« قانۇننىڭ تەكرارى »

1

كىرىش سۆز

1تۆۋەندىكىلەر مۇسانىڭ پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەينى چاغدا ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى چۆلدە بولۇپ، بۇ يەر سۇفنىڭ قارشىسىدىكى پاران، توفەل، لابان، خازېروت ۋە دىزاھاب شەھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. 2سىناي تېغىدىن كادېش-بارنېياغا بېرىش ئۈچۈن سەئىر تاغلىرىدىكى يول بىلەن ماڭسا، 11 كۈن كېتەتتى. 3ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 40-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن بارلىق ئەمرلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. 4بۇندىن ئىلگىرى مۇسا خەلقنى باشلاپ، خەشبوندىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى، ئاندىن ئاشتاروت شەھىرىدە ياشايدىغان باشان پادىشاھى ئوگنى ئەدرەئىدە مەغلۇپ قىلغانىدى.

سىناي تېغىدىن كېتىش

5مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى موئابلارنىڭ زېمىنىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى ئىسرائىللارغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

6_ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىناي تېغىدا بىزگە مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالدىڭلار. 7ئەمدى ئامور خەلقىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا رايونلىرىغا، تاغلىق رايونلار ۋە غەربىي ئېدىرلىقلارغا، نەگېب چۆللۈكى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى تۈزلەڭلىككە بېرىڭلار. كەنئان زېمىنىغا ۋە لىۋانغا قاراپ يولغا چىقىڭلار، تاكى فىرات دەرياسىغىچە بېرىڭلار. 8ئۇ زېمىنلارنى سىلەرگە ئاتا قىلدىم، بېرىپ ئىگىلەڭلار. ئۇ يەرلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن دەپ، ۋەدە قىلغانىدىم.»

مۇسانىڭ باشقا باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلىشى

9_ ئەينى چاغدا مەن مۇسا خەلققە: «مەن سىلەرنى باشقۇرۇشتەك بۇنداق ئېغىر ۋەزىپىنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئالالمايمەن. 10چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى كۆپەيتتى، سىلەر بۈگۈن خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپىيىپ كەتتىڭلار. 11ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەرنى يەنە مىڭ ھەسسە كۆپەيتكەي، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي. 12لېكىن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مەسىلىلەرنى، تالاش-تارتىشلارنى ۋە سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى قانداقسىگە ئۆزۈم يالغۇز ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟! 13ھەرقايسى قەبىلىلەردىن ئەقىللىق، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەرلەرنى تاللاڭلار، مەن ئۇلارنى سىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەيمەن» دېدىم. 14خەلق: «دېگەنلىرىڭ توغرا» دەپ مېنى قوللىدى. 15شۇڭا مەن ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەقىللىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى تاللاپ، خەلققە مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى، ئونبېشىلارنى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلىدىم. 16مەن ئۇلاردىن سىرت يەنە سوتچىلارنى تەيىنلەپ، ئۇلارنى ئەرزلەرنى ئاڭلاشقا، مەيلى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىكى، مەيلى ئىسرائىللار بىلەن يات خەلقلەر ئارىسىدىكى ئەرزلەر بولسۇن، ھەممىسىنى ئادىل سوتلاشقا، 17يان باسماسلىققا، نامرات ۋە باينىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاش قۇلاق سېلىشقا بۇيرۇدۇم. مەن: «سىلەر باشقۇرغۇچىلار ھەرقانداق كىشىدىن قورقماڭلار، چۈنكى ھۆكۈم خۇدانىڭدۇر. ئۆزۈڭلار يېشەلمىگەن دەۋالارنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، مەن ھەل قىلاي» دېدىم. 18ئەينى چاغدا مەن خەلققە قىلىشقا تېگىشلىك ھەممە ئىشلارنى ئېيتتىم.

ئون ئىككى چارلىغۇچىنىڭ ئەۋەتىلىشى

19_ بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە سىناي تېغىدىن يولغا چىقىپ، سىلەر كۆرگەن ئاشۇ چەكسىز، قورقۇنچلۇق قاقاس چۆللۈكتىن ئۆتۈپ، ئامورلارنىڭ تاغلىق رايونى بىلەن كادېش-بارنېياغا باردۇق. 20مەن خەلققە: «مانا ئەمدى بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلماقچى بولغان ئامور خەلقىنىڭ تاغلىق رايونىغا يېتىپ كەلدۇق. 21قاراڭلار، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلدى، سىلەر ئۇنىڭ ئەمرى بويىچە بۇ يەرنى ئىگىلەڭلار، قورقماڭلار، بوشىشىپ قالماڭلار!» دېدىم. 22لېكىن خەلق قېشىمغا كېلىپ: «ئالدى بىلەن ئۇ يەرلەرنى چارلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتەيلى، ئۇلار چارلاپ كېلىپ، ماڭىدىغان يول ۋە ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشقا تېگىشلىك شەھەرلەرنى بىزگە مەلۇم قىلسۇن» دېدى. 23مەن ئۇلارنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدۇم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن 12 ئادەمنى، يەنى ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن ئادەم تاللىدىم. 24ئۇلار تاغلىق رايونلارغا، ئەشكول جىلغىسىغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلىدى. 25ئۇلار ئۇ يەرنىڭ مېۋىلىرىدىن ئالغاچ كېلىپ: «بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان زېمىن ناھايىتى مۇنبەت ئىكەن» دەپ مەلۇم قىلدى.

خەلقنىڭ پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشى

26_ لېكىن خەلق پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىپ، ئۇ يەرگە بېرىشنى خالىمىدى. 27ئۇلار چېدىرلىرىدا پەرۋەردىگاردىن ئاغرىنىپ: «پەرۋەردىگار بىزگە ئۆچ بولغاچقا، بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئامور خەلقىنىڭ قولى بىلەن بىزنى يوقاتماقچى بولغان ئوخشايدۇ. 28ئەمدى بىز نەگە بارارمىز؟ ئۇ يەرگە بارغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى بىزدىن كۈچلۈك ۋە ئېگىزمىش. شەھەرلىرى ھەيۋەتلىك، سېپىللىرى ئېگىزلىكىدىن بۇلۇتقا تاقىشىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بار ئىكەن، شۇڭا بىز قورقۇپ، يۈرەكلىرىمىز ئېغىزلىرىمىزغا تىقىلىپ قالدى» دېيىشتى.

29مەن ئۇلارغا: «ھودۇقماڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار. 30مىسىردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇ يەردىمۇ سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. 31چۆلدىكى پۈتۈن سەپەر جەريانىدا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە خۇددى ئاتىنىڭ ئۆز بالىسىغا مېھرىبانلىق قىلغىنىدەك، مېھرىبانلىق قىلىپ، بۇ يەرگىچە باشلاپ كەلگەنلىكىگە شاھىت بولدۇڭلار» دېدىم.

32-33پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چېدىر تىكىدىغان يەرلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. كېچىدە ئوت، كۈندۈزى بۇلۇت بولۇپ، يول باشلىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق خەلق يەنىلا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشەنمىدى.

34پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاغرىنىشىنى ئاڭلاپ، غەزەپلەندى. ئۇ قەسەم قىلىپ: 35«بۇ رەزىل ئەۋلادتىن ھېچكىمنى مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان بۇ گۈزەل زېمىننى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلمايمەن. 36پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلىمەن. ئۇنىڭ ئايىغى تەگكەن ھەممە يەرلەرنى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن. چۈنكى ئۇ ماڭا چىن قەلبى بىلەن ئەگەشتى» دېدى. 37خەلق تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ماڭا غەزەپلىنىپ: «سەنمۇ ئۇ يەرگە بارالمايسەن، 38لېكىن سېنىڭ ياردەمچىڭ بولغان نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بارالايدۇ. سەن ئۇنى رىغبەتلەندۈرگىن، چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى ئاشۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا باشلاپ بارىدۇ» دېدى. 39ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر ‹بالا-چاقىلىرىمىز ئەسىر بولۇپ قالىدۇ› دەپ ئويلىغانىدىڭلار، لېكىن ئاق-قارىنى تېخى پەرق ئېتەلمەيدىغان بۇ بالىلار ئاشۇ زېمىنغا بارىدۇ. مەن ئۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، ئۇلار ئۇ يەرنى ئىگىلەيدۇ. 40سىلەر ئەمدى ئارقاڭلارغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە بېرىڭلار.»

41خەلق ماڭا: «بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدۇق، ئەمدى بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۇرۇش قىلىشقا رازىمىز» دېيىشتى. ئۇلار قوراللانساقلا، ئۇ تاغلىق رايوننى ئاسانلا ئالالايمىز، دەپ ئويلىدى.

42لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوي، جەڭگە ئاتلانمىسۇن، بولمىسا ئۇلار دۈشمىنىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارغا يار ئەمەس» دېدى. 43مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى خەلققە يەتكۈزدۈم، لېكىن ئۇلار كىبىرلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە قۇلاق سالماي، تاغلىق رايونلارغا يۈرۈپ كەتتى. 44تاغلاردا ياشايدىغان ئامورلار ئۇلارغا قارشى ھەرىدەك جەڭگە ئاتلاندى. ئامورلار ئۇلارنى سەئىر رايونىدىكى خورماھقىچە قوغلاپ كەلدى ۋە ئۇ يەردە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. 45ئۇلار قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا يىغلىدى، لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆز يېشىغا پەرۋا قىلمىدى. 46شۇڭا بىز كادېش-بارنېيادا ناھايىتى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدۇق.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى