« قانۇننىڭ تەكرارى »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

«قانۇننىڭ تەكرارى»دا مۇسانىڭ موئاب زېمىنىدا ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن بىر قاتار يوليورۇقلىرى خاتىرىلەنگەن. ئىسرائىل خەلقى ئۇزۇن سەپەرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا كېلىپ، كەنئان زېمىنىغا كىرىشكە تەييارلىنىۋاتاتتى. مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە پەرۋەردىگارنىڭ سىناي تېغىدا دېگەنلىرىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ ۋەقەدىن قىرىق يىل بۇرۇن، پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىگە كەنئان زېمىنىغا كىرىشنى بۇيرۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇ يەردىكى خەلقلەردىن قورقۇپ، كەنئان زېمىنىغا كىرىشنى رەت قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چۆلدە قىرىق يىل سەرسان بولىدۇ. ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى زېمىنلارغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەرلەرنى ئىگىلەيدۇ ۋە يەرلەرنى تەقسىملەيدۇ. موئاب زېمىنىدا مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى ئىسرائىل خەلقى بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىدۇ ۋە پەرۋەردىگار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى يېڭىلايدۇ. كېيىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يوشۇۋانى ئۆزىنىڭ ئورنىغا يېتەكچىلىككە تەيىنلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. خەلققە بېرىلگەن تاللاش ئەركىنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئەگەر ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلسا، بەختكە ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئەمەل قىلمىسا، قارغىشقا قالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىسرائىل خەلقىگە بەخت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مۇسا خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن موئابتا 120 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

تېزىس:

  1. ‏ سىناي تېغىدىن باشلانغان سەپەرنىڭ ۋەقەلىرى (1-باب 1-ئايەتتىن 4-باب 43-ئايەتكىچە)
  2. سىناي تېغىدا يەتكۈزۈلگەن قانۇن-نىزاملارنىڭ تەكرار يەتكۈزۈلۈشى (4-باب 44-ئايەتتىن 29-باب 1-ئايەتكىچە)
  3. يېڭىدىن ئەھدە تۈزۈش (29-باب 2-ئايەتتىن 30-باب 20-ئايەتكىچە)
  4. يوشۇۋانىڭ مۇسانىڭ ئورنىغا يېتەكچى بولۇشى (31-باب 1-ئايەتتىن 29-ئايەتكىچە)
  5. مۇسانىڭ ۋەسىيەتلىرى (31-باب 30-ئايەتتىن 33-باب 29-ئايەتكىچە)
  6. مۇسانىڭ ۋاپاتى (34-باب)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى