« ئەستىر »

8

موردىكاي بىلەن ئەستىرنىڭ ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇشى

1شۇ كۈنى پادىشاھ ئاخاشۋېروش يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى ھاماننىڭ پۈتۈن ئۆي-جاي، مال-مۈلكىنى خانىش ئەستىرگە بەردى. موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىشىگە ئىجازەت بېرىلدى. چۈنكى ئەستىر پادىشاھقا ئۇنىڭ ئۆز تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى. 2پادىشاھ ھاماندىن تارتىۋېلىنغان مۆھۈرلۈك ئۈزۈكنى موردىكايغا بەردى. ئەستىر موردىكايغا ھاماننىڭ ئۆي-جاي، مال-مۈلكىنى باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلدى. 3ئەستىر يەنە پادىشاھنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاماننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى بىكار قىلىشىنى يېلىنىپ سورىدى. 4پادىشاھ ئەستىرگە ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتقانىدى، ئەستىر پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن تۇرۇپ:

5_ ئەگەر مەن ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولسام، ئالىيلىرى توغرا تېپىپ، مەندىن مەمنۇن بولسىلا، ئالىيلىرى خالىسىلا، بىر ئەمر چۈشۈرۈپ، ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاماننىڭ ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن يازدۇرغان مەكتۇپلىرىنى بىكار قىلغايلا. 6مەن خەلقىمنىڭ يوقىتىلىشىغا، تۇغقانلىرىمنىڭ قىرىلىشىغا قانداقمۇ چىداپ تۇرالايمەن؟ _ دېدى.

7پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ئەستىر بىلەن يەھۇدىي موردىكايغا مۇنداق دېدى:

_ ھامان يەھۇدىيلارنى قىرىپ تاشلىماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى دارغا ئاستۇردۇم ۋە مال-مۈلكىنى ئەستىرگە بەردىم. 8ئەمدى خالىغىنىڭلارچە، مېنىڭ نامىمدا يەھۇدىيلارغا مەكتۇپ يېزىپ، مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىمنى بېسىڭلار. شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلىپ، پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بېسىلغان ھەرقانداق مەكتۇپ بىكار قىلىنمايدۇ.

9شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى ئاينىڭ يەنى شىۋان ئېيىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى* موردىكاي پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىلىرىنى يىغىپ، يەھۇدىيلارغا ۋە ھىندىستاندىن مىسىرنىڭ نېرىسىغىچە بولغان ئىمپېرىيىنىڭ جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىسىدىكى رەئىسلىرى، بەگلىرى ۋە ئەمەلدالىرىغا قارىتا، مەكتۇپ يازدۇردى. مەكتۇپلار ھەربىر ئۆلكىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ تىل-يېزىقىدا يېزىلدى. 10موردىكاي پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ نامىدا يازدۇرغان بۇ مەكتۇپلارغا ئۇنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىنى باستۇردى ۋە ئۇلارنى ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنگەن چاپارمەنلەر ئارقىلىق تارقاتتى.

11مەزكۇر مەكتۇپلاردا پادىشاھ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلىشىشىگە ئىجازەت بەرگەن. يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ھەرقانداق مىللەت ۋە ئۆلكىدىن بولغان ئادەملەرنى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى قىرىشىغا، ئۆلتۈرۈشىگە، يوق قىلىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت بېرىلگەن. 12بۇ ئىش پۈتۈن ئۆلكىلەردە ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى* يەنى ئەسلىدە يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشقا بەلگىلەنگەن كۈنى، بىر كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىنسۇن دەپ بېكىتىلدى. 13بۇ مەكتۇپنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىسى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە پەرمان بولۇپ جاكارلىنىدىغان ۋە ھەممە ئادەمگە ئۇقتۇرۇلىدىغان بولدى. شۇنداق بولغاندا يەھۇدىيلار دۈشمەنلىرىدىن شۇ كۈنى ئىنتىقام ئېلىشقا تەييار بولالايتتى. 14چاپارمەنلەر ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنىپ پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جىددىي ئاتلاندى، سۇزادىكى قەلئەدىمۇ بۇ پەرمان ئېلان قىلىندى.

15موردىكاي ئاق ۋە كۆك شاھانە لىباسنى كىيىپ، كەندىر يىپتىن توقۇلغان سۆسۈن رەڭ يەڭسىز يېپىنچىسىنى يېپىنىپ، كاتتا ئالتۇن تاجىنى تاقاپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. سۇزا شەھىرى خۇشاللىق تەنتەنىلىرىگە چۆمدى. 16يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بۇ چاغ بەخت-سائادەتكە ئېرىشكەن، شاد-خوراملىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە تولغان چاغ بولدى. 17پادىشاھنىڭ پەرمانى ھەممە ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە يېتىپ بارغاندا، ئۇنى ئاڭلىغان يەھۇدىيلار شادلىققا تولۇپ، خۇشاللىق زىياپىتى بېرىشتى، بايرام قىلىش ئارقىلىق تەبرىكلەشتى. نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر يەھۇدىيلاردىن قورقۇشۇپ، يەھۇدىي بولۇشتى.



*9مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*12مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى