« ئەزرا »

1

كورەش پادىشاھنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىغا پەرمان چۈشۈرۈشى

1پېرسىيە پادىشاھى كورەش تەختكە ئولتۇرغان 1-يىلى* پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. خۇدا كورەش پادىشاھنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى قەغەزگە پۈتۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى.

2«بۇ پېرسىيە پادىشاھىنىڭ ئېيتقانلىرىدۇر: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشىئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا قۇرۇشقا تەيىنلىدى. 3پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغان سىلەر ئىسرائىللار يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا بىنا قىلىڭلار. خۇدا يېرۇسالېمدىدۇر، ئۇ سىلەرگە يار بولغاي! 4مەيلى قەيەردە بولسۇن، سۈرگۈنلەر ئارىسىدا يېرۇسالېمغا قايتماقچى بولغانلار بولسا، ئۇلارغا قولۇم-قوشنىلىرى ياردەم قىلىپ، ئالتۇن-كۈمۈش، مال-مۈلۈك ۋە مال-ۋاران بەرسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا خالىس ھەدىيەلەرنى سۇنسۇن.›»

5شۇنىڭدىن كېيىن، خۇدا دىللىرىغا سالغان ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار يېرۇسالېمغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشقا تەييارلاندى. 6بارلىق قولۇم-قوشنىلار ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، مال-مۈلۈك، مال-ۋاران ۋە قىممەتلىك نەرسىلەردىن باشقا يەنە ئىبادەتخانا ئۈچۈن خالىس ھەدىيىلەرنى سۇندى. 7كورەش پادىشاھ ئۇلارغا سابىق پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ ئۆز بۇتخانىسىغا قويغان قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بەردى. 8پېرسىيە پادىشاھى كورەش خەزىنە ۋەزىرى مىترىداتنى بۇ قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەسئۇل قىلدى. مىترىدات يەھۇدىيەگە قايتىدىغان سۈرگۈنلەرنىڭ باشلىقى شېشباسسارغا ئۇلارنى ساناپ ئۆتكۈزۈپ بەردى. 9ئۇلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

30 دانە ئالتۇن داس

1000 دانە كۈمۈش داس

29 دانە كۈمۈش ئەسۋابلار

1030 دانە ئالتۇن قاچا

410 دانە كۈمۈش قاچا

1000 دانە باشقا خىل قاچا-قۇچا

11ھەممىسى بولۇپ 5400 دانە ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا بولدى. سۈرگۈنلەر بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندە، شېشباسسار بۇ قاچا-قۇچىلارنى بىرگە ئېلىپ كەلدى.



*1كورەش پادىشاھ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 539-يىلى تەختكە ئولتۇرغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى