« ئەستىر »

5

ئەستىرنىڭ پادىشاھ بىلەن ھامانغا زىياپەت بېرىشى

1ئۈچىنچى كۈنى ئەستىر شاھانە لىباسنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىغا يەنى پادىشاھ تەختى قويۇلغان خاس خانىسى ئۇدۇلىدىكى ھويلىغا كىردى. پادىشاھ خاس خانىسى ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تەختىدە ئولتۇراتتى. 2پادىشاھ خانىش ئەستىرنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ، خانىش ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقاچ ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەستىر ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھاسىنىڭ ئۇچىنى تۇتتى. 3پادىشاھ ئۇنىڭدىن:

_ ئەي خانىش ئەستىر! نېمە بولدى؟ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا ئىمپېرىيىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ، _ دېدى.

4_ ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۈگۈن ھامان بىلەن بىرگە، سىلى ئۈچۈن تەييارلىغان زىياپىتىمگە قەدەم تەشرىپ قىلغايلا، _ دېدى ئەستىر پادىشاھقا. 5پادىشاھ:

_ ئەستىرنىڭ تەلەپ قىلغىنىدەك ھاماننى دەرھال ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ زىياپەتكە ھامان بىلەن بىللە باردى.

6شاراب ئىچىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئەستىردىن يەنە:

_ ئىلتىماسىڭ نېمە؟ ئىلتىماسىڭ بەجا كەلتۈرۈلىدۇ. نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا ئىمپېرىيىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ، _ دېدى.

7-8_ مېنىڭ ئىلتىماسىم ۋە تەلىپىم شۇكى: ئەگەر مەن ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولسام، ئالىيلىرى خالىسىلا، ئەتە ئۆزلىرى ھامان بىلەن بىرگە ئىككىلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان زىياپىتىمگە قاتنىشىپ بەرگەيلا. شۇ چاغدا سىلىنىڭ سورىغانلىرىغا جاۋاب بېرەي، _ دېدى ئەستىر.

ھاماننىڭ موردىكاينى قەستلەش پىلانى

9ھامان زىياپەتتىن كۆڭلى خۇش قايتتى. لېكىن ئۇ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىدە، موردىكاينىڭ ئۇ يەردە ئورنىدىن مىدىرلىماي ئولتۇرغىنىنى، ئۆزىدىن بىرئازمۇ ئەيمەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى. 10لېكىن ئۇ غەزىپىنى بېسىۋېلىپ، ئۆيىگە قايتىپ، ئاغىنىلىرىنى چاقىرتتى ۋە خوتۇنى زەرەشنىمۇ كەلتۈردى. 11ھامان ئۇلارغا ئۆزىنىڭ چەكسىز بايلىقى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى ھەققىدە پو ئاتتى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى قانداق ئۆستۈرۈپ، بارلىق ئالىي ئەمەلدارلار بىلەن بەگلەردىن يۇقىرى قىلغانلىقىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى. 12ھامان يەنە:

_ بۇلاردىن باشقا خانىش ئەستىر بەرگەن زىياپەتكە پادىشاھ بىلەن مەندىن باشقا ھېچكىم تەكلىپ قىلىنماپتۇ. ئۇ يەنە پادىشاھ بىلەن مېنى ئەتىكى زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى! 13بىراق مەن قاچانلا ھېلىقى يەھۇدىي موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرسەم، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماڭا ھېچبىر ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، _ دېدى.

14ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا:

_ سىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئوتتۇز يەتتە گەز* ئېگىزلىكتە بىر دار تەييارلىتىڭ ۋە ئەتە ئەتىگەندە پادىشاھتىن موردىكاينى دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلىڭ. شۇنداق قىلغاندا زىياپەتكە خۇشال-خۇرام بارىسىز، _ دەپ تەكلىپ بېرىشتى. ھامان بۇنى ياخشى مەسلىھەت دەپ بىلىپ، ئېگىز بىر دار تەييارلاتتى.



*14تەخمىنەن 22 مېتىرغا توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى