« ئەزرا »

2

قايتىپ كەلگۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى

1تۆۋەندىكىلەر بابىلدىكى ئەسىردىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلىرىنىڭ تىزىملىكىدۇر. نىبۇكادنەزەر پادىشاھ بۇرۇن ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ بابىلغا پالىغانىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم ۋە باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى. 2زىرۇببابەل، يېشۇۋا، نەخەمىيا، سىرايا، رىئېلايا، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، رىخۇم ۋە بائانالار ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ قايتۇرۇپ كەلدى. سۈرگۈندىن قايتقان ئىسرائىل ئەرلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:

3پارئوش جەمەتىدىن 2172 كىشى

4شىفاتيا جەمەتىدىن 372 كىشى

5ئاراخ جەمەتىدىن 775 كىشى

6پاخات-موئاب جەمەتىدىن (يېشۇۋا ۋە يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى) 2812 كىشى

7ئېلام جەمەتىدىن 1254 كىشى

8زاتتۇ جەمەتىدىن 945 كىشى

9زاككاي جەمەتىدىن 760 كىشى

10بانى جەمەتىدىن 642 كىشى

11بېباي جەمەتىدىن 623 كىشى

12ئازگاد جەمەتىدىن 1222 كىشى

13ئادونىقام جەمەتىدىن 666 كىشى

14بىگۋاي جەمەتىدىن 2056 كىشى

15ئادىن جەمەتىدىن 454 كىشى

16ئاتېر جەمەتىدىن (خىزكىيانىڭ ئەۋلادلىرى) 98 كىشى

17بېزاي جەمەتىدىن 323 كىشى

18يورا جەمەتىدىن 112 كىشى

19خاشۇم جەمەتىدىن 223 كىشى

20گىببار جەمەتىدىن 95 كىش

21بەيتلەھەملىكلەردىن 123 كىشى

22نىتوفالىقلاردىن 56 كىشى

23ئاناتوتلۇقلاردىن 128 كىشى

24ئازماۋەتلىكلەردىن 42 كىشى

25قىريات-يىئارىم، كىفىرا ۋە بەئەروتلۇقلاردىن 743 كىشى

26راماھ ۋە گەبالىقلاردىن 621 كىشى

27مىكماسلىقلاردىن 122 كىشى

28بەيتەل ۋە ئايلىقلاردىن 223 كىشى

29نىبولۇقلاردىن 52 كىشى

30ماگبىشلىقلاردىن 156 كىشى

31ئېلاملىقلاردىن 1254 كىشى

32خارىملىقلاردىن 320 كىشى

33لود، خادىد ۋە ئونولۇقلاردىن 725 كىشى

34ئېرىخالىقلاردىن 345 كىشى

35سىنائالىقلاردىن 3630 كىشى.

36روھانىيلاردىن:

يىدايا جەمەتىدىن (يېشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى) 973 كىشى

37ئىممېر جەمەتىدىن 1052 كىشى

38پاشخۇر جەمەتىدىن 1247 كىشى

39خارىم جەمەتىدىن 1017 كىشى.

40لاۋىيلاردىن:

يېشۇۋا ۋە قادمىئېل جەمەتىدىن (ھوداۋيا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى

41ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرى: ئاساف جەمەتىگە تەۋە 128 كىشى

42ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى: شاللۇم، ئاتېر، تالمون، ئاققۇب، خاتىتا ۋە شوباي جەمەتلىرىگە تەۋە 139 كىشى.

43ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ جەمەتىدىن:

زىخا، خاسۇفا، تاببائوت،

44قېروس، سىئاھا، پادون،

45لىبانا، خاگابا، ئاققۇب،

46خاگاب، شالماي، خانان،

47گىددېل، گاخار، رىئايا،

48رىزىن، نىقودا، گاززام،

49ئۇززا، پاسېياخ، بېساي،

50ئاسناھ، مىئۇنىم، نىفۇسىم،

51باقبۇق، خاقۇفا، خارخۇر،

52بازلۇت، مىخىدا، خارشا،

53بارقوس، سىسىرا، تەماخ،

54نىزىياخ ۋە خاتىفالار.

55سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ جەمەتىدىن:

سوتاي، ھەسسوفەرەت، پىرۇدا،

56يالاھ، دارقون، گىددېل،

57شىفاتيا، خاتتىل، پوكەرەت-ھاززىبايىم ۋە ئامىلار.

58ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 392 كىشى.

59تېلمەلاخ، تېلخارشا، كىرۇب، ئاددان ۋە ئىممېر دېگەن جايلاردىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى. 60بۇ كىشىلەر دىلايا، توبىيا ۋە نىقودا جەمەتلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 652 كىشى ئىدى.

61خاباييا، ھاققوز ۋە بارزىللاي دېگەن ئۈچ روھانىي جەمەتىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بارزىللاي گىلئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتكەنىدى. 62بۇ روھانىيلار نەسەبنامىلىرىدىن جەمەت ناملىرىنى تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار ناپاك ھېسابلىنىپ، روھانىيلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىدى. 63يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى ئۇلارغا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى* ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، خۇداغا ئاتالغان يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكىنى يېمەسلىكىنى بۇيرۇدى.

64يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 42,360 كىشى بولدى. 65سانالماي قالغانلاردىن 7337 ئەر-ئايال خىزمەتكار، 200 ئەر-ئايال ناخشىچى ۋە 66ئۇلارنىڭ 736 ئات، 245 قېچىر، 67435 تۆگە ۋە 6720 ئېشىكىمۇ بار ئىدى.

68بۇ سۈرگۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىشقا خالىس ھەدىيىلەرنى تەقدىم قىلدى. 69ئۇلار ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە جەمئىي 61,000‏ ئالتۇن تەڭگە، 3000 كىلو كۈمۈش ۋە 100 قۇر روھانىي تونىنى ئىئانە قىلدى.

70روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشتى. قالغانلار بولسا ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى.



*63كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىزدىنىشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەك بولۇشى مۇمكىن. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش»، بۇ يەردە «بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس»، بۇ يەردە «بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى