« قانۇننىڭ تەكرارى »

11

بەختىيارلىق _ خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشتۇر

1_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار. ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى، قانۇن-تۈزۈملىرىگە ھەر دائىم ئەمەل قىلىڭلار. 2بۈگۈن شۇ نەرسە ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيەسىنى ئالغانلار پەرزەنتىڭلار ئەمەس، بەلكى سىلەردۇرسىلەر. پەرزەنتىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولىنى، 3مىسىر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن خەلقىگە قارشى قانداق ئاجايىپ مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى، 4مىسىر قوشۇنلىرىغا، ئاتلىرىغا ۋە جەڭ ھارۋىلىرىغا قانداق قارشى تۇرغانلىقىنى، ئۇلار سىلەرنى قوغلاپ كەلگەندە ئۇلارنى قىزىل دېڭىزغا قانداق غەرق قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن. 5سىلەر چۆللۈكتىن تاكى بۇ يەرگە كەلگۈچە پەرۋەردىگارنىڭ ھالىڭلاردىن قانداق خەۋەر ئالغانلىقىنى ئۇلار بىلمەيدۇ. 6رۇبېننىڭ ئەۋلادى، ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى بولغان داتان ۋە ئابىرامنى قانداق جازالىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا يەر يېرىلىپ، داتان، ئابىرام ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى، چېدىرلىرىنى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقانلارنى قانداق يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇلار كۆرمىگەن. 7لېكىن سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلىرىنى كۆرۈپ كەلدىڭلار.

8شۇڭا سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىڭلار. ئۇ سىلەرنى كۈچلۈك قىلىدۇ. سىلەر دەريادىن ئۆتۈپ، ئېرىشمەكچى بولغان زېمىننى ئىگىلەيسىلەر. 9پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندا ئۇزاق ياشايسىلەر. 10سىلەر ئىگىلىمەكچى بولغان ئۇ زېمىن سىلەر ياشىغان مىسىرغا ئوخشىمايدۇ. مىسىردا سىلەر ئۆزۈڭلار ئۇرۇق چېچىپ، ئۆزۈڭلار سۇغىراتتىڭلار. 11لېكىن سىلەر ئىگىلىمەكچى بولغان ئۇ زېمىندىكى تاغلار ۋە جىلغىلار يامغۇر سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ. 12پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا كۆڭۈل بۆلگەن ئۇ زېمىن يىل بېشىدىن تاكى يىل ئاخىرىغىچە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نەزىرىدىدۇر.

13ئەگەر بۈگۈن مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە چىن قەلبىڭلار بىلەن ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيسەڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلساڭلار، 14ئۇ زېمىنىڭلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا كۈز يامغۇرى، باھار يامغۇرى ياغدۇرۇپ، سىلەرنى ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىغا ئىگە قىلىدۇ. 15چارۋا ماللىرىڭلارنى ئېتىزىڭلاردا ئوت-چۆپلەرگە ئىگە قىلىدۇ. سىلەر يەيسىلەر، توق ياشايسىلەر.

16ئازدۇرۇلۇپ، خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا سەجدە قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭلار، 17بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىدۇ. ئۇ ئاسماننى يېپىپ، يامغۇر ياغدۇرمايدۇ، يېرىڭلارنى ھوسۇلسىز قالدۇرىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشۇ گۈزەل زېمىندا ھالاك بولىسىلەر. 18سىلەر بۇ سۆزلىرىمنى قەلبىڭلاردا ساقلاڭلار، ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. بۇلارنى تۈگۈنچەككە تۆگۈپ، نىشانە سۈپىتىدە قولۇڭلارغا باغلىۋېلىڭلار، پېشانەڭلارغا ئېسىۋېلىڭلار، 19پەرزەنتلىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار. مەيلى ئۆيدە، مەيلى يولدا، مەيلى ياتقاندا، مەيلى تۇرغاندا بولسۇن داۋاملىق ئۇلارغا سۆزلەڭلار. 20ئىشىكىڭلارنىڭ كېشەكلىرىگە ۋە دەرۋازىلىرىڭلارغا يېزىپ قويۇڭلار. 21شۇنداق قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ۋە پەرزەنتلىرىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيسىلەر. ئاسمان زېمىن ئۈستىدە قانچىلىك ئۇزۇن مەۋجۇت بولسا، سىلەرمۇ ئۇ زېمىندا شۇنچىلىك ئۇزۇن ياشايسىلەر. 22مەن يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيسەڭلار، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، سادىق بولساڭلار، 23ئۇ بارلىق ئەللەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيسىلەر. 24سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا يەر سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. چۆللۈكتىن لىۋانغىچە، فىرات دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ھەممە يەرلەر سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار بولىدۇ. 25ھېچكىم سىلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دېگىنىنى قىلىدۇ، سىلەر ئاياغ باسقان يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىلەردىن قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.

26قاراڭلار، مەن بۈگۈن ئالدىڭلارغا بەخت ۋە قارغىشتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىنى قويدۇم، ئۆزۈڭلار تاللاپ ئېلىڭلار. 27ئەگەر سىلەر مەن بۈگۈن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلساڭلار، بەختلىك بولىسىلەر. 28ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلماي، ئەكسىچە يولدىن چەتنەپ، ئەزەلدىن نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان بولساڭلار، قارغىشقا ئۇچرايسىلەر. 29پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى ئاشۇ زېمىننى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن باشلاپ كىرگەندە، گىرىزىم تېغىدا تۇرۇپ نېمىنىڭ بەختكە ئېرىشتۇرىدىغانلىقىنى، ئېبال تېغىدا تۇرۇپ نېمىنىڭ قارغىشقا قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاڭلار. 30بۇ ئىككى تاغ ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىگە، يەنى كۈن پېتىش تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىئوردان ۋادىسىدىكى كەنئانلىقلارنىڭ يېرىدىكى گىلگالنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدۇ. مورەھ دېگەن جايدىكى چوڭ دەرەخلەر بۇ ئىككى تاغقا يېقىندۇر. 31سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىننى ئىگىلەڭلار. سىلەر ئۇ زېمىنغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، 32مەن بۈگۈن سىلەرگە جاكارلىغان بارلىق قانۇن-نىزاملارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى