بىرى ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچى ئاراڭلاردا پەيدا بولۇپ، سىلەرگە كارامەت ۋە مۆجىزە كۆرسىتىمەن دېسە 2ۋە ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ئەمەلگە ئاشسا، كېيىن ئۇ «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دەپ، سىلەرنى ئەزەلدىن نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا ئېزىقتۇرسا، 3ئۇ ساختا پەيغەمبەر ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار! چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى سىنىغىنىدۇر. ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزىنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن سۆيىدىغان ياكى سۆيمەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ باقماقچى بولغانلىقىدۇر. 4پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئەگىشىڭلار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىڭلار ۋە سادىق بولۇڭلار. 5ئاراڭلاردا پەيدا بولۇپ قالغان ئاشۇ ساختا پەيغەمبەر ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلدۇرىدۇ. ئۇلار سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.

6ئەگەر سىلەرنى قېرىندىشىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، سۆيۈملۈك ئاياللىرىڭلار ياكى ئەڭ يېقىن دوستۇڭلار سىلەرمۇ ۋە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا يوشۇرۇنچە قىزىقتۇرۇپ: «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دېسە، 7ئۇلار قىزىقتۇرغان ئۇ ئىلاھلار مەيلى يېقىن ئەتراپتىكى ياكى يىراق جايدىكى يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، 8ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار ۋە ئىشەنمەڭلار. ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار، ئىچ ئاغرىتماڭلار ۋە ئۇلارنى قوغدىماڭلار. 9ئۇلارنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلارغا ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلار قول سېلىڭلار، ئاندىن جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈڭلار. 10ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈشكە ئۈندىدى. 11ئۇلارنى ئۆلتۈرسەڭلار، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاڭلاپ قورقىدۇ. ئاراڭلاردىن ھېچكىم يەنە مۇشۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.

12-13پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان ھەرقايسى شەھەرلەردە رەزىل كىشىلەر پۈتۈن جامائەتكە «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دەپ، ئۇلارنى سىلەر نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا قىزىقتۇرغانلىقىنى ئاڭلىساڭلار، 14ھەقىقىي ئەھۋالنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق يىرگىنچلىك ئىش يۈز بەرگەن بولسا، 15ئاشۇ شەھەردىكى ئاھالىلەرنى ۋە چارۋا ماللارنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. 16شەھەردىكى مال-مۈلۈكلەرنى شەھەر ئوتتۇرىسىغا توپلاپ، ئۇلارنى ۋە پۈتۈن شەھەرنى كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. شەھەر مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلسۇن، قايتا بىنا قىلىنمىسۇن. 17يوقىتىشقا تېگىشلىك ھېچقانداق بىر نەرسىنى ساقلاپ قالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار ئۆز غەزىپىدىن يېنىپ، سىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى كۆپەيتىدۇ. 18شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىڭلار.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى